• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ساغلاملىق دېگەن نېمە؟
  • ساغلاملىق دېگىنىمىز،پەقەت ئورگاننزمدا كېسەللىك بولمىغان ھالەتنىلا كۆرسەتمەستىن،بەلكى بەدەن،پسىخىك ھالەت،ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا،بىر ئادەمدە تۈرلۈك كېسەللىكلەر بولمايلا قالماستىن،شۇ ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى،پسخىك ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنىڭمۇ ساغلام، نورمال بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

    2.روھىي كېسەلنىڭ ھەممىسى 《ساراڭمۇ》؟ روھىي كېسەلنىڭ تۈرلىرى قانچە خىل بولىدۇ؟

    1948-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فرانسىيىنىڭ پاراژ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تېببىي ئىلىم يىغىنىدا تۇنجى قېتىم روھىي كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ چىقتى.شۇنىڭدىن كىيىن روھىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى بارغانسېرى ئېنىقلىنىشقا،مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.1985-يىلدىن بۇيان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى روھىي كېسەللىككە قارىتا يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

    مەملىكىتىمىز 1988-يىلى روھىي كېسەللىكلەر تۈرىنىڭ سىناق لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىپ،روھىي كېسەللىلەرنى تۈۋەندىكىدەك 14 تۈرگە ئايرىدى.

    1) مېڭە ئەزا خاراكتېرلىك روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.

    2) بەدەن كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.

    3) روھىي ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلار پەيدا قىلغان روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.

    4) ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى.

    5) ھېسىيات خاراكتېرلىك روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش.

    6) جاھىللىق خاراكتېرىدىكى روھىي كېسەل.

    7) ئىنكاس خاراكتېرلىك روھىي كېسەل.

    8) نېرۋا فونكىسىيسى بۇزۇلۇش كېسىلى.

    9) پىسخىك ئامىللار پەيدا قىلغان فىزىئولوگىيلىك فۇنكىسىيسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى.

    10) ئىنسان تەبىئيتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى.

    11) جىنسىي جەھەتتە پىسخولوگىيلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش.

    12) روھىي پائالىيەت تەرەققىياتى ئاستىلاش.

    13) ئۆسمۈرلەردىكى روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسىلى.

    14) باشقا تۈردىكى روھىي كېسەللەر.

    دېمەك‹‹ساراڭ››دەپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى››روھىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئاتاش خاتا.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;