• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى نېۋروز
  • مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى نېۋروز بىر خىىل مەجبۇرى كۆز قاراش ۋە مەجبۇرى ھەرىكەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان نېۋروزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى:

    1 .كېسەل گەرچە بۇ خىل مەجبۇرى كۆزقاراش ، مۇددا ۋە ھەركەتنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ سۇبىيېكتىپ ئىرادىسنى كونترول قىلالمايدۇ(ياكى بۇ خىل كۆز قاراش ياكى ھەركەتنى قىلماي دەپ ئويلىسىمۇ،ئىچ-ئىچىدىن ئۆزىنى باسالماي قىلىۋېتىدۇ).

    2 .بۇ خىل مەجبۇرلاش ھالىتىدىن كېسەل ناھايىتى بىئاراملىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ.

    3.كېسەلنىڭ كېسەللىككە بولغان تونۇشى ىاھايىتى ياخشى بولىدۇ.داۋالىنىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ.

    4.كېسەلدە مەجبۇرىي كۆزقاراش ياكى مەجبۇرىي ھەرىكەت ئايرىم-ئايرىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ.يەنە بەزىلەردە بۇ ئىككى خىل ئەھۋال تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.كېسەل پەيدا بولۇش يېشى 34~16 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەر – ئاياللارنىڭ كېسسەللىنىش نىسپىتىدە پەرق بولمايدۇ.بۇ خىل كېسەللىك ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئىجتىمائىي،پىسخىك ئامىل بۇ كېسەلنى قوزغىتىدىغان سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.بەزىدە نورمال كىىشىلەردىمۇ مەجبۇرلاش كۆزقارىشى پەيدا بولۇپ قالىدۇ، لېكىن ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.كېسەللەردە بولسا بۇ خىل مەجبۇرلاش كۆز قارىشى ئۇزۇن ۋاقىت  داۋاملىشىدۇ.بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئىجتىمائىي، پىسخىك ئامىل خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىشىشى، تەلەپنىڭ قاتتىق بولىشى، تۇرىۋاتقان مۇھىتنىڭ جاپالىقلىقى، بىرەر كېلىشمەسلىكتىن قورقۇش، ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا جىددىيلىشىش، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى جىددىيلىشىش ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، تۇيۇقسىز قاتتىق قورقۇپ كېتىش، ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ۋەيران بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئامىللىار كېسەلگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكتىن، كېسەل كىچىككىنە ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ، بىرەر ئىشقا يولۇقسا خېلى ئۇزۇنغىچە ئىككىلىنىدىغان، قايتا-قايتا ئويلايدىغان، گۇمان قىلىدىغان  بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى ئالامەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرلاش ئالامىتىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي، پىسخىك ئامىللار بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ. لېكىن مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كېسەلنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچىيىپ، بۇ خىل مەجبۇرلاش ئالامىتى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كېسەلنىڭ تەبىئىتى قورقۇنچاق، نازۇك، ئىنتايىن ئىنچىكە، ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ، كاج بولۇپ، بىر ئشلارنى قىلغاندا ھەددىدىن زىيادە زىغىرلايدۇ، قايتا-قايتا كۆزىتىپ ئوشۇقتىن  ئوشۇق ئەستايىدىللىق قىلىدۇ.

    كىلىنكىلىق ئالامەتلەر

    1. مەجبۇرىي كۆز قاراش

    1) مەجبۇرىي خاراكتېردىكى گۇمانلىنىش. بۇرۇن قىلىپ بولغان ئىشلار ياكى خېلى بۇرۇن تۈگەتكەن ئىشلىرىغا نىسبەتەن داۋاملىق ئەنسىرەيدۇ. مەسىلەن: ئىشىكنى قۇلۇپلاپ بولۇپ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىكنى قۇلۇپلىدىممۇ يوق ، دەپ ئەنسىرەش ياكى ئىشىكنى ئەتمەي قالدىم ، دەپ گۇمان قىلىش. خەتنى پوچتا ساندۇقىغا سېلىپ بولۇپمۇ ، ماركا چاپلىدىممۇ يوق ، دەپ ئەنسىرەش قاتارلىقلار.بۇنداق كېسەللەر ھەرقانداق ئىشتىن گۇمانلىنىپ ئەنسىرەيدىغان، ئىشلارنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ ياكى كۆزدىن كەچۇرۇپ بولۇپ ئاندىن كۆڭلى تىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    2) مەجبۇرلاش خارەكتېردىكى ئەسلەش

    كېسەل ئۆتۇپ كەتكەن ئىشلارنى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى قايتا-قايتا ئەسلەيدىغان پىسخىكا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. كېسەل بۇنداق ئويلاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا توختىماي ئەسلەش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئەسلەش ھالىتىدىن قۇتۇلاي دەپمۇ قۇتۇلالمايدۇ.

    3)ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى مەجبۇرى ئەسلەش

    كېسەل مەجبۇرىي ھالدا قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىشلارنى قايتا-قايتا ئويلايدۇ.مەسىلەن: تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەبىئىي ھادىسىلەرنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشلارنى تىنىم تاپماي ئويلايدۇ. مەسىلەن: "دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى نېمىشقا چۈشۈپ كېتىدۇ؟ ئادەملەر نېمە ئۈچۈن ئەر-ئايال دەپ ئايرىلىدۇ؟" قاتارلىقلار.

    4)مەجبۇرلاش خارەكتېردىكى قارشى تەپەككۇر

    كېسەلدە داۋاملىق بىر خىل قارشى تەپەككۇر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: "ياشىسۇن" دېگەن خەتنى كۆرسە دەرھال "يوقالسۇن" دېگەن خىيال پەيدابولىدۇ. ئەگەر "ئۇرۇش" دېگەن خەت ئۇچرىسا ،دەرھال كاللىسىدا "تىنچلىق" دېگەن خىيال پەيدا بولىدۇ.


    2.مەجبۇرىي مۇددىئا ۋە ھەرىكەت

    1)مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى مۇددىئا

        كېسەل مەلۇم بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا شۇ ۋاقىتقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئوي-پىكىردە بولىدۇ. مەسىلەن: تاشقى بۆلۈم دوختۇرى ئوپېراتسىيە ئىشلەشنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى نورمال دېزىناېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوپېراتسىيە باشلىناي دېگەندە، تەرىتى قىستاپ كېتىپ، ئۆزىنى زادى كونترول قىلالمايدۇ. ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىن ئايرىلىش ئويىدا بولىدۇ، لېكىن ئۇنداق قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ خىل جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاشقى بۆلۈم دوختۇرى ئوپېراتسىيەدىن ئۆزىنى تارتىدۇ.

    2)مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى يۇيۇش

        كېسەل مەلۇم نەرسىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن قولىنىڭ پاكىز بولماي قېلىشىدىن ، مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، قايتا-قايتا قولىنى يۇيىدۇ. قولىنىڭ پاكىز بولغانلىقىنى ، قايتا يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلسسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ كېسەل ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى توختىماي يۇيىدىغان، مونچىغا كۆپ چۈشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا كېسەل ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.

    3) مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى ساناق ساناش

    كېسەل ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان ھالدا ساناق سانايدۇ. مەسىلەن: ئىستولبىنى كۆرگەندە توختىماي سانايدۇ، سانىمىسا ئىچى تىتىلداپ چىدىماي قالىدۇ.

    4) مەجبۇرىي ھەرىكەت

    كېسەل دائىم مەلۇم بىر ھەرىكەت بىلەن، مەلۇم بەخت سائادەتنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر كېسەل ئالدىغا ئىككى قەدەم ، ئاندىن ئارقىغا بىر قەدەم مېڭىپ، دادىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەگەر كېسەل بۇ ھەركەتنى تولۇق ئورۇندىيالماي قالسا، قايتا-قايتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلسىمۇ قايتا-قايتا قىلىدۇ، قىلالمىسا ئىچى تىتىلدايدۇ.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;