• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • گۈل-ئاياللارنىڭ قەلب دورىسى
  • ئاياللارغا گۈل سوۋغات قىلىش پۈتۈن دۇنيادىكى ئەرلەرگە ئورتاق بولغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەرگە نىسبەتەن گۈل سوۋغات قىلىش «بەك مەتو»، «يېڭىلىق ئەمەس» دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئەنگلىيە «ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، گۈل سوۋغات قىلىش ئاياللارنىڭ قەلب دۇنياسىنى يورۇتقۇچى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدىكەن.

    فرانسىيە جەنۇبى بېرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتى(University of South Brittany)نىڭ پىسخولوگىيە ئالىملىرى مەزكۇر  تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەجرىبىگە قاتناشقان ئەرلەر ئوخشىمايدىغان جايلاردا، ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىپ چاقچاقلاشقان. نەتىجىدە، گۈل دۇكىنى ئالدىدا تۇرغان ئەرلەر ھەممىدىن بۇرۇن ئاياللار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قېلىپ، تېلېفون نومۇرىغا ۋە قايتا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن؛ بولكا دۇكىنى ۋە سودا سارايلارنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقان ئەرلەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە ئاياغ دۇكىنىنىڭ سىرتىدا پاراڭلاشقان ئەرلەر تۇرغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، گۈل بار يەرلەردە ئاياللاردا  ئاسانلا رومانتىك ھېسىيات پەيدا بولىدىكەن.

    يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، ئەرلەر ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئاياللارنى قوغلاشقان. يەنى كۈندە گۈل تەقدىم قىلىش، تېلېفۇندا سۆزلىشىش ياكى ئۇچۇر يوللاش، خىزمەتكە ئاپىرىپ-ئەكىلىش، بىرگە تاماق يىيىش ۋەھاكازالار. نەتىجىدە، گۈل سوۋغات قىلىنغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىپ، ھەقىقى مۇھەببەت ئورناتقان. پىسخولوگىيە مۇتەخەسىسى دوكتور توم.بۇكانان(Tom Buchanan)نىڭ ئېيتىشىچە،  گۈل رومانتىكىلىق بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاياللار گۈلنى كۆرگەندە، تەپەككۇرى، گەپ-سۆزى ياكى ھەرىكەتلىرىنى بىر خىل رومانتىك شەكىلدە ئېلىپ بارىدىكەن، كۆڭلى مۇلايىملىشىپ، ھېسىياتى ئۇرغۇپ، ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدىكەن.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;