• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • روھى كېسەللەر - ئالىز خېيمېر كېسىلى
  • ئالىز خېيمېر كېسىلى (Alzheimer’s disease, AD) ، مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى بىرلەمچى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىدىغان كېسەلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەلنى 1906-يىلى ئالىز خېمېر دېگەن كىشى بايقىغان، شۇڭا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزكۇر كېسەلنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى دىۋەڭلىك يىغىندى ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىشى ئاستا بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجى ئېغىرلىشىدۇ، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.

    كىلىنكىلىق ئىپادىسى:

    40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەردە بۇ خىل كېسەللىك ئاز كۆرۈلىدۇ. 60 ياشتىن ئاشقاندىن كېين بۇ كېسەلگە گىرىوتار بولۇش نىسبىتى ئاشىدۇ. بۇ كېسەل ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. نىسبىتى 2:1 ياكى 3:1 بولىدۇ. كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تىپىك ئالامىتى دىۋەڭلىك يىغىندى ئالامىتىدىن ئىبارەت. كېسەلنىڭ  دەسلەپكى مەزگىلىدە پەقەت كېسەلنىڭ ئەستەتۇتۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ياكى كېسەل يېنىك دەرىجىدە ئۇنۇتقاق بولۇپ قالىدۇ. كېسەلنىڭ بەلگىلىك ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى ساقلىنىپ قالغانلىقتىن كېسەلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋاقتىدا بايقىيالماي، ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ. بەزىدە مۇھىتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، كېسەلنىڭ جۈپتىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى كېسەللىك ئەھۋالىنى تۇيۇقسىز ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۆيدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. يەنە بەزى كېسەللەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، يولنى بىلمەي قايتىپ كېلەلمىگەندە، گۆدەكلەرچە ھەرىكەت قىلغاندا ياكى مەلۇم بىر ھادىسىگە يولۇققاندا ئاندىن  ئۆيىدىكىلەر ئۇلاردا كېسەللىك بارلىقىنى بايقايدۇ. دەسلەپتە كېسەلنىڭ ئەستە تۇتۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى(يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلمەيدۇ ياكى ئەستە ساقلىيالمايدۇ) ۋە يېقىنقى ۋاقىتتىكى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ھەم بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەستە ساقلاش ئىقتقدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

    مەسىلەن: كېسەلگە ئاچقۇچ، قەلەم، چاقماق قاتارلىق ئۈچ نەرسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن ئۇنى دەپ بېرىشنى سورىسا ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. كېسەل كۆپ ھاللاردا قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەيدۇ، بىر ئىشنى قىلىپ بولۇپلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ھازىر تاماق يەپ بولۇپ يەنە تاماق يەمدۇق، تاماق يەيلى، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەش ئىقتىدارىمۇ توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ. بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن چوڭ ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ تارىخىنى، تۇغۇلغان ئاي كۈنىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ  ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ قالىدۇ. يۆنىلىشنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. كېسەل ئۆزىگە ئىنتايىن تونۇش بولغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تارىخىدا بولمىغان ئىشلارنى بولدى دەۋالىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ۋاقتى، ئورنىنى خاتا سۆزلەپ بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدىن سىرت يەنە ئابستراكىت تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى مەسىلەن: ئۇمۇملاشتۇرۇش، يەكۈن چىقىرىش، ھۆكۈم قىلىش ، ھېسابلاش قاتارلىق ئەقلىي پائالىيەتلەردە روشەن چېكىنىش كۆرۈلىدۇ. ئېغەرلاشقاندا كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەممە ئىشلىرىنى باشقىلار قىلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. كېسەل يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەيدۇ. مۇرەككەپ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ. نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ. ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى ئەتىگەندە ناشتا قىلىش ياكى پۇتىنى يۇيۇش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. داۋاملىق خاتالىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن : گاز ئوچاقنى ئېتىشنى، تۇرۇبىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئىشىكنى تاقىمايدۇ.  بەزى كېسەللەردە تۇرۇپ-تۇرۇپ بىھۇدە خىيال ياكى خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ پۇلىنى نەگە قويغانلىقىنى تاپالماي باشقىلرنى ئوغرىلىۋالدى، دەپ گۇمان قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر جۈپتىنى سىرتتا باشقا بىرسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كېسەللەردە كېسەلدىن گۇمانلىنىش بىھۇدە خىيالى پەيدا بولىدۇ. بۇنداق كېسەللەرنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، چىرايى دەلتىدەك كۆرۈنىدۇ، گەپنى ئاز قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەردە خۇشاللىنىش، ئاچچىقلىنىش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بۇرۇن ناھايىتى زېرەك، تېتىك، چاققان ئادەم كېسەل بولغاندىن كېيىن جاھىل، شەخسىيەتچى، گەپ-سۆزدە ئاشۇرىۋېتىدىغان، مۇتەئەسسىپ بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزى كېسەللەر ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، تازىلىققا دىققىت قىلمايدىغان، باشقىلار تاشلىۋەتكەن مەينەت تاماكا قالدۇقلىرىنى چېكىدىغان، ئەسكى – تۈسكىلەرنى يىغىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەم بار يەردىمۇ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىۋېرىدۇ، جىنسىي ئەزالەرىنى سىرتقا چىقىرىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزى كېسەللەرنىڭ ھەركىتى ئازلاپ كېتىدۇ ياكى ئاددىي ھەرىكەتلەرنى قايتا-قايتا قىلىدۇ. گۆدەكلەرچە قىلىقلارنى، غەلىتە ، بىمەنە ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. كېسەللەرنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بەزى كېسەللەر كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى مېڭىپ يۈرىدۇ، نەرسىلەرنى ئۆرۈپ قالايمىقان ۋارقىرايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.  



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;