• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تەشۋىشلىنىش خاراكتېردىكى نېۋروز
  • بۇ بىر خىل تەشۋىشلىنىش،جىددىيلىشىش، قورقۇش قاتارلىق كەيپىياتنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەتبولۇپ، تەشۋىشلىنىش بىلەن بىرگە ۋېگتاتىپ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئالامەتلىرى ۋە بىر جايدا تۇرالماسلىققا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

        بۇ خىل كەيپىياتنىڭ  توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى ئەمىلىي خەتىرى بولمىغان ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەشۋىشلىنىش خاراكتېردىكى نېۋروز كىلىنكىدا كەڭ دائىرىلىك تەشۋىشلىنىش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك قوزغىلىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

      كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى

    1.كەڭ دائىرىلىك تەشۋىشلىنىش: كىلىنكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ% 57 نى ئىگىلەيدۇ.

    (1)پىسخولوگىيىلىك توسىقۇنلۇق

        كېسەل ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان تەھدىد ، خەتەر ياكى يامان ئاقىۋەتلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ ياكى قورقىدۇ. كېسەل بۇ خىيالنىڭ ئوشۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئازاب ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىقلىنىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن قاچىدىغان ،دىققىتىنى يىغالمايدىغان ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناچارلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېسەل بىئارام بولۇپ بىر جايىدا تۇرالمايدۇ. مەسىلەن: ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭىدۇ، بىر جايدا ئولتۇرالمايدۇ، كېسەلدە جىددىيلىشىش، قاپىقىنى تۈرىۋېلىش ،قوللىرى تىترەش،رەڭگى سارغىيىش، تەرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

    (2)بەدەندىكى ئالامەتلەر

    ۋېگتاتىپ نرۋىلار فۇنكىسىيىسى كۈچىيىپ كېتىشى بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسىدۇر.

    مەسىلەن: ئاغزى قۇرۇيدىغان، ئاشقازىنى بىئارام بولىدىغان، كۆڭلى ئېلىشىدىغان، قورسىقى كۆپىدىغان، ئىچى سۈرىدىغان، مەيدىسى چىڭقىلىدىغان، نەپسى سىقىلىدىغان، كۆكرىكى ئاغرىيدىغان، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدىغان، كىچىك تەرىتى كۆپىيدىغان(قېتىم سانى)، جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلايدىغان، ھەيز كەلگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان ياكى ھەيز كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

    (3)ھەرىكەت ئالامىتى

       بۇ خىل ئەھۋال مۇسكۇلنىڭ جىدديلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: جىددىيلىشىش خاراكتېردىكى باش ئاغرىق، بېشى ئېسىلىپ قالغاندەك بولۇش، مۇسكۇللىرى قېتىپ ئاغرىش ھەم قېتىشىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ مۈرە ۋە دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ قېتىپ قېلىشى كۆپ كۆرۈلىدۇ.كېسەلنىڭ قولى يېنىك تىترەيدۇ، نازۇك ھەرىكەتنى قىلغاندا تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەلنىڭ كۆڭلى تىنجىمايدۇ،ئوڭاي ھېرىپ قالىدۇ، ئۇيقۇسى ئازلايدۇ، تەستە ئۇخلايدۇ، ئوڭاي ئويغىنىپ كېتىدۇ. كېسەلدە قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئويغانغاندىن كېيىن قورقىدۇ.

    2. جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش

    تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %41.3 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل كېسەل قوزغالغاندا، ۋېگتاتىپ نېرۋىلار ئالامەتلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولىدۇ. مەسىلەن: ئىچى سىقىلىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، نەپسى قىيىنلىشىش، كۆكرىكى ئاغرىش، قول-پۇتى قولىشىش ھەتتا پۈتۈن بەدىنى تىترەش، تەرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كېسەل قاتتىق چۆچۈپ ھازىرلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك  ھېس قىلىدۇ.قورققىنىدىن كونتروللىقىنى يوقىتىپ، يقىرى ئاۋازدا "قۇتقۇزۇڭلار" دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. داۋاملىشىش ۋاقتى 1_20 مىنۇت ئەتراپىدا، بەزىدە بىر سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ، بەزىدە قوزغالغاندا كېسەل كارىۋاتتىن قوپالمايدۇ،بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;