• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تور مەستانىسى كېسىلىنى قانداق سەۋەپلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
  • تور مەستانىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىر ئورتاق نۇقتىسى بار: ئېنىق تۇرمۇش نىشانى ھەم غەيرىتى كەمچىل، رىئاللىقتىكى تۇرمۇش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. تور مەستانىسى كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، تاشقى ئامىل ۋە ئىچكى ئامىل دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. سىرتقى ئامىل بولسا جەمئىيەت شارائىتى ھەم ئائىلە تەربىيسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىچكى ئامىل بولسا قانائەتلىنىش ھېسىياتى كەمچىل بولۇش، فىزولوگىيە ھەم خاراكتېرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ.


    سىرتقى ئامىل

    1. جەمئىيەت مۇھىتى: تورخانىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تور ئويۇنلىرىنىڭ مودا بولۇشى، ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈك تالىشىش قاتارلىقلار. يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تور قەدەممۇ-قەدەم تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ  كىردى، نورمال بولغان ئۆگىنىش، خىزمەت، ئالاقە قىلىش قاتارلىق تەلىپىمىزنى قاندۇرغاندىن سىرت، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ئويۇنغا   ھەم كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى. شۇڭلاشقا خەتەرلىك تور ئويۇنلىرى، شەھۋانى مەزمۇندىكى كىنولار ھەم قىزىقارلىق بولغان تور پاراڭلىرى   قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىپ، ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىرادىسى ئاجىز، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە ماھىر، ئۇلار تېخىمۇ بەك بىر-بىرىنى دورىشىدۇ، بەسلىشىدۇ، يەنە نۇرغۇن چوڭلارنىڭمۇ تور مەستانىسى كېسىلى بار، بۇ تەرەپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەسىر قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تور مەستانىسى كېسىلىنىڭ جەمئىيەت مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.

    2. ئائىلە تەربىيسى: ئائىلە مۇھىتى ۋە تەربىيىلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە تەربىيسى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تور مەستانىسى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل، بىر تەرەپتىن ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن بالىسىغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، ياكى ئاتا- ئانىنىڭ ئۆزى بىر تور مەستانىسى بولۇپ، بالىنىڭ تورغا بولغان قىزىقىشىنى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار تور مەستانىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ئۇرۇش، تىللاش، ئائىلە زوراۋانلىقى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، ياكى بىراقلا بالىنى تەربىيلەشتىن ۋاز كېچىپ، ئاخىرىدا، بۇ خىل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋېتىپ، بالىلارنىڭ ئستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ.

    ئۇنداقتا، تور مەسنانىسى كېسىلىنىڭ ئىچكى ئامىلى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

    ئىچكى ئامىل

    1. قانائەتلىنىش تۇيغۇسى كەمچىل: ئوقۇش، خىزمەت ئىشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولىشى، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تور مەستانىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆگىنىش، خىزمەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىددىيسى قۇرۇق، ئىشەنچىسى كەمچىل، ئۇزاق مۇددەت يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللاپ، ناھايىتى ئوڭايلا توردىكى مەۋھۇم دۇنيادا قايتىدىن ئۆزىنى تاپالايدۇ،  غەلبە قىلىش ھىسىياتىنى قاندۇرالايدۇ.

    2. فىزىئولوگىيە ھەم پسىخىكا:   پسىخىكا ئالاھىدىلىكى ۋە فىزىئولوگىيە ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تور مەستانىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار كۆپىنچە 12-18 ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەرلەر كۆپرەك، ئەر، ئاياللارنىڭ نىسپىتى 2:1 بولىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى مۇكەممەل ئەمەس، ئاڭ جەھەتتە ئاجىز، چۈشىنىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناچار، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىر تۆۋەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلىق مەزگىلىدە تۇرغاچقا، قارشىلىق پسىخىكىسى ئېغىر، يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، قىزىقارلىق، خەتەرلىك، رومانتىكىلىق تۇيغۇ ئىزدەپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ باسقۇچتىكى كىشىلىك ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. تور مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، تور ئويۇنى، شەھۋانى تۈستىكى مەزمۇنلار، ھەم پاراڭلىشىش قاتارلىقلار دەل ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەبئىيلا تور مەستانىسى كېسىلى پەيدا بولىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;