• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئىچكى ئەزالارنىڭمۇ ھەرخىل «مىجەزى» بار
  • ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ مىجەزى ئوخشاش بولمىغاندەك، ئىچكى ئەزالانىڭمۇ «مىجەزى» ئوخشاش ئەمەس

    «ئاچچىقى يامان» ئەزا ـــــــ جىگەر

    جىگىر ساغلام ئادەمنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەيپىياتى تۇراقلىق بولىدۇ. جىگەر چارچاپ كەتسە، يەنى جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتسە ئادەم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دائىم ئاچچىقلىنىش جىگەرگە زەخمە يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن قىزلار ئادەتتە ئاچچىقلىنىپلا يۈرۈيدۇ، لىكىن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يەر تاپالماي ئاخىرى ئىچىگە يۇتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جىگەردە ئاچچىقنىڭ يىغىلىپ قېلىشى)肝气郁结 (نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى يۈزىگە داغ-سەپكۈن چىقىش، چىرايى سۇلغۇن بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ، ئەھۋال ئېغىر بولغاندا سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا جىگەردە ئاچچىقنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك.

    دائىم ئاچچىقلىنىشتىن باشقا، مايلىق گۆش، ھاراق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشمۇ جىگەر گە زەخمە يەتكۈزىدۇ. يەنە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشمۇ جىگەرنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆك رەڭلىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن كۆك لازا، تەرخەمەك قاتارلىق يېمەكلىكلەر جىگەرگە پايدىلىق.

    «قورقۇنچاق» ئەزا ـــــــ بۆرەك

    بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەندە ئادەم كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ ئەنسىرەپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدىكى ئېنىق بولمىغان ئىشلاردىنمۇ ئەنسىرەپلا يۈرسىڭىز، بەلكىم مەسىلە بۆرىكىڭىزدىن چىققان بولىشى مۇمكىن. بۆرەك ئىقتىدارىئاجىزلاپ كەتكەندە ئادەم ئاسان قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، قورققانسېرى بۆرەك تېخىمۇ ئاجىزلاپ كتىدۇ، نەتىجىدە روھىڭىز چۈشكۈنلىشىپ، كۆزىڭىز بىئارام بولىدىغان، بېلىڭىز ئاغرىيدىغان، ھېچ ئىش قىلمىسىڭىزمۇ ھارغىن ھېس قىلىدىغان، دائىم ئۇيقۇڭىز كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەپەسلەنگەندە ھاۋانى سۈمۈرۈش قىيىن بۇلۇش، ھاۋانى چىقارغاندا كۈچەپ تىنىش قاتارلىقلار بۆرەك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى.

    ئەگەر بۆرەك ئاللىبۇرۇن ئاجىزلاپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ جۇڭگو تىبابىتىدە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئاساسلىقى ئىرسىيەتتىن بەلگىلىنىدۇ دەپ قارايدىكەن. لېكىن توغرا بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرى ئىچكى ئەزالارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر مەلۇم مەزگىلدە جىددىلىشىش، بىنورمال قورقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ شۇ مەزگىللىك يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز توغرا بولمىغانلىقتىن بۆرىكىمىزنىڭ ئىقتىدراى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدىكىكەمچىلىكلەرنى تۈزىتىپ، سالامەتلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرسەكلا مۇنداق جىددىلىشىش، بىنورمال قورقۇش يوقىلىپ كېتىدۇ.

    «دىلى نازۇك» ئەزا ــــــــ ئۆپكە

    كىشىلەر قىز-ئاياللارنى دائىم دىلى نازۇك، تاۋى نازۇك دەپ سۈپەتلىشىدۇ. يەنە بۇ نازۇكلۇقنى قىز-ئاياللانىڭ خارەكتېرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئادەمنىڭ نازۇك، ئاسان قايغۇرىدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار. ئۇ ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كتېىشدىن ئىبارەت. ئۆپكىنىڭ ئىقتىدرى ئاجىزلاپ كەتكەندە ئادەم ئاسان قايغۇرىدىغان، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. پەقەت ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەندىلا مۇنداق كەيپىيات يوقىلىپ كېتىدۇ.

    دائىم غەم قىلىش، قايغۇرۇش ئۆپكىگە زەخمە يەتكۈزىدۇ. غەم-قايغۇ زىيادە كۆپ بولغاندا دائىم ئاۋال ئۆپكە زەخمىگە ئۇچرايدۇ، ئاندىن بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەم بەدىنىدە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈدىغان، قايغۇرغۇزىدىغان كىنولارنى كۆپ كۆرمەي، كۈلكىلىك كىنولارنى كۆپ كۆرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;