• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تور مەستانىسى كېسىلىگە قارىتا قانداق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش
  • «تور مەستانىسى كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى» گە ئاساسەن، تور مەستانىلىق كېسىلىنى تور ئويۇنىغا مەستانە بولۇش، توردىكى شەھۋانىي مەزمۇنلارغا مەستانە بولۇش، توردىكى مۇناسىۋەتلەرگە مەستانە بولۇش، توردىكى ئۇچۇرلارغا مەستانە بولۇش، توردىكى ئالماشتۇرۇشقا مەستانە بولۇش قاتارلىق بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇ ئۆلچەم تورغا مەستانە بولۇش كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    1. تورنى ئىشلىتىشكە نىسبەتەن كۈچلۈك تەلپۈنۈش ياكى ھاياجانلىنىش ھېسىياتى بولۇش.

    2. تورغا چىقىشنى ئازايتقاندا ياكى توختاتقاندا، بىئارام بولۇش، تىتىلداش، ئاسان غەزەپلىنىش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنى باشقا ئېلىكتىرلىك ۋاسىتە ئارقىلىق، مەسىلەن تېلېۋىزۇر، ئويۇنچۇق ماشىنىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ.

    3. تۆۋەندىكى بەش تۈرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز دىگەندە بىرىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    (1) قانائەت ھېس قىلىش ئۈچۈن تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەم زېھىن قويۇش دەرىجىسىنى  كۈچەيتىش.

    (2) تورغا چىقىش ۋاقتى، ئاخىرلىشىش ۋاقتى ھەم داۋاملىشىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش تەسكە توختاش، نەچچە قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت.

    (3) ئېنىق بولغان خەتەرلىك ئاقىۋەت بىلەن ھېساپلاشماي، جاھىللىق بىلەن تورغا چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، خەتىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ توختىيالماسلىق.

    (4) تورنى ئىشلەتكەنلىكتىن باشقا قىزىقىشلىرى، كۆڭۈل ئچىش ۋە جەمئىيەتتىكى پائالىيەتلىرى ئازىيىپ كېتىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش.

    (5) تورغا چىقىشنى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ياخشى بولمىغان كەيپىياتنى يېڭىشنىڭ ئۇسۇلى قىلىۋېلىش.

    تور مەستانىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنلۈك ئۇدا تورغا چىقىش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن يۇقىرى بولۇش، ھەم بۇخىل ھالەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق بولۇش.


    تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ بولغاندىن كىيىن قانداق داۋالاش كېرەك؟  تور مەستانىسى كېسىلىنى قانداق كېسەللەر  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش مۇمكىن؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

    تور ئويۇنىغا مەستانە بولۇش دىگىنىمىز، روللارغا بۆلۈنىش شەكلىگە بېرىلىپ، قىزىقارلىق،خەتەرلىك جەرياننى ھېس قىلىشتۇر.   توردىكى مۇناسىۋەتكە مەپتۇن بولۇش دىگىنىمىز، توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق دوست تۇتۇشقا مەپتۇن بولۇشتۇر.  توردىكى شەھۋانىي مەزمۇنلارغا مەپتۇن بولۇش دىگىنىمىز، چوڭلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىكى پاراڭلىشىش ئۆيى ياكى توردىكى مەۋھۇم جىنسىي مۇناسىۋەتلەرگە مەپتۇن بولۇشتۇر.   توردىكى ئالماشتۇرۇشقا مەپتۇن بولۇش دىگىنىمىز، توردىكى قىمار،سودا،كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا مەپتۇن بولۇپ ئۆزىنى تارتالماسلىقتۇر. توردىكى ئۇچۇرلارغا مەپتۇن بولۇش دىگىنىمىز، مەجبۇرى خاراكتېرلىك تور بەتلىرىنى كۆرۈپ، ماتېرىيال ئىزدەش، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا تېخىمۇ كۆپ بولغان ماتېرىياللارنى ئىزدەشتۇر.


    تورغا مەستانە بولۇش قانداق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

    ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ھەم ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن، زوراۋان خاراكتېرىنى ئالغان تور ئويۇنى، ياخشى بولمىغان ئۇچۇر، ياخشى بولمىغان پاراڭلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۇزاق مۇددەت تورغا چىقىش چوڭ مېڭىدىكى نېرۋىدا «تورغا چىققاندىكى ھاياجانلىنىش نۇقتىسى» نى پەيدا قىلىدۇ، بۇ نۇقتىلارنىڭ تەسىرىدە چوڭ مېڭە ئۇدا جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ.  تور مەستانىسى كېسىلى روھىي جەھەتتىن يۆلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە كېسەللىك بولۇپ، شەخىسكە ھەم جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى ناھايىتى زور:

    1. كۈچلىك بولغان يۆلىنىش پىسخىكىسى بولىدۇ.

    2.تور مەستانىلىرىنىڭ تورغا چىقىشى ئاساسلىق ئېھتىياجىغا ئايلىنىپ قالغاندا،كۈچلۈك بولغان يۆلىنىش پىسخىكىسى پەيدا بوپ قالىدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: ئۆزىنىڭ تورغا چىقىشىنى كونترول قىلالماسلىق، تورغا چىقىش ۋاقتىنى توختىماي ئۇزارتقاندىلا ئاندىن قانائەت ھېس قىلىش، تورغا چىقىشقا ئامالسىز قالغاندا، تىت-تىت بولۇش، خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىق كەيپىيات ھەم ھالەت پەيدا بولىدۇ.

    3. جەمئىيەت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى  تور مەستانىلىرىنىڭ كۆپ ۋاقتى تورغا چىقىشقا سەرپ قىلىنغاچقا، روھىي ھەم ھەركىتى توردىكى پائالىيەتلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، بىئولوگىيلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت نىشانى ئاجىزلىشىپ، روھىي جەھەتتىن بوشاڭلىشىپ، نورمال تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىگە تەسىر يېتىپ، جەمئىيەت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    4. كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى تارىيىپ كېتىش: تور مەستانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى مەۋھۇم تور بوشلىقىغا يۆتكىۋېلىپ، گەرچە توردىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، رېئاللىقتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەردىن قاچىدىغان ياكى قارشىلىشىدىغان پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېغىر بولغان ئىككىلىنىش بولىدۇ. ئىككى خىل مۇھىتتىكى پەرق تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سېرىت تور مەستانىلىرىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە قىينىلىش كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەتتە توسالغۇ پەيدا بولىدۇ.

    5. ئادىمىيلىكتىكى ئۆزگىرىش ۋە ھېسسىياتتىكى سۇسلىشىش: تورغا مەستانە بولۇپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادىمىيلىكتىكى ئۆزگىرىش ۋە پسىخىكىدىكى توسالغۇ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتتۇر. مەسىلەن، سىز ئۇزۇن مەزگىل زوراۋانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى كۆرىۋەرسىڭىزساغلام بولمىغان بۇ مەزمۇنلار ئەڭ ئاساسلىقى ئادىمىيلىكتىكى ياتلىشىش، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتىكى يىراقلىشىشنى بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- يارەنلەر بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت سوغۇقلىشىپ كېتىدۇ. تور مەستانىلىرىنىڭ كەيپىياتىدىكى چۈشكۈنلىشىش ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن دېيىشمەستىن بەلكى توردا بولىدۇ. ئۆيدىكىلىرى ئۇلارنىڭ تورغا چىقىشىنى چەكلىگەندە، ئاسانلا ئۆيدىكىلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، بۇ خىل پسىخىدىكى توسالغۇ ئېغىر بولغاندا روھىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    6. ئۇزۇن مەزگىل ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە، كىشىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا پسىخىكىدىكى پاسسىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ساغلام بولمىغان ئويۇنلارنى ئوينىغاندا، پەقەت سىز تەكرار-تەكرار قىلسىڭىزلا، ئەخلاقتىكى سۇسلۇق، ئەخلاق ئۆلچىمىدىكى تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم ناچار ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە تورغا مەستانە بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنسىز قىلمىشلار كۆپلەپ يۈز بېرىپ، شەخس ۋە ئائىلىگە بەخىتسىزلىك ئېلىپ كىلىپ، جەمئىيەتكە زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;