• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • نېۋروز ئېغىر تىپتىكى نېرۋا كېسەلگە تەرەققىي قىلامدۇ؟
  •  نېۋروزغا گىرىپتار بولغان كېسەللەر ھە دېگەندىلا دوختۇرلاردىن مۇنداق سوئاللارنى سورايدۇ:"مەن بەك ئازابلىنىپ كەتتىم... ساراڭ بولاي دەپ قالدىم، كونتروللىقىمنى يوقىتىپ، ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەۋاتمەن. دوختۇر، سىزنىڭچە نېۋروز تەرەققىي قىلىپ روھى كېسەلگە ئايلىنىپ كېتەرمۇ؟".

    ئەمەلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان كېسەللەر ئۆزىدكى روھى نورمالسىزلىقنى ھېس قىلالمايدۇ.ئەمەلىيەتتە نېۋروز بىلەن ئېغىر تىپتىكى روھى ېسەل تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ھەر قايىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئۆزگىرىش پىرىنسىپى بولىدۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئۆزگەرمەيدۇ. نېۋروز مەيلى قانچىلىك ئېغىر بولسۇن ، ئۇ يەنىلا نېۋروزدۇر. ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەل مەيلى قانچىلىك يېنىك بولسۇن ئۇ يەنىلا ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەلدۇر.

    تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە نېۋروزغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەلگە گىرىتار بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەرنىڭ ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىتىدىن يۇقىرى بولمايدۇ.

    بەزى نېرۋا كېسەللەردە نېۋروزغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش، مەجبۇرىي ھەرىكەت قىلىش(ئۆز-ئۆزىنى مەجبۇرلاش پىسخىكىسى)قاتارلىقلار.لېكىن يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن سىرت يەنە ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەلنىڭ ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇنى پەقەت تەجرىىلىك، پىشقان روھى كېسەللەر دوختۇرىلا پەرق ئېتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا نېۋروز ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەللەرگە تەرەققىي قىلمايدۇ، دەيمىز.

    نېۋروز  بىلەن  روھى كېسەل ئۆزئارا ئوخشاش بولامدۇ؟

    ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان روھې كېسەللەر ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.

    مەسىلەن: ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى، قۇتراش تەلۋىلىكى  ۋە خامۇشلىق  تىپىدىكى روھى كېسەل، ئىنكاس خاراكتېرلىىق روھى كېسەل ۋە ئەزا خاراكتېرلىق روھى كېسەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىمارنىڭ  روھى پائالىيىتى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.ئۆزىدە كېسەللىك بار دەپ قارىمايدۇ.ئۆزىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىىرىنى ياكى ئۆزى ھېس قىلغان كېسەلنىڭ كونكىرت ئىپادىلىرىنى خىيالىي تۇيغۇ، بىھۇدە خىياللار بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ. داۋالىنىش  ئارزۇسىدا بولمايدۇ، ھەمدە روھىي كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان خىيالىي تۇيغۇ، بىھۇدە خىيال شەكىللىنىدۇ، ئىرادىسى ئاجىزلايدۇ، مىجەزى ۋە ھەركىتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    نېۋروزدا روھى كېسەللىنىڭ  ئالامەتلىرى مەسىلەن: خىيالىي تۇيغۇ(ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان)، خام خىيال پەيدا بولمايدۇ. پەقەت كېسەلنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ياكى پىسخىكىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ، ئۆزى ئازابلىنىدۇ، كۈچلۈك داۋالىتىش ئارزۇسىدا بولىدۇ، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا نېۋروز روھى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ بىرخىل ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئۇ ئېغىر تىپتىكى روھى كېسەل بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

      نورمال ئادەملەردە نېۋروز ئالامەتلىرى بولامدۇ؟

    نورمال ئادەملەردە ئالاھىدە ئەھۋالدا نېۋروزنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ نېۋروز ئەمەس، بەلكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىدۇر.

    نورمال ئادەملەر بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، بۇ نورمال ھادىسە. ئادەم ھېرىپ-چارچىسا ئىختىيارى ھەرىكەت پائالىيىتى ئازىيىدۇ، جىسمانىي كۈچى خوراپ كۆپ ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ، چارچاش ھېس قىلىپ ھەرىكەت قىلغاندا دىققىتىنى يىغالمايدۇ، ئىشنى خاتا قىلىپ قويىدۇ، روھىي پائالىيىتى جەھەتتە تەپەككۇر پائالىيىتى چېكىنىدۇ، ئىجاتچانلىقى كەم بولىدۇ، يېڭى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇسى كەلمەيدۇ، پىكىرى چېچىلىىپ، مەلۇم بىر ئىشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھارغىنلىقنى خاتا ھالدا نېرۋا ئاجىزلىق، دەپ قارايدۇ. تەشۋىشلىنىش ياكى ئەندىشە قىلىش بولسا ، كىشىلەر مەلۇم ئالاھىدە ئەھۋاللارغا يولۇققاندىكى ئىنكاستىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىمتىھان ياكى يېڭى مۇھىم ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى تەشۋىشلىنىش ياكى ئەندىشە قىلىش ھېسياتىدا بولىدۇ، لېكىن ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. بەزى نورمال ئۆسمۈرلەردە بەزىدە ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قايتىلانما ھەرىكەتلەر (ئۆز-ئۆزىنى زورلاش پىسخىكىسى) كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بەزى بالىلار يول ماڭغاندا  تۆت قەدەم مېڭىپ بىر قەدەم سەكرەيدۇ ياكى تۆت چاسا خىشلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى دەسسەپ ماڭىدۇ، قىرىغا دەسسىگۈسى كەلمەيدۇ .بىر ناخشا ياكى بىر شېئىرنىڭ بىر كۇپلىتى ياكى بىر مىسراسىنى توختىماي ئوقۇيدۇ، بولدى قىلاي ، دەپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋاللاردۇر.

    كۆپلىگەن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار  ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتىكى پىلان ياكى شۇ كۈندىكى ئىشلارنى تەكرار ئويلايدۇ. شۇ سەۋەپتىنى كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ. نورمال ئادەملەردە يەنە بەزىدە گۇمانخورلۇق پەيدا بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆزبەدىنىدىكى نورمال ھادىسىلەرنى، يەنى يۈرىكىنىڭ سېلىۋاتقىنىنى، ئاشقازىنىنىڭ چىڭقىلىۋاتقىنىنى سەزگەندەك، بېشى چىڭقالغاندەك، جىدىيلىشىش كەيپىياتىدا بولىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياكى تۈن يېرىمىدا تومۇرىنىڭ سوقۇۋاتقانلىقى ئاڭلىنىدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ تۇيغۇلارغا نىسبەتەن گۇمانلىنىش تۇيغۇسىدا بولىدۇ، ئەمما بۇ تۇيغۇلارنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولىدۇ.

    يىغىپ ئېيتقاندا، نېۋروزنىڭ كۆپ ئالامەتلىرى نورمال ئادەملەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەمما نورمال ئادەملەر بىلەن نېۋروز كېسەللىرىنىڭ تۈپتىن پەرقى بولىدۇ. نورمال ئادەملەردە يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئەھۋاللار بىر خىل شەكىلدە، قىسقا مەزگىللىك كۆرۈلۈپ، ئاسانلا يوقىلىدۇ ھەم بۇ ئالامەتلەر كىشىلەردە ھېچقانداق پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلالمايدۇ. نېۋروز بىمارلىرىدا بولسا : بىئارام بولۇش← دىققىتىنى يىغالماي ئىچى سىقىلىش ← بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇش تەس كېلىش ← ھەتتا قۇتۇلالماي تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىش ← ئەندىشىگە چۈشۈش ← تېخىمۇ بىئارام بولۇش قاتارلىق خەتەرلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ، نورمال كىشىلەردە بۇ خىل خەتەرلىك ئايلىنىش شەكىللەنمەيدۇ



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;