• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ناچار كەيپىياتنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى
  • ئۈزۈندە جىددىيلىك ۋە ئەندىشە قىلىش،قورقۇش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار سالامەتلىكنىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەن.

    ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،راك كېسىلى،تاجسىمان يۈرەك كېسىلى،يۇقىرى قان بېسىمى،يارا،نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى،قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى ئارتىپ كېتىش،باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە)،دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روھىي ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم روھىي ئامىل ناچار كەيپىياتتۇر.نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە،جىددىيلىك ۋە ئەندىشە قىلىش،قورقۇش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار سالامەتلىكنىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەن. ئۇنداق بولسا،كەيپىيات نېمە ئۈچۈن سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟بۇ مەسىلىنى ئالىملار كۆپ تەتقىق قىلغان.ھازىرچە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان بولسىمۇ،لېكىن كۆپرەك مايىللىق شۇكى،ئادەم ئوخشاش بولمىغان كەيپىياتتا تۇرغاندا،تۆۋەندىكى دۆڭچە مېڭە،ھىپوفىز،ۋېگېتاتىپ نېرۋا سىستېمىىسىنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ھەر خىل ئەزالارنىڭ فۇنكسىيىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.مانا بۇ كەيپىياتنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىشىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئاساستۇر. فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا ئىلمىي تەتقىقاتىدا جىددىيلىك ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىپ،ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ،دەپ قارىلىدۇ.«جاھىل قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئەندىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ناچار كەيپىيات»،دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.بۇخىل كەيپىيات كۈچلۈك ھەم ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا،كېسەلگە ئىشىكنى چوڭ ئېچىپ بەرگەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ.ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە،كەيپىيات ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامبۇلاتورىيىدىكى كېسەللەرنىڭ v ىنى ئىگىلەيدىكەن،يېقىنقى زاماندىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى بەزى كېەللىكلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ھالبۇكى،كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ھالىتى ئۆز نۆۋىتىدە كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئىككىسى بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ. 1.ناچار كەيپىيات ۋە راك كېسىلى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،ئۇزۇن مۇددەتلىك بۇرۇختورما ۋە نارازىلىق كەيپىيات،مەسىلەن ،غەم-قايغۇ،ھەسرەت چېكىش،قورقۇش،غەزەپلىنىش قاتارلىقلارئاسانلا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى تويۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە ياكى تويۇقسىز بىخەتەرلىك كاپالىتىدىن مەھرۇم قالسا،ئۇمۇ راك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. كەيپىيات بىلەن راك كېسىلىنى دۋالاش ئۈنۈمى ۋە راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى ئوتتۇرسىدىمۇ روشەن مۇناسىۋەت بار.خۇشال كەيپىيات راك كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق.مەيۈسلىنىش،ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى راك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېىتىدۇ.بالياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنى سېلىسشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئوخشاش داۋالاش شارائىتىدە،كېسەلگە بولغان پوزىتسىيىسى توغرا ۋە كەيپىيات ياخشى بىمارغا بولغان داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى،ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى ئۇزۇن بولغان؛ھالبۇكى،راك كېسىلىگە نسبەتەن ئەندىشە قىلىش،قورقۇش،ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىدا بولغان بىمارنىڭ كېسىلى تېزلا ئېغىرلىشىپ كەتكەن ھەمدە ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كەتكەن. 2.ناچار كەيپىيات ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قان بېسىمى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ.كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى قان بېسىمى ۋە يۈرەك رېتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.غەزەپلىنىش،ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاش،ئەندىشە قىلىش،قورقۇش،قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىياتلار قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.بولۇپمۇ غەزەپلىنىش،ئەندىشە قىلىش،ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ قان بېسىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق.بەزىلەر ھەتتا ئىچگە يۇتۇۋېتىلگەن دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى،دەپ قارىماقتا. دۆلىتىمز پسخولوگىيە خىزمەتچىلىرى 232نەپەر قان بېسىمى بىمارىنى تەتقىق قىلىپ شۇنى بايقىدىكى،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى X.7 بىماردا كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان،تېرىككەك،تەلىپى ئارتۇقچە يۇقىرى بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت تەكرار رەۋىشتە زىيادە جىددىي ھالەتتە تۇرسا،ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا بولىدۇ.مەسىلەن،ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يۇقىرى قان بېسىمغا ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.تېببىي ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە،ئوقۇش پۈتتۈرۈش سىنپىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن يىللىقتىكىلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 3.ناچار كەيپىيات ۋە يۈرەك كېسىلى يۈرەك ۋە قان تومۇرنىڭ كەيپىياتقا بولغان سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى،تەكرار ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ناچار كەيپىيات يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل.ئەندىشە قىلىش،قورقۇش،غەزەپلىنىش،قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىياتتا بولغانلارنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۇنى قايتا قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە،بەك ئەندىشە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك سانجىقىنىڭ قوزغىلىشى ئانچە ئەندىشە قىلمايدىغانلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.تولا ئەندىشە قىلىدىغان،غەم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.غەزەپلىنىش،ئەندىشە قىلىش،ۋەھىمە ۋە كەيپىياتتىكى باشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرشىلەر ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نۇرغۇن تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە يۈرەك سانجىپ ئاغىرىش ۋە يۈرەك تىقىلمىسى كۆرۈلىدۇ،ھەتتا تۇتۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. 4.ناچار كەيپىيات ۋەئاشقازان،ئۈچەي كېسەللىكى ھەزىم قىلىش سىتېمىسى كەيپىيات ئىنكاسىغا سەزگۈر ئەزادۇر.كەيپىيات ئاشقازان،ئۈچەينىڭ فۇنكسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئادەم قورققان ۋە ئازابلانغان ۋاقىتىلاردا،ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاقىرىپ،ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى توختاپ،ھەزىم قىلىش ناچارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ئەندىشە قىلغاندا،غەزەپلەنگەندە،ئاغرىنغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ،ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ.ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداق بولىۋەرسە،ئاشقازان ياسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە،ھايۋانلار بىئارام بولۇش،قورقۇش،خاتىرجەمسىزلىنىش،جىددىي كەيپىياتتا سىجىل تەسىرگە ئۇچراش نەتىجىسىدە ئاشقازان يارسى بولايلا دەپ قالغان.بۇنىڭدىن ناچار كەيپىياتنىڭ ئاشقازان،ئۈچەي كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا بولغان تەسىرىنىڭ ناھايىتى زور بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.  



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;