• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • گۇمانخورلۇق خاراكتېردىكى نېۋروز
  • كېسەل ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلىدۇ، نەتىجىدە بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى ياكى مەلۇم بىر ئەزاسىنى نورمال ئەمەس ، دەپ گۇمان قىلىدۇ.كىلىنكىلىق تەكشۈرگەندە ھېچقانداق بىر ئاساس تېپىلمايدۇ. لېكىن كېسەل مەلۇم بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم،دەپ گۇمان قىلىدۇ.

    ئورتاق ئالاھىدىلىكى:

    1.كېسەل گۇمانخورلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن خاراكتېرلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    2.كېسەلنىڭ داۋالىتىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ،قايتا-قايتا توختىماي تەكشۈرتىدۇ.

    3.كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش، كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ كېسەل 40ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەردە، 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ياشانغانلاردا ئاز ئۇچرايدۇ.

    كىلىنكىلىق ئىپادىسى:

    1.گۇمانخورلۇق خاراكتېردىكى پىسخىك توسقۇنلۇق.بۇنىڭ ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ،بىر خىلى كېسەلدىن گۇمان قىلىش تۇيغۇسى بولۇپ كېسەلنىڭ بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر قسمى ياكى مەلىم بىر ئەزاسىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىدۇ.داۋاملىق تەرەققى قىلىپ كېسەلدىن گۇمان قىلىدۇ، ھەتتا ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلىدۇ، كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەسۋىرلىشى ئېنىق بولمايدۇ. ئورنىمۇ مۇقىم ئەمەس. ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا، كېسەلنىڭ تەسۋىرلىشى راستەك، كونكېرتنى بولۇپ، ىۇددى مەلۇم بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك بىلىنىدۇ.لېكىن ئەمەلىيەتتە مەۋجۈت بولمايدۇ. كېسەل ھەرخىل تەكشۈرۈش .ېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، دوختۇرنىڭ كۆۈل بۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گەرچە تەكشۈرگەندە نورمال چىقسىمۇ، لېكىن كېسەل تەكشۈرۈشتە خاتالىق بار، دەپ تۇرىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا كېسەل ئەنسىرەيدۇ، ئىككىلىنىدۇ، بىئاراملىق ياكى ئازاپ، تەشۋىشلىنىش ھېس قىلىدۇ.

    2.ئاغرىش. بۇ كېسەللەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەت بولۇپ، 3/2 قىسىم كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغان ئورۇنلار باش، بەلنىڭ ئاستى، چات ئارىلىقى بولىدۇ. كېسەل بۇ خىل ئاغرىقنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. لېكىن تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق كېسەللىك ئاساسى تېپىلمايدۇ. كېسەل ھەر تەرەپكە چېپىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تاشقى بۆلۈم، ئىچكى بۆلۈملەرگە تەكشۈرتىدۇ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاخىرى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا كۆرۈنىدۇ.

    3.بەدەن ئالامىتى: ھەرخىل ۋە كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ.بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغىچە چېتىلىدۇ. مەسىلەن: كېسەل ئاغزىدا بىر خىل ئالاھىدە پۇراق باردەك ھېس قىلىپ، كۆڭلى ئېلىشىدىغان، يۇتۇشى قىينىلىدىغان، ئاچچىق سۇ يانىدىغان، قورسىقى كۆپىدىغان، قورسىقى ئاغرىيدىغان، يۈرىكى سىقىلىدىغان، كۆكرىكى ئاغرىيدىغان، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزى كېسەللەر بەش ئەزايىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىدۇ، بولۇپمۇ يۈزى، قۇلقىنىڭ شەكلى،نورمال ئەمەستەك بلىنىدۇ. يەنە بەزى كېسەللەر بەدىنى پۇراۋاتقاندەك، تەرلەپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;