• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • نېرۋا ئاجزلىق
  • نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇزۇ مۇددەتلىك كەيپىياتتىكى جىددىيلىك، روھى بېسىم تەسىرىدە، ئادەمنىڭ روھى پائالىيەت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېسەل تېز ھاياجانلىنىپ، تېز چارچايدۇ، ئۇيقۇسى قاچىدىغان ، بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ھەرخىل بەدەن خاراكتېرلىك ئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرى بىرگە كۆرۈلىدۇ.

           كېسەللىك تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئالامىتى بەزىدە ئېغىر بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ  ئۆزگىرىپ تۇرىشى ئىجتىمائىي ، پىسخىك ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ كېسەل 14_16 ياشلىق ياشلاردا ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

    كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى:

    1.ئاسان ھااجانلىنىش. مەيلى خىزمەت ياكى ئۆگىنىش جەريانىدا بولسۇن ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، تەسەۋۋۇرى كۆپىيىدۇ، ئۆزىنى كۆنترول قىلالمايدۇ. لېكىن گەپ سۆزى جقلاپ كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىر ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلالمايدۇ. شۇنڭ بىلەن بىرگە كېسەلدە بەدەن خاراكتېرلىك ئارامسىزلىنىش ياكى زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولىدۇ. كۈچلۈك نۇرغا، شاۋقۇنغا نىسبەتەن سەسكىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ، باشقىلار بىلەن ئوڭاي ئۇرىشىدۇ، ئارقىدىنلا پۇشايمان قىلىدۇ.

    2.ئوڭاي چارچاش. كېسەل ئازراق كاللا ئىشلەتسىلا  ئوڭاي چارچايدۇ. مەسىلەن: كىتاب كۆرگەن ، ئۆگىنىش قىلغان ۋاقتى سەللا  ئۇزىراپ كەتسە بېشى چىڭقىلىۋاتقاندەك، قېيىۋاتقاندەك، بېشى ئاغرىۋاتقاندەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىققىتىنى يىغالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئوقۇغان ياكى يازغان نەرسىلىرى كاللىسىغا چۈشمەيدۇ. كاللىسىغا چۈشكەندەك قىلسىمۇ ئۇزۇنغا بارماي ئۇنتۇپ قالىدۇ. پۇت-قولىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ نەتىجىسى چۈشۈپ كېتىدۇ.

    3.بش ئاغرىش. ئاساسلىقى چىڭقىلىپ ئاغرىش ۋە جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىش بولۇپ، ئورنى مۇقىم بولمايدۇ.كېسەل ئاغرىققا چىدىيالايدۇ.بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، لېكىن قۇسمايدۇ. كىتاب كۆرگەندە، ئۆگىنىش قىلغاندا باشنىڭ ئاغرىقى كۈچىيىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ياخشى ئارام ئالسا، باش ئاغرىقى روشەن ھالدا يېنىكلەپ قالىدۇ.

    4.ئۇخلىيالماسلىق.كېسەل تەستە ئۇخلايدۇ. ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ياكى ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ئۇخلىيالمايدۇ. شۇڭا ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. كېسەل ئۇخلىسام چۈشنى جىق كۆرىمەن ، دەيدۇ. دائىم قارا باسقانلىقتىن .ئازابلىنىدۇ. كېسەل چۈشنى جىق كۆرگەنلىكتىن قېنىپ ئۇخليالمىدىم ، دەپ قارايدۇ.

    5.ۋېگتاتىۋ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى. كېسەلنىڭ يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدۇ، قان بېسىمى بەزىدە ئۆرلەپ بەزىدە تۆۋەنلەيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ. پۇت-قولىنىڭ ئۇچى مۇزلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ ياكى ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، كىچىك تەرىتىنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. ئاياللارنىڭ ئادىتى قالايمىقانلىشىدۇ.

    6.ئىككىلەمچى ئىنكاسلار. بۇ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان پىسخىكىلىق ئىنكاسلاردىن ئىبارەت. چۈنكى كېسەللەردە يۇقارقىدەك بەدەن خاراكتېرلىك ئالامەتلەر ۋە ۋېگتاتىۋ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى كۆرۈلگەنلىكتىن، كېسەل ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ، گۇمانخورلۇق خاراكتېردىكى نېۋروز پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: كېسەلنىڭ يۈرەك سېلىشى تېزلەشسە، يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالدىم، دەپ ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ. ئاشقازىنى بىئارام بولسا، ئاشقازان راكى بولۇپ قالدىم، دەپ ناھايىتى ئازابلىنىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىپ ، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;