• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قورقۇش خاراكتېردىكى نېۋروز
  •   مەلۇم بىر ئالاھىدە شەيئى(شەخس) ، مۇھىت ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن كېسەلدە پەيدا بولغان كۈچلۈك قورقۇش ھېسسىياتىنى ھەم كېسەلنىڭ چەتكە ئېلىش ئارقىلىق ئەنسىزلىك كەيپىياتىدىن قۇتىلىشنى قورقۇش خاراكتېردىكى نېۋروز(قورقۇش كېسىلى) دەيمىز.

    ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى:

    1.كېسەل مەلۇم بىر ئورۇندا پەيدا بولغان قورقۇش ھېسسىياتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئەمما ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ، ناھايىتى تەشۋىشلىنىدۇ.

    2. ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈنىدۇ. كېسەلنىڭ شۇ مەيداندىن قاچقان ئارلىقىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا قاراپ كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى بەلگىلەيمىز.

    3. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش سەۋەبىدىن كېسەلنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە 20 ياش ئەتراپىدىكى ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. چوڭلارنىڭ ئاددىي تىپلىق قورقۇش كېسىلى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى مەلۇم بىر دەۋردىن باشلىنىدۇ.بۇ خىل ئالاھىدىلىك باشقا نېۋروز بىلەن پەرقلىنىدۇ.مەسىلەن: ھايۋانلار ياكى قۇرت قوڭغۇزلاردىن قورقۇش كېسىلى ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. لېكىن 19~13ياشلارغا كىرگەندە ئۆزلىگىدىن ياخشىلىنىپ قالىدۇ ياكى مەلۇم بىر تەسىر ياكى باشقىلارنىڭ قورقىتىشى ياكى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەسىرىدىن ياكى شەرتلىك رېفلىكىس سەۋەبىدىن قورقۇش ئالامىتى شەكىللىنىدۇ.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەنگىلىيىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردىن قورقۇش كېسىلىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگا ئاساسلانغاندا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ %19دە مۇشۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بولىدۇ.مەسىلەن : خىجىلچان، پاسسىپ بولۇش، باشقىلارغا تايىنىۋېلىش ، تەشۋىشلىنىش قاتارلىقلار.

    دۆلىتىمىزدە بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىغانلار ناھايىتى ئاز.

    كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى

    1.ئاددىي (نوقۇل)تىپتىكى قورقۇش كېسىلى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. چوڭلارنىڭ ھايۋانلاردىن قورقىشى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدى باشلانغان بولىدۇ. چوڭلاردا مەلۇم بىر ئالاھىدە نەرسىلەرگە مەسىلەن: ئۆمۈچۈك، يىلان، ئېگىزلىك، خىلۋەت يەر، تاشلاندۇق كان رايونى، گۈلدۈرماما، چاقماققا نىسبەتەن قورقۇش تۇيغۇسى بولىدۇ. گۈلدۈرماما ۋە چاقماقتىن قورقىدىغانلاردا شۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە قورقۇپلا قالماستىن بەلكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسىمۇ ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. ھەتتا بۇخىل بىئاراملىقنى يوقىتىش ئۈچۈن باشقا جايلارغا كېتىپ چاقماق ۋە گۈلدۈرمامىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

    2. ئاممىۋى سورۇندىن قورقۇش كېسىلى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئاممىۋى سورۇنلاردىن قورقۇپلا قالماستىن بەلكى ئادەم كۆپ يەردىنمۇ قورقۇپ ئۇ يەردىن كېتىدۇ ياكى ئادەم جىق يەردە ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل سورۇن ، ئاپتوبۇس بېكىتى، پوتىز ئىستانىسسى، كىتابخانا ، تاللا بازىرى، ۋە تۇيۇقسىز ئايرىلغىلى بولمايدىغان ئورۇن قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېسەلگە گخرىپتار بولغۇچىلار شۇ خىل سورۇنلاردىكى بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆيدە يالغۇز قېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سىرتقا چىقىشتىن قورقىدۇ.

    3. ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقۇش كېسىلى. يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىككى خىل قورقۇش كېسىلىگە قارىغاندا ئاز ئۇچرايدۇ. كېسەل ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا خىجىللىق ھېس قىلىپ، نومۇس قىلىدۇ، بىر جايىدا تۇرالمايدۇ. بىئەپلىك ھېس قىلىدۇ. پالاكەتلىشىپ كېتىدۇ، ئىنكاسى ئاستىلايدۇ، باشقىلارنىڭ ،مەسخىرە قىلىش ئوبىيىكتى بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللار كېسەلنىڭ قىياپىتى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق كېسەللەر ئاممىۋى سورۇنلاردا گەپ قىلىشقا ياكى خەت يېزىشقا ، تاماق يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بەزى كېسەللەر باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراشتىنمۇ قورقىدۇ. باشقىلار بىلەن كۆزى ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;