• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئوقۇغۇچىلار قېنىپ ئۇخلىسۇن
  •    ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيقۇسىزلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە، ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل، دەپ قارىماقتا. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقانسېرى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ تەكرار قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن راھىلە، ئەزىمەتلەر دېيىشىچە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3 – يىللىقىغا چىققاندىن باشلاپ ھازىرغىچە قېنىپ ئۇخلاپ باقماپتۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كەچتە سائەت 12، بىرلەردە ياتىدىكەن، ئەتىگەندە بەش – ئالتىلەردە ئورنىدىن تۇرىدىكەن، بەزى كۈنلىرى ئۇيقۇسى كېلىپ ئۆگەنگەنلىرىنى پەقەتلا ئەسكە ئالالمايدىكەن، تەكرار قىلىۋېتىپ مۈگدەپ قالىدىكەن.

         مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈنىگە ئون سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توققۇز سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەككىز سائەتتىن كەم ئۇخلىماسلىقى كېرەك. لېكىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %70 ى كۈنىگە ئالتە – يەتتە سائەتلا ئۇخلايدىكەن، ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار كۈنىگە بەش سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيقۇسىز قېلىۋاتقانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر كۆپ قېتىم تەكلىپ بەردى، كۆپ قېتىم مۇنازىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماھىبەدەر مەھمۇد مۇنداق دېدى: سۈپەتلىك ئۇيقۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىمتىھانغا ئاز قالغانسېرى ئاتا – ئانىلار جىددىيلىشىپ، بالىسىنى كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكرار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ كىچىكىدىن يېتىلدۈرگەن ئۆگىنىش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغىنى تۈزۈك.

         ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقانسېرى بەزى ئوقۇغۇچىلار تەكرار ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدۇ، ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ئارىلاشمايدۇ، ئۆگىنىش جەريانىدا كەم سۆز بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارغا روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئوبدان قېنىپ ئۇخلاشقىلا ئەمەس، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ماھىبەدەر مەھمۇد مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانىلار ئائىلىدە بالىلارغا ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، بالىسى بىلەن كۈندە دوستانە پاراڭلىشىشى، بالىسىنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلاردىكى ئىمتىھان ۋەھىمىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان روھىي بېسىمنى ئازايتىپ، ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

         ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئايداي مۇھەممەتھەسەن مۇنداق دېدى: نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن تۆت سائەت ئاز ئۇخلىغان ئادەمنىڭ ئەتىسى ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى %45 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ – يېتىلىش ۋاقتىدا دائىم ئۇيقۇسىغا قانمىسا سالامەتلىكىلا ئەمەس، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق بالىلاردا جىددىيلىك، تېرىككەكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىشى ئىنتايىن مۇھىم.

        مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەنبەسى، دەپ قارىماقتا. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار تەكرار قىلىش ئۈچۈن ئۇخلاش ۋاقتىنى قىسقارتقاندىن كۆرە، سۈپەتلىك ئۇخلاش ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگىنى تۈزۈك. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلىشىغا، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;