• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كومپيۇتېرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ
  • . مۇۋاپىق خىزمەت مۇھىتى يارىتىش. ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، بەك يورۇق ياكى بەك گۇڭگا بولماسلىقى كېرەك. ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قۇياش نۇرىنىڭ ئېكرانغا بىۋاسىتە چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئېكران بەك يورۇق بولماسلىق، يېشىل رەڭنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيلەردە چوقۇم ھاۋانى دېزىنفېكسىيىلەش، پات – پات ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.


    2 . توغرا ئولتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئامال بار ئېگىزلەتكىلى – پەسەيتكىلى بولىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش ھەم ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇپ ئىشلەش، كومپيۇتېر ئېكراننىڭ مەركىزى بىلەن مەشغۇلات ئىلىپ بارغۇچىنىڭ كۆكرەك قىسمى بىر تۇز سىزىقتا بولۇشى، كۆز بىلەن ئېكران ئارىلىقى تەخمىنەن 40 – 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. مەشغۇلات جەريانىدا چوقۇم پات – پات كۆزنى يۇمۇپ، كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.


    3. كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۈچەپ باسماسلىق، مۇسكۇللارنى ئەركىن قويۇۋېتىش. بېغىشىدا كېسەل ياكى بارماق ياللۇغى بارلار چوقۇم بېغىش بىلەن بارماق بوغۇملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، بېغىشنى ئامالنىڭ بارىچە ئۈستەلنىڭ قىرىغا تىرىۋالماسلىقى لازىم.


    4. كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك لازىم. كومپيۇتېردا ئۇدا بىر نەچچە سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن چوقۇم 10 – 15 مىنۇت ئارام ئېلىش، ئارام ئالغاندا چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، پۇت – قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.


    5. دائىم يۈز – قولنى يۇيۇپ تۇرۇش. كومپيۇتېر ئېكراننىڭ يۈزىدە نۇرغۇن ئېلېكتىرون بولۇپ، ئاسانلا چاڭ – توزاننى ئۆزىگە يېپىشتۈرۈۋالىدۇ، مەشغۇلات جەريانىدا مەشغۇلاتچىنىڭ يۈز – قولى قاتارلىقلار ئاسانلا بۇ بۇلغانمىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يۈزنى يۇيۇپ تۇرمىغاندا بۇنىڭ تەسىرىدە يۈزدە داغ – سەپكۈنلەر پەيدا بولۇپ قېلىشى، ئېغىر بولغاندا تېرە پىگمېنتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


    6. تەركىبىدە ۋىتامىن A مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن: سەۋزە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، چىلان، ھايۋان جىگىرى قاتارلىقلار. يېشىل چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، يېشىل چاي تەركىبىدە فىرولىن كۆپ بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېر پەيدا قىلىدىغان بەزى زىيانلىق ماددىلارغا قارشى تۇرالايدۇ


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;