• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • «يانفۇن خۇمارى»نى چۈشىنەمسىز؟
  •  

    نۆۋەتتە يانفۇن ئىقتىدارىنىڭ بارغانسېرى يۇقۇرلىشى، تۈرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق، سىرتقى شەكلىنىڭ سەرخىل بولۇشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ يېقىن ھەمرايىغا ئايلاندى. ئەمما، بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپمۇ بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يانفۇن ئىقتىدارىدىن توغرا پايدىلانماسلىقى سەۋەبىدىن يانفۇندىن ئايرىلالماسلىقتەك پاسسىپ روھى ھالەتكە پېتىپ قېلىشى، ھەرخىل پىسخىكىلىق ۋە فىزولوگىيىلىك  كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. نۆۋەتتە بىز توختالماقچى بولغان «يانفۇن خۇمارى» دەل شۇ پىسخىك كىسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر. يانفۇن خۇمارى شەخسنىڭ يانفۇن ئىشلىتىش ھەركىتى كونتۇروللۇقىنى يۇقىتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان فىزولوگىيىلىك، پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ئىجدىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغاندىن كېيىنكى مەستانىلىك ھالىتىدۇر. يېقىندا ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان «كىسەللىكلەر ئىلمىي ژورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە «كىشىلەرنىڭ يانفۇنغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشىمۇ بىرخىل روھىي كىسەللىك» دېيىلگەن. ئالىم مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3–يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئاپىسىنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، كەيپىياتى ناچارلاشسا، ئالىمنى ئاچچىقىنى چىقىرىشنىڭ ئوبىكتى قىلغان. ھەرقېتىم تۇرمۇشتىن بىزار بولغان، نىكاھتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرى ئېسىگە كېلىپ قالغاندا ئالىمنى «سەن داداڭغا ئوخشاش ئادەم بولدۇڭ» دەپ ھاقارەتلىگەن. ئۇ باشلانغۇچنىڭ 6–يىللىقىغا چىققاندا، ئاپىسى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن بىر دانە تېلىفۇن ئېلىپ بەرگەن. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا نەتىجىسى ئەزەلدىنلا ياخشى بولمىغان ئالىم دەرىسكە تېخىمۇ قىزىقماس بولۇپ قالغان. ئەكىسچە تېلىفۇن ھەققى كۈندىن–كۈنگە يۇقۇرلاپ 400–300 يۈەن پۇلمۇ بىر ئايغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئالىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى «ئۆزى سىنىپتا بولسىمۇ زېھنى دەرستە ئەمەس، كۈن بويى يانفۇن ئويناپ ئولتۇرىدۇ» دەپ ئىنكاس قىلغان. ئاپىسىنىڭ بايقىشىچىمۇ، ئالىم دەرسكە قىزىقمىغىنى بىلەن يانفۇنغا ئائىت ئۇچۇرلارغا بەك دېققەت قىلىدىكەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئالىم يانفۇن ئارقىلىق QQ غا چىقىپ، نۇرغۇن تورداشلار بىلەن تۇنۇشقان، ھەتتا بىر شەھەردىكى تورداشلىرى بىلەن تاماق يىيىشكەن، KTV لارغا بېرىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ساۋاقداشلىرىغا ئۆزىنىڭ 500 دىن ئارتۇق توردىشىنىڭ بارلىقىنى كۆز–كۆز قىلغان. ساۋاقداشلىرى بىرەر مەسىلىگە يولۇقۇپ ئۇنى ھەل قىلالمىغاندا، دەرھال توردىكى دوستلىرىدىن ياردەم سوراپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىنىپتىمۇ خېلى «ئابروي» غا ئىگە بولۇپ، ساۋاقداشلىرى ئۇنى «يانفۇن مۇتەخەسىسى» دەپ ئاتىغان. ئاپىسى ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلسىمۇ، ئۇ پەرۋا قىلمىغان. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئائىلىدىن ھېچقانداق ئىللىقلىق ھېس قىلالمىغان ئالىم تۇلۇقسىز 2–يىللىققا چىققاندا بىر قىز توردىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. ھەمدە ئۇ قىز بالا بىلەن ئالاقىلىشىش قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاپىسىنى ئالداپ پۇل ئېلىپ ئۇ قىزغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن. دىمەك، ئاتا–ئانىسىدىن مېھىر–مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەن ئالىم باشقىلار بىلەن يانفۇن ئارقىلىق دوستلىشىپ، مۇھەببەتلىشىپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.

    يالې ئونۋېرىستېتى پىسخىلوگى ئالدىفېر ئوتتۇرغا قويغان ئادەمنىڭ ئۈچ خىل ئېھتىياجى نەزىرىيەسى ئىچىدە پىكىرلىشىش ئېھتىياجى ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش ۋە ئالاقە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئادەمنىڭ ئاساسلىق پىسخىك ئېھتىياجىنىڭ بىرى. ئىلگىرىكى زامانلاردا خەت ئالاقىسى ۋە گەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئالاقە ۋاستىسى بولغان بولسا، يانفۇن ئۆزىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاقە ۋاستىسىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا، يۇقۇرقى نەزىرىيە بويىچە ئېيتقاندا بۇ خىل ھالەت نورمال پىسخىكىلىق ئېھتىياج دەپ قارالسىمۇ، يەنە نىمە ئۈچۈن يانفۇنغا خۇمار بولۇش كېلىپ چىقىدۇ؟ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقۇرىدا بىز مىسالغا ئالغان ئالىمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش ئەھۋالدىكى كىشىلەر، ئىجدىمائىي ئىقتىدارى ئاجىزلار، شۇنداقلا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى تۆۋەن، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغانلار ئاسانلا يانفۇنغا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنداقتا «يانفۇن خۇمارى» نىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟

    1. تېلفۇننى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغاندا، بىئارام بولۇپ، ئىچى تىتىلداش.

    2. شارائىتنى پەقەتلا نەزەرگە ئالماي، ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا ئەتىراپتىكىلەرنىڭ ھېسىياتىنى ئويلاشمايلا تېلىفۇن ئېلىش.

    3. داۋاملىق تېلىفۇنغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاڭلىماي قالغان تېلفۇنى ياكى كۆرمەي قالغان قىسقا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش.

    4. ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى تېلىفۇنغا سەرپ قىلىپ، نورمال خىزمەت، ئۆگۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزۈش.

    5. تېلىفۇن ھەققى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىش ھەتتا كۆتۈرەلمىگۈدەك ھالەتكە بېرىپ قېلىش.

    6. باشقىلاردىن تېلىفۇن كەلمىسە، تېلىفۇننىڭ ئېتىك ياكى ئوچۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش.

    7. تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشنى تېلفۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش.

    8. شارائىتنىڭ تېلىفۇن ئېلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا چىداپ تۇرۇپ تېلفۇننى ئېلىش.

    9. تازلىق ئۆيىگە كىرگەندە، مۇنچىغا چۈشكەندە تېلىفونىنى بىللە ئېلىپ كىرىش.

    10. ناتۇنۇش تېلىفۇننى ئاڭلىماي قالغاندا، چوقۇم تېلىفۇن قايتۇرۇپ كىملىكىنى بىلىۋېلىش.

    11. يېڭىدىن دوستلار بىلەن تۇنۇشقاندا، ئالدى بىلەن تېلىفۇن نومۇرىنى سوراپ قالدۇرۇش.

    12. تېلىفۇندا ھەل قىلغۇدەكلا ئىش بولسا، ۋاقىت كەتسىمۇ تېلىفۇندا ھەل قىلىش.

    ئادەتتە، سىزدە يۇقۇرقى ئەھۋاللادىن ئالتىدىن يۇقۇرسى بولسا، تېلىفۇن خۇمارى بولۇپ قېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىدۇ. ھەرقانداق بىر سىمسىز دولقۇن كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل يانفۇن ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ يۈرەك قان تۇمۇر سېستىمىسى، نېرۋا سېستىمىسى، كۆرۈش سېستىمىسى ۋە كۆپىيىش سېستىمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: يانفۇن رادىيەكسىيسى تەجىرىبە قىلغان ھايۋاننىڭ يىلىك قىزىل قان ھۈجەيرە سېستىمىسىدا تورمۇزلاش پەيدا قىلىپ، يىلىك ھۈجەيرىسىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغان. يانفۇن مىكرو رادىيەكسىيسى چاشقاننىڭ تېرە ۋە باش سۆڭىكىدىن تىشىپ ئۆتۈپ ، نېرۋا ھۈجەيرىسىگە تەسىر قىلىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزگەن. ئۇزۇن مۇددەت يانفۇن ئىشلىتىش، كۆزنىڭ چارچىشى، قۇرۇشى، غۇۋالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يانفۇن ئىشلەتكەن يىل سانىنىڭ ئىسپىرمىنىڭ ھەركەت ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، مەنپىي مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى بايقالغان. دېمەك، يۇقۇرىدا بىز دەپ ئۆتكەن يانفۇن خۇمارىنى شەكىللەندۈرىدىغان پىسخىك ھالەتلەر ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان كىسەللىكلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىكلەر بولسۇن، يانفۇننىڭ پايدا–زىيىنىنى توغرا تونۇپ يېتىشى ھەم يانفۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. ئەگەر يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سەل قارىماستىن ۋاقتىدا پىسخىكىلىق مەسلىھەت ياكى پىسخىكىلىق داۋالاشنى قۇبۇل قىلىشى لازىم.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;