• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەستانە بۇلۇپ قېلىش كېسىلى ھەققىدە
  • ياش ئۆسمۈرلەردىكى تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى دېگىنىمىز: ياش-ئۆسمۈرلەر تورغا كۆپ چىقىش سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل پسىخىكا كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر بولغان توپتۇر. قۇرامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتە پىشىپ يىتىلمىگەن، شۇڭا ئۇلار تورغا مەستانە بۇلۇپلا قالىدىكەن، كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان ئاۋات تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. مەزكۇر ماقالە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور مەستانىسى كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي، روھى جەھەتتىن چىقىش قىلغان ئاساستا جۇڭگۇدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەستانە بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى، ئائىلە شارائىتى، مەكتەپ، جەمئىيەت، ساۋاقداشلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، قانداق قىلغاندا تورغا مەستانە بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ دېگەنلەر ھەققىدە توختالغان.


    تور مەستانىسى ئۇنىۋېرسال كېسىلى (Internet Addiction Disorder ئاددىيلاشتۇرۇپ IAD دەپ ئاتىلىدۇ.) بولسا ئىنتېرنېت تورىغا چىقىش جەريانىدا پەيدا بولغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى كېسەل بولۇپ، 1994-يىلى نيۇيوركتىكى بىر روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى Goldberg ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كىلىنكىلىق داۋالاشتا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى ئىنتېرنېت تورىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغانلىق سەۋەبىدىن پسىخىكا قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىش بىلەن بىرگە جىسمانىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئامېرىكا پسىخىكا دوكتورى Kimberly S.Young نىڭ قارىشىچە IAD كېسىلى قىمارغا بېرىلىش، ھاراققا بېرىلىش، زەھەر چېكىش قاتارلىقلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىغا   ئوخشاش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش، تەن ساغلاملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. IAD كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى تورغا نىسبەتەن بىر خىل تايىنىۋېلىش پسىخىكىسى تۇغۇلۇپ، تورغا چىقىش جەريانىغا ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالماي، دائىم كۆپلىگەن ۋاقتىنى ۋە جىسمانى كۈچىنى تورغا سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تور ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىردىنبىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. توردىكى مەۋھۇم دۇنياغا غەرق بولۇپ «تور مېنىڭ ھاياتىم» دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنىڭ يۇقىتىپ قۇيۇپ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

    ئىنتېرنېت تورى كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان شارائىتتا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت تورى كىشىلەرنىڭ جىسمانى ۋە پسىخىكا ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى. دۆلىتىمىزدە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىمۇ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بار. ئىنتېرنېت تورىنىڭ كىشىلەرگە بولغان سەلبىي تەسىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار « تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى»، «تورغا مەستانە بولۇش كېسىلى»، « تورغا غەرق بولۇش كېسىلى»، «ئىنتېرنېت تورىدىن زەھەرلىنىش كېسىلى»، « ئىنتېرنېت تورىغا تايىنىۋېلىش كېسىلى» قاتارلىق ئاتالغۇلار بىلەن بۇ يېڭى كېسەلگە ئىزاھات بېرىپ كەلدى. ھازىر كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار «تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىنتېرنېت تورىنىڭ كىشىلەرگە كەلتۈرگەن جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى پاسسىپ تەسىرىنى ئىزاھلاپ كەلدى.

    تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلىنىڭ 8 خىل باھالاش ئۆلچىمى بار بولۇپ، پەقەت 5 تۈرگە ئۇيغۇن كەلسىلا تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ:

    (1) ئىنتېرنېت تورى ياكى باشقا تورغا چىقىدىغان مۇلازىمەتلەرگە مەپتۇن بولغانمۇ-يوق؟ ھەمدە توردىن چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىك.

    (2)  كۆپلىگەن ۋاقتىنى تورغا چىقىشقا سەرپ قىلامدۇ-يوق؟

    (3) ئۆزىنىڭ تورغا چىقىشىنى كونترول قىلالامدۇ-يوق؟

    (4) ئەگەر تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئازايتسا بىئاراملىق ۋە غەزەپ ھېس قىلامدۇ-يوق؟

    (5) تورغا چىقىشى مەسىلىدىن قېچىشمۇ ياكى ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇق ھېسياتىنى، گۇناھىنى، ئەنسىرەش كەيپىياتىنى  ئازايتىشمۇ-يوق؟

    (6) باشقىلارنى ياكى دوستىنى ئالداپ ئۆزىنىڭ تورغا چىقىش قېتىم سانىنى ياكى توردىكى ۋاقتىنى يۇشۇرامدۇ-يوق؟

    (7) تورغا چىقىش ئۈچۈن بەزىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ مەلۈم مۇناسىۋىتى، خىزمىتى، تەربىيىلىنىشى قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ-يوق؟

    (8) تورغا چىقىش ئۈچۈن كۆپلەپ پۇل خەجلىگەن تۇرۇپمۇ داۋاملىق تورغا چىقامدۇ-يوق؟

    (9) توردىن چۈشكەندە تېخىمۇ روھسىز ياكى كەيپىياتى تۆۋەن، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالامدۇ-يوق؟

    (10) تورغا چىقىش ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلانلىغان ۋاقىتتىن ئۇزۇنمۇ-يوق؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا پسىخولوگىيە بىرلەشمىسىدىكىلەر بۇ كېسەلگە نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك دىئاگنوز ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر ئادەمنىڭ IAD كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىغا  دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، كېسەل ئادەمدە  ئالدىنقى 12 ئاي ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك 7 خىل كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش  كېرەك:

    (1) چىداشچانلىقى ئاشىدۇ. ئۆزلۈكسىز ھالدا تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئوخشاش قانائەتلىنىش دەرىجىسىگە يېتىش. يەنى تورغا بولغان خۇمارى بارغانچە كۈچىيىپ بارىدۇ.

    (2) ۋاقىتلىق خۇمارىنى  تاشلاش ئالامىتى كۆرۈلۈش. ئەگەر بىر مەزگىل( بىر نەچچە سائەتتىن ياكى بىر نەچچە كۈنگىچە) تورغا چىقمىسا كۆڭلى ئارامسىز ھېس قىلىپ ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمىگىدەك دەرىجىدە تورغا چىقىشنى ئويلاش، ۋە ئۆزىنىڭ مەلۇم نەرسىنى قولدىن  ئۆتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەش، ھەتتا چۈش كۆرسىمۇ تورنى چۈشەش.

    (3) تورغا چىقىش قېتىم سانى دائىم ئالدىنئالا پىلانلاپ قويغان قېتىم سانىدىن  كۆپ بولۇش.

    (4) تورغا چىقىش ۋا قتىنى قىسقارتىشقا تېرىشىش، ئەمما دائىم مەغلۇب بولۇش.

    (5) كۆپلىگەن ۋاقىتنى ئىنتېرنېت تورىدىكى مەلۇم ئىشقا سەرپ قىلىش. مەسىلەن، يېڭى دېتال قاچىلاش، كۆپلىگەن ماتىرىياللارنى رەتلەش، چۈشۈرۈش قاتارلىقلار.

    (6) تورغا چىقىش ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئالاقە، ئۆگىنىش، خىزمەت قاتارلىق ئىجتىمائىي رولىنى چەكلەپ قويۇش.

    (7) گەرچە ھەددىدىن زىيادە تورغا چىقىشنىڭ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنسىمۇ لېكىن يەنىلا كۆپلىگەن ۋاقىتنى تورغا چىقىشقا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت.


    يۇقۇرىقى تەتقىقاتچىلارنىڭ قوللانغان  ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ. ئەمما ھەممىسى ئاساسەن تورغا چىقىش ۋاقتى، ئۆزىنى كونترول قىلىش، خۇمارلىق دەرىجىسى، ئېغىر ئاقىۋەتلەر قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. شۇڭا تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلىگە ھۆكۈم قىلىش ئاز دىگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇننى ئۆزئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

    تورغا چىقىش ۋاقتى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇش؛

    تورغا چىقىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى كونترول قىلالماسلىق؛

    ۋاقىتلىق خۇمارىنى تاشلاش ئالامىتى كۆرۈلۈش؛

    كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە رېئال تۇرمۇشقا قاتتىق تەسىر قىلىش قاتارلىقلار. ياش  ئۆسمۈرلەرنىڭ  تورغا  خۇمار  بولۇپ  قېلىشىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدىغان  ئامىللارنىڭ بىرى تورنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر، يەنە بىرى  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي  ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدە  بولغانلىقىدىندۇر.

    ئىنتېرنېت ئالاقە تورى--گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان ئالاھىدە  زور كۈچكە ئىگە، باشقا كۆپلىگەن ۋاسىتە قوراللىرىدا بولمىغان ھەر خىل ئۇچۇر مەنبەسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن  ئەپچىل ۋە  سۈرئىتى تېز بولغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسىدۇر .

    ئامېرىكىلىق   پسىخولوگ   گرېنفيېلد  شۇنچىلىك كۆپ ئادەملەرنىڭ  تورغا  خۇمار بولىشىدىكى سەۋەب شۇكى، تورنىڭ  ئىشلەتكۈچىلەردە تورغا نىسبەتەن يېقىنلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلالىشىدا ۋە ئۇنىڭ ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ، بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنىڭ بار بولغانلىقىدا دەيدۇ. ۋە بۇ خىل كۈچنىڭ باشقا ھەر قانداق شەيئىدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ دەل تورنىڭ سېھرىي كۈچىدۇر، بۇ خىل كۈچ  ئۇنىڭ ئۆزىدە بولغان پايدىسى  ۋە ئالاھىدىلىكىدىن بەلگىلىنىدۇ. تورنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ كونكرت ئىپادىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    بىرىنچىدىن، تور ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن  ئۇچۇر مەنبەسى ۋە ئالاقىلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ  بەردى. بۈگۈنكى ئۇچۇر دۇنياسىدا، كىمىكى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ كۆپ بولغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدىكەن، رىقابەتتە  تەشەببۇسكارلىق ھوقوقىغا ئىگە بولالايدۇ. ياش–ئۆسمۈرلەر  تېز ۋە يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن توردىن ياردەم سورايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز بولغانلىقىدىن  كۆپ ھاللاردا تورغا تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، تور ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئوبيېكتىنى ۋە  ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانلارنىڭ  كۆپچىلىككە قېتىلىش ۋە ئۆم بولۇشتەك ئەڭ ئاددىي ۋە تۇغما ئېھتىياجىنى قاندۇردى. رېئال تۇرمۇشتا قاتمۇ-قات تەشۋىش ئىچىدە ياشاۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر، تور دۇنياسىدا ھېسسىياتىنى  قانغۇچە  ئىپادىلەپ، دېمەكچى بولغان سۆزلىرىنى خاتىرجەم ھالدا  دىيەلەيدۇ، ھەمدە ئاسانلا ئۆزىنىڭ "ماكان"نىنى  تاپالايدۇ. رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە ھەرخىل توقۇنۇشلار، ياش–ئۆسمۈرلەرنى تور دۇنياسىغا  تېخىمۇ بېرىلدۈرىۋېتىدۇ. ئەگەردە ئۇلار بۇنداق ئادەم-ماشىنا  دىئالوگ قىلىشىدىغان  ئالاقە ئۇسۇلىغا كۆنۈپلا  قالىدىكەن، رىئاللىقتىكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە دۇچار بولىدۇ، ھەتتا  ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تورغا تېخىمۇ شەيدا بولىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، تور ياش–ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن سەرخىل بولغان، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنى يارىتىپ بەردى. توردىكى ئەڭ يېڭى مودا ناخشىلارنىڭ، قىزىق فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ، يېڭىچە ۋە  كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تور ئويۇنلىرىنىڭ تاقابىل تۇرغۇسىز سېھرىي كۈچى بار بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەر بۇنداق تور ئويۇنلىرىغا مەھلىيا بولۇپلا قالىدىكەن، تېخىمۇ كۆپ ھۇزۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپلىگەن ۋاقتىنى تورغا چىقىشقا ئىشلىتىشتىن يانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلالماي، توختاي دېسىمۇ توختىيالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

    فىزىئولىگىيىلىك جەھەتتىن ئېيتساق، ئۇزاق ۋاقىت تورغا چىققاندا چوڭ مېڭىدىكى بىرىكمە ماددا دوپامىننىڭ گورىزونتالى ئۆرلەپ كىتىدۇ، بۇ خىل بىرىكمە ماددا يەككە تەندە قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھاياجانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن  تورغا چىققۇچى ئالاقە تورىنىڭ مەۋھۇم دۇنياسىغا پېتىپ كېتىپ  ئۆزىنى تارتالماي قالىدۇ  ۋە بۇندىن كېيىنكى چۈشكۈنلۈك ھېسسىياتى ۋە ئۈمۈدسىزلىك ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچلۈكلىشىپ كىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۇ خىل تەسىرلەر بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ بولغان فىزىئولىگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئالساق، تورغا خۇمار بولغان ئابۇنتچىگە نىسبەتەن، روھىي جەھەتتىكى ھاياجانلىق تۇيغۇسىدىن بەھرىمان بولۇش ۋە ئىشلىتىشتىن توختىغان ۋاقىتتىكى ئازاپتىن ساقلىنىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالاقە تورىنىڭ  ئىقتىدارى تولۇق، ئۇچۇر مەنبەسى كۆپ، ئىدىيە ۋە ئاڭ جەھەتتە  بېكىنمە ئەمەس، كەيپىياتى ئازادە ۋە ئەركىن، تارقىلىش شەكلى تېز ھەم ئەپچىل بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

    ئالدى بىلەن، كەيپىياتنى تەڭشەش جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىققا  ئۇچرىغاندا  ئادەمدە ئاسانلا تەشۋىشلىنىش، تىت-تىت بولۇش، ھەتتاكى غەزەپلىنىشتەك ھېسسىياتلار پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تورغا چىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ خىل ناچار كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئويلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تورغا چىقىشنى تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ياكى پاسسىپ كەيپىياتىنى تەڭشەشتىكى قورال قىلىۋالىدۇ. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشتىكى مۇددىئاسىنى ستاتىستىكىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، %33.42 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تورغا چىقىشىدا كەيپىياتىنى تەڭشەش ئاساسلىق مەقسىتى بولغان.

    ئۇنىڭدىن قالسا، ياش-ئۆسمۈرلەردە ئالاقە قىلىشقا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، باراۋەر ئاساستا باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ھەقىقىي دوستلۇققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى ۋە ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياجلارنى رېئال تۇرمۇشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس، لېكىن تور دۇنياسىدا ياش-قۇرامى، جىنسى، مىللىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى قاتارلىق رېئال تۇرمۇشتا ساقلانغىلى بولمايدىغان زىددىيەت ۋە چەكلىمىلەرنى ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ، ئەكسىچە باراۋەر ئاساستا ئۇچۇر، ئىدىيە ئالماشتۇرغىلى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.

    ئەڭ ئاخىرىدا، تور ئادەملەرنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. تور بوشلۇقى  بىر خىل مەۋھۇم دېموكراتىيىلىك جەمئىيەتكە ئوخشايدۇ، ئۇ  خاسلىقنى ئىزدەيدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بىپايان بوشلۇقنى تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ. شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تالانتى تولۇق جارى قىلىندۇرۇلىدۇ. ياش–ئۆسمۈرلەر كىتابتىن سىرتقى بىلىملەرگە ئېرىشىشكە تەشنا بولىدۇ، مەكتەپ سىرتىدىكى سەرخىل دۇنياغا يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقە تورى بارلىققا كېلىشىگىلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە مەستانە بولىشىغا ئېرىشكەن.

    دائىم كۆرىلىدىغان تورغا خۇمار بولۇش ئەھۋاللىرى:

    1. توردىكى ئويۇنلارغا خۇمار بولۇش. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشتىكى مۇددىئاسىنى ستاتىستىكىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئويۇن ئويناش ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشتىكى ئاساسلىق مۇددىئاسى بولغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن يۇقىرى چەككە يەتكەن.

    2. توردا دوستلىشىشقا خۇمار بولۇش. ئۇ  OICQ  قاتارلىق  پاراڭلىشىش قوراللىرى ۋە تور بېكەتلىرىدىكى  تورداشلار بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ ئۆزىنى تارتالمايدىغان ، توردىكى دوستلىرىنى ئەمەلىيەتتىكى دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرىدىنمۇ مۇھىم كۆرىدىغان، رومانتىك ھېكايىلەرگە  ۋە "تور مۇھەببىتى"گە  ئىنتىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    3. توردىكى شەھۋانىي نەرسىلەرگە خۇمار بولۇش. توردىكى شەھۋانىي خەتلەر، رەسىملەر، فىلىملەر ۋە پاراڭلىشىش قاتارلىق شەھۋانىي مەزمۇنلارغا چۆكۈپ كىتىش.

    4. تور ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا خۇمار بولۇش. دائىم ئۆزىنى تۇتالمىغان ئاساستا توردىن رېئال تۇرمۇشقا چوڭ ياردىمى بولمىغان ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ۋە ياكى چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

    5. كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىگە خۇمار بولۇش. بۇ خىل تۈردىكى ئادەملەر، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ، كومپيۇتېر پروگراممىسىغا پۈتۈنلەي بېرىلىپ كەتكەن، يېڭىچە يۇمشاق ماتىرىياللارغا نىسبەتەن ئالاھىدە قىزىقىشى بولىدۇ. تور تېخنىكىسى ۋە خاككېرلىق (hacker) تېخنىكىسىغا ناھايىتى ئامراق بولىدۇ، شەخسىي تور بەت ياكى تور بېكىتى قۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلايدۇ.

    6. باشقا ئۆزىنى مەجبۇرلاش خارەكتېرلىك ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمىگەن ئاساستا تور مۇنازىرىسىگە قاتنىشىدۇ، BBS تە ماقالە ئېلان قىلىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، كىم ئارتۇق  سودىسى قىلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدۇ.

    تورغا خۇمار بولغان ياش–ئۆسمۈرلەردە، خۇمار بولۇش دەرىجىسى ۋە تۈرىنىڭ  ئوخشاش بولماسلىقىغا ئەگىشىپ كۆرىلىدىغان ئالامەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۇچرىغان تەسىرىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە تورغا خۇمار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يوقىرىقى بىرنەچچە تۈرنىڭ  ئارىلاشمىسىدۇر.

    ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يوقىرىقىدەك ئېھتىياجلىرىنى رېئال تۇرمۇشتا قاندۇرۇش ناھايىتى تەس بولغانلىقىدىن ۋە تور بوشلۇقىنىڭ ياش –ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن كەڭ ھەم ئېچىۋېتىلگەن بىر سەھنە تۈزەپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قالدۇرغانلىقى، يەنە كىلىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن تەكرار ئۇزاق ۋاقىت تورغا چىقىش ھەركىتىنى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكىدىن، بۇ خىل ئەھۋال كونترول قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەندە  ئىختىيارسىز  تورغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ.

    بىز چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، ئالاقە تورىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ تەسىرىدىن ساقلاندۇرىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزى، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى، ھەمراھلىرى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ مۇنداق ئۈچ خىل داۋالاش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

    ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزىگە نىسبەتەن، تور خۇمارىنى ئۈزۈش مەزگىلىدە چوقۇم ئۆزلۈك رولىنى(ئۆزلۈك رولى-مەلۇم ئىشتا شەخىسنىڭ كۆرسەتكەن رولى، يەنى ئۆزىنىڭ شۇ ئىشتا ئوينىغان رولىنى كۆرسىتىدۇ) كۈچەيتىشى، تورغا چىقىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىشى كېرەك. تونۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياش-ئۆسمۈرلەر چوقۇم كۆپ مىقداردا ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ۋە تور ئاممىسىنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىنى قوغداش بىلىملىرى ۋە ئاماللىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك، يەنە توغرا بولغان زامانىۋى تور ئېڭىنى تىكلىشى، ئەڭ مۇھىمى تورغا خۇمار بولۇش كېسەللىكى توغرىسىدا  ئېنىق ھەم توغرا بولغان چۈشەنچە بولىشى كېرەك. تەتقىق قىلغۇچىلار يەنە ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق بەش تۈرلۈك  ئۆزلۈك رولىنى تەكىتلىدى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قارشى تۇرۇش رولى تۈرى، زىياننى ئازايتىش رولى تۈرى، ھەرىكەت قىلىش رولى تۈرى، ماسلىشىش رولى تۈرى ۋە ئەسلىگە كېلىش رولى تۈرىدىكى ئۆزلۈك روللىرىدۇر. تورغا خۇمار بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئامالنىڭ بارىچە  ئۆزىدە بۇ بەش خىل ئۆزلۈك رولىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەرىكەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئامال بار ئاقىلانە ئاماللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تورغا چىقىش ئارقىلىق ناچار كەيپىياتىنى تەڭشەش ۋاسىتىسىنى قوللانماسلىقى كېرەك. يېقىن دوستلىرىنى تېپىپ مۇڭدىشىش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىۋالسىمۇ، ئېغىرراقلىرى پسىخىكا دوختۇرلىرىغا كۆرۈنسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن چېنىقىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىپ، روھىنى  ئازاد قىلىش يوللىرى ئارقىلىق ئۆزىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

    ئائىلە ۋە مەكتەپلەر چوقۇم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ توغرا تورغا چىقىشىغا  يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دائىم ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن سۆزلىشىشى، ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم دائىم پەرزەنتلىرى بىلەن باراۋەر ئاساستا سۆزلىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولىشى، ھەمدە بالىلار شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئۇلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتىن مۇۋەپپىقىيەت ۋە خوشاللىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىشى، دېموكراتىيىلىك باراۋەر بولغان ئائىلە مەدەنىيىتى شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ئوخشاشلا ئاتا-ئانىلارمۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى، ئەستايىدىللىق بىلەن كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى، پات-پات بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ تۇرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاتا-ئانىلارمۇ توردىكى بىخەتەرلىك نىزاملىرى ۋە تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭمۇ شۇلارغا رىئايە قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى بولمىغان بىر قىسىم تور بەت، خەۋەر ۋە پاراڭلىشىش گۇرۇپپىلىرىنى سۈزۈپ چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ ۋە تاقىۋېتەلەيدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ سودا مۇلازىمەت تورىنى تاللىغاندا ئۇدۇللا "تور غۇلۇپى"ئ ەسۋابىنى تەمىنلىيەلەيدىغان  مۇلازىمەت تورىنى تاللىشى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقە تورىغا چىقىشىنى كونترول قىلالايدىغان ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ بىۋاسىتە ئامالدۇر.

    مەكتەپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە  تەربىيە بېرەلەيدىغان ئاساسلىق مەيدانىدۇر .

    ئالدى بىلەن مەكتەپلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا بولغان توغرا چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارنى ئالاقە تورىغا مۇناسىۋەتلىك  توغرا بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى ۋە تەربىيىلىشى كېرەك. دائىم تور بىلىملىرىگە ئائىت لېكسىيە ۋە تاللانما دەرسلىكلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەندە ۋە ياكى تور ۋاستىسى ئارقىلىق دەرسلىكلەرنى  ئۆتكەندە، بالىلارنىڭ ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى ۋە ئۇلاردا توغرا بولغان تورغا چىقىش ئېڭىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن قالسا، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە دەرسلىكلىرىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشى، شۇ ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. جىنسىي بىلىملەرگە ئائىت دەرسلىكلەرنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەتكە بولغان سىرلىقلىق تۇيغۇسى ۋە قايمۇقۇشىنى يوقىتىشىغا  ياردەم  بېرىشى ۋە جىنسىيەتكە نىسبەتەن توغرا  كۆز قاراشقا ئىگە قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان تەپەككۇر ۋە چۈشەنچىسىنى تۈزىتىپ بېرىشى كېرەك. پسىخىكا ساغلاملىقىغا ئائىت دەرسلىكلەرنى ئېچىپ بېرىشى، لېكسىيە، مەسلىھەت بېرىش، پائالىيەت، كۆرگەزمە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پسىخىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام ۋە ئاكتىپ بولغان خاسلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىشى كېرەك. تورغا ئالاقىدار ئەخلاق تەربىيىسى دەرسلىكلىرىنى  ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ تور ئەخلاقى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشى كېرەك.

    يەنە بىر تەرەپتىن، مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچى تور ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى  كۈچەيتىشى كېرەك. مەكتەپ ئىچى تورىنىڭ مەزمونىنى بېيىتىشى، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرىشى، ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ئىلغار تور ئادرېسلىرىنى، كەسپىي ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ۋە نوپۇزلۇق ئىلمىي بېكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال تورغا چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتىشىنى يولغا قويۇپ ۋاستىلىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا تور ئۇچۇرلىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش توغرىلىق  تەربىيە بېرىشى كېرەك. يەنە توردا قەرەللىك ھالدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا  تور ئۇچۇرلىرى تەربىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ "سىڭدۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش" نى ئاساس قىلغان تور ئىدىيە –سىياسىي خىزمىتىنى ئىشلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم.

    ئەڭ ئاخىرىدا، مەكتەپلەر ئاكتىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىمگە بولغان ئېھتىياجىنى توغرا يولغا باشلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزاق ۋە بۈيۈك  بولغان  نىشاننى  تىكلىشىگە، ئالىيجاناپ خۇلقنى يېتىلدۈرۈشىگە، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېشىغا، پسىخىكىسىغا، ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان دەرستىن سىرتقى ئوقۇش كىتابلىرىنى تەييارلاپ بېرىشى، پات-پات تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشى، ھەرخىل قىزىقارلىق كورژۇكلارنى، ئالاھىدە قابىلىيەتنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى تەشكىللەپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە ۋە ھەرخىل پايدىلىق لاگىرلارغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ئەلۋەتتە ، مەكتەپلەر چوقۇم ئائىلىلەر  بىلەن دائىملىق ئۆز–ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرىشى، ئائىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشى، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن پايدىلىق تاشقى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

    «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى.» دېگەندەك ئەتراپتىكى ھەمراھلار ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى پايدىلىنىش سىستېمىسىدۇر. ياخشى بولغان ھەمراھ  ياش–ئۆسمۈرلەرگە ياخشى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ساغلام بولمىغان قىلمىشى ياكى ئىدىيىسى بار بولغان ھەمراھمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمراھ  ۋە دوست تاللاش ناھايىتى مۇھىمدۇر. دوستلار ئارا ئالاقە قىلغاندا، ئۈزلۈكسىز سىرتقى دۇنيانى تونىغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغىلى ۋە تۈزەتكىلى، ئۆز–ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ياش-ئۆسمۈرلەرگە  نىسبەتەن،  ئائىلە باشلىقلىرىغا قارىغاندا دوستلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەركىتىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ساغلام ۋە يوقىرىغا ئىنتىلىدىغان دوستلار بىلەن بىرگە بولغاندا، ساغلام بولغان تۇمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ، توغرا بولغان ئىدىيە ۋە قاراشنىڭ تەسىرىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ناچار كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياش –ئۆسمۈرلەر ناچار كەيپىياتىنى چوقۇم  تورغا چىقىش ئارقىلىق تەڭشىمىسىمۇ بولىدىغان بولىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنى تورنى توغرا ئىشلىتىدىغان توپنىڭ ئىچىگە قويغاندا، ئۇلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، تورغا چىقىش قىلمىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

    جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ساغلام تور بوشلۇقى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا خۇمار بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئائىلە ۋە مەكتەپلەر ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئۆز  ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەگەردە جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، كۆپ كۈچ چىقارسىمۇ ناھايىتى  ئازلا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، "قانۇنسىز تورخانا"لار مەۋجۇتلا   بولىدىكەن، بىر قىسىم ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان ياش–ئۆسمۈرلەر ئائىلە باشلىقلىرىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇيدۇرماي ئوغۇرلۇقچە تورغا چىقىدۇ. خوشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ مەسىلە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئورتاق تىرىشىپ، بىر تۈركۈم كۆلىمى چوڭ ۋە باشقۇرۇلۇشى ئۆلچەملىك تورخانىلارنى يۆلەپ، قانۇنسىز تورخانىلارنى قەتئىي چەكلەپ، نازارەت قىلىش تېلېفونلىرىنى تەسىس قىلدى. بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، مەسئۇلىيەتچان خادىملارنى تەكلىپ قىلدى، مەسىلەن پېنسىيە ئالدىدىكى كادىرلارنى جەمئىيەت نازارەتچىسى بولۇشقا قويدى، ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنسىز تورخانىلارنى قەتئىي تەرتىپكە سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەشۋىقات تارماقلىرىمۇ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان تور پونكىتلىرىنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيە ۋە بىلىمنى ئويۇن ئارىسىغا سىڭدۈرۈپ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارنىڭ مەيدانىنى ئىگەللىدى. دۆلەتمۇ ئۇچۇر بىخەتەرلىك تېخنىكىسىغا ئېتىبار بېرىپ، "ۋىرۇستىن مۇداپىيىلىنىش تېمىنى" قۇرۇپ چىقىپ ، تورنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا  ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    قىسقىسى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەگەر ئۇلار ساغلام مۇھىتنىڭ ئىچىدە ياشىسا، ئۇلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇش كېسىلىنى يېنىكلىتىشكە  ۋە يوقىتىۋېتىشكە پايدىسى بولۇپلا قالماستىن  ئۇلاردا تەدرىجىي ھالدا  ساغلام تور ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى، ئەڭ ئاخىرىدا ساغلام ئۆسۈپ –يېتىلىشىنى  قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;