• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ
  • ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىملىرىمىز تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋانىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ۋەكىلى ھۆل ئىسسىق(قان خىلىتى) باشقا خىلىتلارغا قارىغاندا ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنى ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەر دەپ ئاتىغان، بۇنداق كىشىلەر يەنە قان مىزاجلق كىشىلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قان مىزاجلىق كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك تەبىئىي سۈپەت، خۇسۇسىيەت ۋە پىسخولوگىيىلىك ئىپادىلەر بولىدۇ:

    بۇنداق كىشىلەرنىڭ رەڭگى قىزغۇچ، نۇرلۇق، كۆركەم كېلىدۇ؛ قەددى – قامىتى ئوتتۇرا بوي(غۇنچە بوي)، بەدەن شەكلى دۇغلاق، سېمىزرەك، كۆز ئېقىنىڭ رەڭگى ۋە تىلى قىزغۇچ بولىدۇ، ئاغزى كۆپىنچە چاغلاردا تاتلىق بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق ئەھۋال ئەتىگەندە گەۋدىلىك بولىدۇ، بەدەن ھارارىتى دائىم ئىسسىقراق بولۇپ، تېرىسى، مۇسكۇللىرى چىڭراق ھەم يۇمشاقراق كېلىدۇ، تومۇرى يوغان بولۇپ، ئىتتىكرەك سوقىدۇ، مىجەزى ياخشى بولۇپ، خۇش چىراي، چاقچاقچى، كىچىك پېئىل، كەمتەر بولىدۇ، باشقىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتەلەيدۇ، روھىي ھالىتى جۇشقۇن، ھەم ئىشچانراق كېلىدۇ، بەدىنى كۈچلۈك، كېسەللىككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى خېلى يۇقىرى، ھېسياتى خېلى كۈچلۈك كېلىدۇ، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ، ئېغىر بېسىق ھەم تەمكىن كېلىدۇ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، تاماق تاللىمايدۇ، ئىسسىق ياكى سوغۇق مۇھىتقا خېلى ياخشى ماسلىشالايدۇ، ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا، جاپا-مۇشەققەتكە خېلى چىداملىق كېلىدۇ، تەپەككۇر قىلىش، ئويلاش، پىلانلاش قابىليىتى خېلى كۈچلۈك بولىدۇ، كېيىنكى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ، باشقىلارغا مەسلىھەت بىرەلەيدۇ؛ ئادەتتە ئۇيقۇسى خېلى ياخشى كېلىدۇ، كۆپرەك ئەسنەپ ئۇيقۇسى كەلگەندەك بولۇپ تۇرىدۇ، چوڭ تەرەت ۋە سۈيدۈكى كۆپىنچە چاغلاردا قىزغۇچ كېلىدۇ.

    يۇقىرىقى تەبىئىي سۈپەتلەر بويىچە ئېيىتقاندا، رەڭگىنىڭ قىزغۇچ، غۇنچە بوي، دوغىلاق بولۇشى تۇغما مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغاچقا، ھەرقانداق سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما قالغان خۇسۇسىيەت ۋە پىسخولوگىيىلىك ئىپادىلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بولغاچقا، بۇنى ماددىي ۋە مەنىۋى تەربىيىلەر ئارقىلىق مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش(دورا-دەرمەكلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)، چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مۇمكىن. بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر ھەرقانداق تەربىيىنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;