• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئىچىنى بوشىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە چۈشەنچە
  • ئىچىنى بوشىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى يەنە دەرت تۆكۈش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    ئىچىنى بوشىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى: بىمارنىڭ بۇندىن بۇرۇن مەلۇم ئەھۋال ياكى مەلۇم ۋاقىتتا ئۇچرىغان روھى جەھەتتىكى ئازابلىرى، كۆڭۈلسىزلىكىرى ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ناچار روھى ھالەتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق مەسلىھەت ئالغۇچىدىكى پاسسىپ روھى ھالەتنى تۈگىتىش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.

    مەسىلەن:  تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈمى، ياكى خورلۇققا ئۇچراش، ئادالەتسىزلىككە يوقۇلۇش قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن بىمار ئارامسىزلىنىپ، ئىچى تىتىلداپ بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. داۋالىغۇچى بۇنداق ئەھۋالدا مەسلىھەت ئالغۇچىنى ئەينى ۋاقتتىكى ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاشۇ قورقۇنچلۇق ئىشلارغا يولۇققاندىكى روھى ئىنكاسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مۇشۇ جەريان ئارقىلىق، مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان  پاسسىپ روھى ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، شۇ ئارقىلىق نورمال پىسخىكىلىق ھالەت ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ.

     تېلىفۇندا مەسلىھەت ئالغاندا، مەسلىھەت ئالغۇچىلار ئادەتتە ئۆزىدە ساقلانغان ئەھۋاللارنى دەۋالغاندىن كېيىن، مەسلىھەت بەرگۈچى تېخى ھېچقانداق تېخنىكىلىق مەسلىھەت بەرمەي تۇرۇپلا، ئۇلار ئۆزىنىڭ روھى جەھەتتىن خېلى يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. روھى بېسىمغا ئۇچرىغان مەسلىھەت ئالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇلارغا مۇۋاپىق تۈردە ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئادەتتە بۇنىڭدا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە كۆپرەل قوللىنىلىدىغان ئىچىنى بوشىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

    (1)           بوش ئورۇندۇق تېخنىكىسى

    بۇ بىر خىل كۆپ قوللىلىنىدىغان ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، كونكرېت ئۇسۇلى: ئىككى ئورۇندۇق تەييارلاپ، مەسلىھەت ئالغۇچى بىرسىدە ئولتۇرىدۇ، يەنە بىرسىنى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئادەم ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسلىھەت ئالغۇچىغا ئۆزى بىلەن قارشى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئەھۋالنى ھېس قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ، مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ ھەر خىل نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسلىھەت ئالغۇچىنى ئۆزىنىڭ يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە غەزەپ –نەپرەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بوش ئورۇندۇققا سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئىچىنى بوشىتىۋىلىش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.

    كىشىلەر زەربىگە ئۇچرىغاندا تۈرلۈك پاسسىپ روھى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن، ئاچچىقلىنىش، نەپرەتلىنىش، ئازابلىنىش، ئەقلىدىن ئادىشىش، ھەسرەتلىنىش، ئۆزىنى تاش ئارتۇقچە ھېس قىلىش قاتارلىقلار. مانا بۇ خىلدىكى روھى كەيپىيات ئاسانلا كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى خورىتىپ، كىشىلەرنى ئازاب، دەرت-ھەسرەت ياكى غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنداقلا تەرەققىياتىغا زور توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. «بوش ئورۇندۇق ئۇسۇلى» تامامەن دېگۈدەك بۇرۇنقى ئازابلىق ئۆتمۈشلەرنىڭ بىمارغا بولغان تەسىرىنى توسۇپ قالالايدۇ.

    مەن ئىلگىرى«بوش ئورۇندۇق ئۇسۇلى»دىن پايدىلىنىپ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر قىزنىڭ روھى توسالغۇدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان ئىدىم.

    بۇ قىز دەسلەپتە مەسلىھەت ئالغىلى كەلگەن ۋاقتتا ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن چۈشكۈن ئىدى، مەۋسۇملۇق ئىمتاھان يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، زېھنىنى يىغالماي قالغان ئىدى. دەسلەپتە مەسلىھەت ئالغىلى كەلگەن كۈنى كەچتە ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكىلەر يېڭى يىللىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغاچقا، ئۇ سىنىپنىڭ تۇرمۇش ھەيئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ باشقىلارنى ئاكتىپ تەشكىللەپ، پائالىيەتكە قاتنشىشى كېرەك ئىكەن، بىراق ئۇنىڭدىكى ئازابلىق روھى ھالەت ئۇنى كەچلىك ئولتۇرۇشقا خۇشال – خۇرام قاتنىشىشىغا زادىلا ئىمكان بەرمەپتۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭدىكى ئازابن ى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇ پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئالغىلى كەلگەن ئىكەن.

    ئۇ ساۋاقداشنىڭ ئېتيقانلىرىغا ئاساسەن، بوش ئورۇندۇق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئىچىنى بوشىتىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ قىز ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىڭ خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى، كەيپىياتىنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا شۇ كۈنلۈك پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىش توغرىسىدا مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە كېيىنكى قېتىملىق مەسلىھەت بېرىش ۋاقتىنى كېلىشىپ خوشلاشتىم.

    ئىككىنچى قېتىملىق مەسلىھەتتە ئۇ قىز ئاشۇ كۈنى كەچلىك پائالىيەتتە كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خۇشال ھالەتتە پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى، يەنە تېخى نۇمۇر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېييتتى. ئەگەر ئالدىن مەسلىھەت ئالمىغان بولسا ئاشۇ كۈن قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئىككىنچى قېتىملىق مەسلىھەتتە ئۇنىڭ روھى ھالىتى ۋە ئىلگىرى ئوغۇل دوستى بىلەن بولغان زىددىيەتلىك پىسخىكىسىغا قارىتا يەنە ىىر قېتىم بوش ئورۇندۇق تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىچىنى بوشۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى، ئۈچ قېتىملىق  مەسلىھەتتىن كېيىن بۇ ساۋاقداش مۇھەببىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى پاسسىپ تەسىردىن ئاساسەن قۇتۇلۇپ،نورمال ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ھالىتىگە قايتتى، مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

    بوش ئورۇندۇق تېخنىكسىدا مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ ناچار پىسىكىسىنى تۈزەپلا قالماستىن بەلكى يەنە، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇتۇپ ۋە ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇددىئاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    (2)              ئىش ۋەقەلەرنى ياكى ئىچكى ھېسىياتىنى سۆزلىتىش:

    مەسلىھەت سورىغۇچىنى ئىش-ۋەقەلەرنى سۆزلىتىش ياكى ئىچكى ھېسياتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىش مەقسىدى ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل پىسخىكىلىق مەسلىھەتتە كۆپ قوللىنىلىدۇ. مەسلىھەت سورىغۇچى ئۆزى يولۇققان كەچمىشلىرى ھەمدە ئىچكى ھېسىياتىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، «خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغانلىقى»نى ھېس قىلىشىدۇ.

    تېلىفۇندا مەسلىھەت بەرگەندە مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ ئۇنى ھەقىقەتەن چۈشىنىدىغانلىقى ھېس قىلدۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ۋە ئىچكى ھېسىياتىنى سۆزلەش ئارقىلىق، بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىچىنى بوشىتىش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

    تىيەنجىن داگاڭدىكى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر قىزغا مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلىپ، خېلى ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بىر قانچە قېتىملىق مەسلىھەتتىن كېيىن، مەسلىھەت ئالغۇچى پىسخىكىلىق مەسلىھەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىپ، روھى ھالىتىنىڭ ئىنتايىن يەڭگىل ھېس قىلغانلىقىنى، قەلبىدە چوڭقۇر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان دەرت-ئازابلىرىنىڭ بىراقلا كۆتۈرۈپلۈپ كەتكەنلىكىنى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى ئۇ يولۇققان ئەڭ ئىشەنچلىك  ۋە ئۇنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

    ئادەتتە مەسلىھەت سورىغۇچىنىڭ مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن روھى جەھەتتىن بېسىم ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا بىز مەقسەتلىك ھالدا ئۇنى ئاشۇ ئىشلارنى ۋە ئىچكى ھېسىياتىنى سۆزلەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىچىنى بوشىتىۋىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەيپىياتى يېشىلگەندىن كېيىن، ئەمەلىي مەسىلىگە ئۆتۈپ، ئىنچىكە ئانالىز قىلىپ، تېخىمۇ تەرەققى قىلغان ھالدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش.

    مەسلىھەت سورىغۇچىنى ئىش-ۋەقەلەرنى ۋە ئىچكى ھېسياتىنى سۆزلىتىش ئارقلىق مەسلىھەت سورىغۇچىنىڭ ئىچىنى بوشىتىش ۋە مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ ئەھۋالنى ئىگەللىشىدىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    (3)              پارتلاش خاراكتېرلىك ئىچىنى بوشىتىش؛

    تىنچ بولغان بېرەر جاينى تاللاپ، ئەڭ ياخشىسى ئادەمسىز دالا ياكى تاغ چوققىسىنى تاللاپ، مەسلىھەت ئالغۇچىنى قەلبىنى بېسىپ تۇرغان ئازابلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ؛ مەسىلەن: قاتتىق يىغلاش ياكى قاتتىق ۋارقىراش قاتارلىق ئۇسۇللار.

    مۇبادا، مەسلىھەت ئالغۇچى مەلۇم ئۇۋالچىلىققا ئۇچراش سەۋەبلىك روھى بېسىم ھېس قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىراش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى دېگۈزۈشكە بولىدۇ؛

    «سىلەر نېمىشقا ماڭا ئۇۋال قىلىسىلەر؟»

    «سىلەر نېمىشقا مېنى بوزەك قىلىسىلەر؟»

    «سىلەر ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلماڭلار»

    «مەن سىلەرگە ئۆچ»

    بۇ خىلدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق،  مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    (4)              ھەرىكەت شەكىلدىكى ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى:

    تىجارەت خاراكتېردىكى ئىچىنى بوشىتىش ئورۇنلىرىدا، ئۇلار ھەر خىل تۈردىك  ئەسلىھەلەرنى سەپلىگەن بولۇپ، مەسلىھەت ئالغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئىچىشىنى بوشىتىۋىلىشى ئۈچۈن تەمىن ئېتىلىدۇ. مەسلىھەت ئالغۇچى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىچىنى بوشىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇسۇلىنى تاللىۋالسا بولىدۇيەنى ئۇيۇنچۇق تۇردىكى ئەسۋاپلار. . ئۆزىنىڭ خوجايىنى، باشلىقى ياكى باشقا ئۆزىنى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى قامچىلىسا، ئۇيۇنچۇق تاپانچا بىلەن ئاتسا، نەيزە سانجىسا، ھارغۇچە تىللىسا ياكى مەقسەتلىك، مەقسەتسىز ھالدا ئۆزىنىنىڭ دەردىنى تۆكسە، ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنى، غەزەپ-نەپرىتىنى ياكى باشقا روھى ناچار كەيپىياتىنى تۈگەتسە بولىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;