• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار بولۇڭ
  •    ھايات سەپىرىمىزدە ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىقىلارغا ئۇچرايمىز. ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش ھايات مەنتىقىمىزگە باغلىق. مۇنداق بىر مەسەل بار: ئىككى پاقا ئۇزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرۈپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يول بويىدىكى بىر سۈت چېلىكىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. پاقىلارنىڭ بىرى ‹‹تۈگەشتىم، پۈتۈنلەي تۈگەشتىم، بۇ چېلەكتىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيمەن›› دەپ ئويلاپ، بىردىنلا بوشىشىپ ھاياتتىن ئۈمىدىنى  ئۈزۈپتۇ. يەنە بىر پاقا بۇ قىسمەتتىن ئۈمىدسىزلەنمەي چېلەكتىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىركىشىپ، چېلەك ئىچىدە توختىماي سەكرەپتۇ. ياشاشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تىرىشىشىدا تولۇق نامايان بوپتۇ. بىر چاغدا بۇ پاقا ئايىقى ئاستىدىكى سۈتنىڭ قۇيۇقلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ توختىماي سەكرىشى نەتىجىسىدە سۈت پىشلاققا ئايلانغانىكەن. توختىماي كۆرەش قىلىش ۋە ئېلىشىش ئاخىر ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتۇ. پاقا چېلەكتىن سەكرەپ چىقىپ، كۆڭۈللۈك ماكانى – زۇمرەت كۆلگە قايتىپتۇ.

         دېمەك، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا مۇستەھكەم ياشاش ئېتىقادى بىلەن توختىماي كۆرەش قىلساقلا ھەم ئۆزىمىزگە ‹‹مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك›› دەپ مەدەت بېرەلىسەكلا، قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تېڭىرقىساق، ئۆزىمىزنى تۈگەشتىم، دەپ قارىساق چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىپ كېتىمىز. شۇڭا ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق شارائىتتا ئۈمىدۋار بولۇپ، ھاياتىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىز كېرەك.  



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;