• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تور مەستانىسى كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
  • تور مەستانىسى كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى قايسىلار؟ تور مەستانىسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

    1. تورغا چىقىش ئاللىبۇرۇن سىزنىڭ روھىي ھەم جىسمانىيتىڭىزنى ئىگەللىۋالىدۇ.

    2. پەقەت تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتقاندىلا ھەم زېھىن قويۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن قانائەتكە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىلەن تورغا چىقىش ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىن ئۇزىراپ كېتىدۇ.

    3. ئۆزىنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قېلىش.

    4. ھەر قېتىم ئىنتېرنېت تور يولى ئۈزۈلۈپ كەتكەندە ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تورغا چىققىلى بولمىغان ۋاقىتتا تىت-تىت بولۇپ خاتىرجەمسىزلىنىش ياكى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش.

     5. تورغا چىقىشنى ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى قىلىۋېلىش.

    6. ئائىلىسىدىكىلەردىن ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن تورغا مەستانىلىق دەرىجىسىنى يوشۇرۇش.


    7. ئىنتېرنېت تورىغا مەستانە بولۇپ قالغانلىقتىن ئوقۇشتىن، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولۇش.

    8. كۆپ مىقداردىكى پۇل، ۋاقىت ۋە زېھىن قۇۋۋەتنى سەرپ قىلىۋەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلىش، ئەمما ئىككىنچى كۈنى يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي تورغا چىقىش.

    9. ئۇزاق مۇددەت تورغا مەپتۇن بولغانلىقتىن، ئۇيقۇ دەۋرىيلىكى قالايمىقانلىشىش، ھېرىش، تىتىرەش، كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق جىسمانىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


    تور مەستانىسى كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، يەنە قانداق قىلىشىمىز، قانداق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟ تور مەستانىسى كېسىلىنى قانداق پەرۋىش قىلىشىمىز كېرەك؟

    ئامېرىكا پسىخىكا جەمئىيتى تور مەستانىسى كېسىلىنى پەرق قىلىشنىڭ ئۆلچىمىنى پەرەز قىلىپ چىقتى:

     1. ھەر ئايلىق تورغا چىقىش ۋاقتى 144 سائەتتىن، يەنى ھەر كۈنلۈك تورغا چىقىش ۋاقتى تۆت سائەتتىن يۇقىرى بولۇش.

    2. كاللىدا دائىم توردىكى نەرسىلەر ئەكس ئېتىپ تۇرۇش.

    3. تورغا چىقىشنى كونترول قىلالماسلىق.

    4. رىئاللىقتىن قېچىش، جىددىيلىكنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن تورغا چىقىش.

    5. ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئېيتىشقا پېتىنالماسلىق.

    6. تورغا چىقىش تۈپەيلىدىن ئوقۇشىغا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىش.

    7. تورغا چىقىش ۋاقتى دائىم ئۆزى ئالدىن پىلانلىغان ۋاقىتتىن ئۇزۇن بولۇش.

    8. نۇرغۇن پۇللارنى تور ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ياكى تورغا چىقىش ئۈچۈن سەرپ قىلىش.

     9. تېخىمۇ كۆپ بولغان ۋاقىتنى تورغا چىقىش ئۈچۈن سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن قانائەت ھېس قىلىش.

    يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن بەشتىن يۇقىرىسى كۆرۈلسە تور مەستانىسى كېسىلى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. پسىخىكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوختۇرلار، تور مەستانىسى كېسىلىنى داۋالاشتا پىسخىكىلىك داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. ھەر بىر بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، پسىخىكىلىق يېتەكلەش، پسىخىكىلىق بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تور مەستانىلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى بىلگەندىن كېيىن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم؟

    تور مەستانىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولغانلىقتىن، چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا مەركىزى سىجىل يۇقىرى دەرىجىدە جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ، سىمپاتىك نېرۋا (交感神经) سىستېمىسى زىيادە غىدىقلانغانلىقتىن، قان بېسىمى يۇقىرىلاپ، ئۆسۈملۈك نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى، ئاشقازان-ئۈچەي نېرۋىسى ئىقتىدارى كېسەللىكى، جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تور مەستانىسى بىرلەشمە كېسەللىكى تامامەن ئادەملەر ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى ئاسراشنى كۈچەيتسىلا بۇ خىل كېسەللىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


    1. تورغا چىقىدىغان ۋاقىت جەھەتتە ئۆز-ئۆزىگە چەكلىمە قويۇش، بولۇپمۇ كەچتىكى تورغا چىقىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بوپ كەتمەسلىك.

    2. مەشغۇلات ۋاقتىدىكى بەدەن ھالىتىگە دىققەت قىلىش. ئېكران ئىككى كۆز بىلەن بىر تەكشىلىكتە ياكى سەل تۆۋەن ئورۇندا بولۇش، كۆز بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇش. كونۇپكىنى باسقان بىلەك 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش كېرەك. يورۇقلۇق مۇۋاپىق ۋە بەك قاراڭغۇ بولماسلىق. قولنىڭ كونۇپكىنى باسقاندىكى سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىك.

    3. ئادەتتە ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەسىلەن، سۇ ئۈزۈش، دوسلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، سەيلە قىلىش، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار.

    4. يىمەكلىك جەھەتتە سەۋزە، چىڭسەي، ئاچچىق كاۋا، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، ئورۇق گۆش قاتارلىق ۋىتامىن ۋە ئاقسىل مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

    5. دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى بايقىغاندا، بالدۇر مەشغۇلات قىلىشتىن توختۇتۇپ، ئارام ئالدۇرۇش.

    6. تور مەستانىسى كېسىلى كۆرۈلگەندە جىددىيلەشمەسلىك، بالدۇر دوختۇرخانىغا بېرىپ، كۆرۈنۈپ داۋالىنىش، زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا پىسخىكىلىق داۋالاشنى ئورۇنلاشتۇرۇش.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;