• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قايغۇ ۋە خۇشاللىق مەنتىقىسى
  • قايغۇ ۋە خۇشاللىق مەنتىقىسى
    ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكىنىگە خېلى يىللار بولغان بىر قىز شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا كەسىپى بويىچە تۇلۇق كۇرۇسنى تاماملاش ئالدىدا تۇراتتى . ئۇ بىر دوستۇمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى بىلەن مەكتەپداش بۇلۇپ ، تۇنۇشقىنىمىزغا بىر ئايمۇ بولمىغاندى . بىر كۈنى ئۈچەيلەن بىرلىكتە تاماق يەۋاتقاندا ، ئۇ قىز خېلىدىن بېرى ئۆزىنى غەم – قايغۇ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى .
    شۇنداق ، غەم – قايغۇ ئىچدە نېمە قىلارنى بىلمەي گاڭگىراپ قانغانلار خېلى كۆپ ، ماڭا يۈرەك سۆزىنى ، توغرىسى ئائىلە كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەرگەن بۇ قىز ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ، خالاس.
    مەيۈس، خاپىخان چىرايلارنى ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە گاڭگراپ قالغانلارنى ، قايسىدۇر بىر ئىشلاردىن ئىچى پۇشۇپ بىئارام بۇلىۋاتقانلارنى ، نېمىدىندۇر ،كىملەردىندۇر كۆڭلى سۇ ئىچمەيۋاتقانلارنى ، ئوقۇش ، كەسىپ ۋە خىزمەتتە مەغلۇپ بۇلىۋاتقانلارنى كۆپ ئۇچىراتتىم ، ئۇلارنىڭ غەم – قايغۇغا دۇچار بۇلۇش سەۋەبلىرى پەرىقلىق ئىدى . راسىت ، مەنمۇ بىر چاغلاردا شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدىم . مېنىڭمۇ نورمال ئادەملەر باشتىن كەچۈردىغان ئوقۇش ، مۇھەببەت ، ئائىلە تۇمۇشى ، ئىقتىسادى بېسىم ۋە كەلگۈسۈمگە چېتىلدىغان نۇرغۇن غەم – قايغۇلىرىم بولغان . مۇن بۇنداق غەم- قايغۇلاردىن كىتاب ئوقۇش ، نەتىجە قازانغانلار بىلەن سىردىشىش ، ئۆز – ئۆزۈمگە تەكرار – تەكرار پۇرسەت بېرىش قاتارلىق كونكىرىت ئۇسۇللار ئارقىلىق قۇتۇلغاندىم . بىراۋ مەندىن : « ئۇنداقتا ھازىر غەم – قايغۇڭىز يوقمۇ ؟ » دەپ سورىسا ، ئەلۋەتتە « بار » دەپ جاۋاپ بېرىمەن .
    مەنتىقە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئازاپسىز خۇشاللىقىنى ھىس قىلغىلى بولمايدۇ . پەلىسەپە كاتىگورىيىسىدىن ئېيىتقاندا ئەڭ چوڭ ئازاب ھېسابلىندىغان ئۆلۈم ھاياتىنىڭ مۇكەممەل شەرھىسىدۇر . مۇشۇ مەندىن قارىغاندا ، ئۆلۈمدىن مۇستەسنا ھاياتلىقىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ ، ئۆلۈم ھاياتلىقىنىڭ ئەبەدىلىيلىكىنى ئىنكار قىلغاندەك ، ئازابمۇ ، قايغۇمۇ خۇشاللىقىنىڭ ئەبەدىيلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ .
    سىز كىم بۇلۇڭ ، نېمە ئىش قىلىڭ ، ھامان تۈلۈك غەم – قايغۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىرى ئىچىدە ياشايسىز . بەزى چاغلاردا بۇنداق غەم-قايغۇ سىزنى كونتىرول قىلىۋېلىپ ،ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتىنى ئىتايىن يېقىمسىز كۆرسىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا تۇيغۇدۇر.رېئال دۇنيا شاد-خۇراملىق ، گۈزەللىك ۋە مەردانىلىقنىڭ سېھىرى كۈچى ئارقىلىق ئادەمنى ئۈمىدلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . بىز دادىللىق بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلەنسەك ھەر قانداق غەم – قايغۇنىڭ مەنبەسىنى تاپالايمىز . غەم- قايغۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ماھىيەتتە ئىنتايىن ئاددى ھەم ئادەتتىكى مەسلىلەرگە چېتىلىدۇ . كۆپ ھاللاردا مەلۇم بىر ئىشنىڭ غايىمىزدىكى ھالىتى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن پەرىقنىڭ كۆرۈلىشى شۇ ئىشنى بىزگە بىرەر مەسلە باردەك ، جىددى بىر تەرەپ قىلمىساق چوڭ كاشىلا چىقىدىغاندەك ھىس قىلدۇرۇپ قويىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشتىن ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ ، بۇنداق بۇلۇشى كۆڭلىمىزدە چوتنى خاتا سوققانلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.
    ئادەم ئۆزنى روھلۇق ھىس قىلغاندا خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئۆزىمىز ئىشلەۋاتقان خىزمەتنى سۆيسەك ، ئاكتىپ پوزىتىسيە بىلەن ئىشلىسەك ، ئۈنۈم ، نەتىجە ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ . بەزىدە خىزمەتتە خۇشاللىق تاپالماي ، بىرەر ئىشتىن كۆڭلى غەش بولسا ، بۇنداق پاراكەندىچىلىكتىن كېلىپ چىققان غەزەپلىنىش تۇيغۇسى ياكى غەم – قايغۇنى بىلىپ – بىلمەي ئائىلىگە سۆرەپ كېلىپ ، ئۆي ئىچىدە كۆڭۈلسىزلىك پايدا قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بۇلىدۇ . ئوقۇش ، تەتقىقات ۋە خىزمەتتىكى غەم – قايغۇلار كۆپ ھاللاردا پىلاننىڭ ئېنىقسىزلىقىدىن كېلىدۇ . ئامېركىلىق جەمئىيەتشۇناس سىپىنسىر بىلەن كېننىس پىلانچاردنىڭ قارىشچە :« بىزنىڭ ھەقىقىي ، مۇھىم نەتىجىلىرىمىزنىڭ 80 % ى دەل بىزنىڭ 20 % نى ئىگەللەيدىغان نىشانىمىزدىن كېلىدۇ ». پىلان تۈزۈلۈپ ، بىر كۈنلۈك ، بىر ھەپتىلىك ، بىر ئايلىق ، بىر يىللىق نىشان ئېنىق بېكىتىلسە ، ئادەمدە بىردىنلا روھى جەھەتتىن ئۆزىنى يىنىك ھىس قىلىش تۇيغۇسى بۇلىدۇ –دە ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىششىنىڭ ئاساسىنى ئوڭۇشلۇق تۇرغۇزغىلى بۇلىدۇ . ئەتراپىمىزدىكى كىشلەرگە دىققەت قىلساق ، نىشانى ئېنىق ، پىلانى ئەمەلىي بولغانلارنىڭ مەيلى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانسۇن غەلبە قىلغانلىقىنى ، ئەكسىچە ،، چېچىلاڭغۇ ، تۇتامسىز كىشلەرنىڭ مەغلۇبىيەتچىگە  ئايلىنىشتەك قىسمەتتىن قۇتىلالمايۋاتقانلىقىنى بايقايمىز . تەنىھەرىكەت  مۇسابىقىسدە رېكورت يېڭىلاشتىن ئىبارەت ئېنىق نىشان بولغاچقىلا ، تەنىھەرىكەتچىلەر بىلەن بەس – بەستە مۇسابىقىگە  چۈشۈپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشىپ ، ئەڭ ئاخىر ئالتۇن مېدال ساھىبىغا ئايلىنىدۇ . شۇنىڭدەك بىزنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلات  جەريانىمىزمۇ بىر تالاي مۇسابىقىلەر بىلەن تولغان . ئەمما بىز ئىمكان بار بۇنداق مۇسابىقىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز . بۇنداق پاسسىپ پوزىتسىيە ئىقتىدارىمىزنى نابۇت قىلىدۇ،پاسسىپ روھى ھالەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان چېغىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتتىن ئېغىز ئاچالمايمىز .
    ئۆزىنى ئەقىللىق ، ۋىجدانلىق چاغلايدىغان ئادەمنىڭ  ۋايسىشى ، غەم- قايغۇغا چۆكۈشى نادانلىقتۇر. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاقلىقى نۇقتىسىدىن ئۆزىمىزگە يۈزلەنسەك ياكى خاس مەۋجۇتلۇقىمىز نۇقتسىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتگە نەزەر تاشلىساق ، ئوخشاشلا غەم- قايغۇنىڭ ئىنساندىن باشلىنىپ ئىنساندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بايقايمىز .
    بەزى چاغلاردا ئۆزىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ، تۇرمۇشىمىز ۋە ئەقىدىمىزگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتتىماللىقىمۇ يوق ئىشلارغا باش قاتۇرىمىز ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تەسىرىنى ئويلاپ قايغۇرىمىز . ئەمەلىيەتتە كۆڭلىمىزدە بۇنداق غەشلىك پەيدا قىلدىغىنى بىزنىڭ شۇ ۋەقە ھەققىدىكى ھۆكۈمىمىزدۇر . تۇرمۇشىمىزغا ، جەمىئىيەتكە قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ . دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ، ئاڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ يېڭىلىنىشى ، تۇرمۇش ۋە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ، ئۆزىمىزدىن بۇرۇنقىلار ھەم كېيىنكىلەرگە ياشاش نىسىپ بولمايدىغان بىرخىل ئالاھىدە دۇنيادا ياشايمىز . ھازىرقى رېئاللىقىمىزىنى چىقىش قىلىپ ئويلىغاندا ، بىراۋنىڭ پايدا ئېلىپ ، بىراۋنىڭ زىيان تارتىشى شەرت- شارائىت ، تىرىشچانلىق ۋە پاراسەتتىن بۇلىدۇ . بۇنىڭغا بىپەرۋالىقىمىز ، بوشاڭلىقىمىز ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكىمىز قاتارلىقىلار سەۋەب بۇلىدۇ ، خالاس.
    ھالبۇكى ، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئۆز ھالىغا يارىشا ئىش قىلماي ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالىدۇ . دوست – بۇرادەرلىرى توغرا پىكىر – تەكلىپلەرنى بەرسە قۇبۇل قىلمايدۇ . ئۆزىنى چاغلىماي باشلاپ قويغان چوڭ ئىشلىرى ئۇزاققا بارمايلا ئىرادىسىنى سۇندۇرىدۇ – دە ، باشقىلارغا دەرد  تۆكۈشكە باشلايدۇ . يەنە بىر قىسىم كىشلەر ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامراق ، ئەمما ئۇلار باشقىلارنىڭ قايسى باسقۇچتا قانداق ئىش باشىلىغانلىقىنى ، خىزمەت ، تەتقىقات داۋامىدا كۆرۈلگەن قىينچىلىق ،ھالىقىلىق مەسلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت ئىگىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەر ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .
    ۋاقىت ئېڭى يېتىلدۈرۈش ھايات ئېڭى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى . ھايات ئېڭى ئۈستۈن ئادەملەر چەكسىز خۇشاللىقىتىن بەھىرمان بولالايدۇ . ۋاقىت – ئىنساننىڭ ئەڭ چەكلىك ، ئەڭ قىممەتلىك بايلىقدۇر . بۇ دۇنيادىن ئىز – دېرەكسىز ، نام – نىشانسىز كەتكەنلەر ، كېتىۋاتقانلارنىڭ خاتالىقى ۋاقتىنى مەنسىز ، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئىسراپ قىلغانلىقىدا .ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى ئۆزىگە تەئەللۇق بولسىمۇ ، ئۇنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىش ھاماقەتلىكتۇر . غەم -قايغۇدىن قۇتۇلۇپ ، خۇشال – خۇرام ياشاش ئۈچۈن ۋاقىتنى تېجەشكە ، ھەر مىنۇت ، ھەر سېكۇنت ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
    ۋاقىت ئەڭ ئادىل سودىيە ، نېمە قىلغان – قىلمىغانلىقىمىز يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاشكارلىنىدۇ . ۋاقىتتىن  ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا ، تۇرمۇش باغچىسدا رەڭگارەڭ  گۈللەرنى ئېچىلدۇرغىلى بۇلىدۇ . ۋاقتىنى تېجەشكە سەل قاراش بىزنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرۈپ ،غەم- قايغۇغا يەم قىلىۋېتىدۇ . ھاياتلىقتا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان توغرا ، قوللىنىلغان تەدبىر مۇكەممەل  ۋە جانلىق بولسا ،ۋاقىتتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى ، ئۆمۈرنى مەنىگە ئىگە قىلىپ ،ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى لايىقىدا ئىپادىلىگىلى بۇلىدۇ .
    نام – شۆھرەتكە بېرىلگەنلەر ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ ئاغىزىدىكى گەپكە ، پاراغەتكە بېرىلگەنلەر ئۆز بەختىنى ئۆزنىڭ سەزگۈرلىكىگە باغلايدۇ . تەجىربىلىك ، ئەمەلىيەتچىل كىشلەر بولسا ئۆز بەخىت – سائادىتىنى نىشانى ، مەشغۇل بۇلىۋاتقان ئىشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىگە باغلايدۇ . ئەھمىيەتلىك ، خەيرىلىك ئىشلارنى قىلغان ، قىلىۋاتقان ، قىلماقچى بولغانلارنىڭ مەنىۋىيىتى يۈكسەك ھالەتتە بۇلىدۇ . مەنىپەئەتپەرەسلىك ، نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەن كىشى ھامان پۇشايمان قىلىدۇ . مەنپەئەت ۋە ئېھتىياجنىڭ سىرتىدىكى بايلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇرۇپ كەتكەنلەرنىڭ مەنىۋىيىتى ئاخىرقى ھېسابتا پۈچەكلىشىپ كېتىدۇ . ماددىي خۇشاللىق ۋە رىغبەت بىردەملىك ، مەنىۋى خۇشاللىق مەڭگۈلۈكتۇر .  
    ھەر بىر كىشى ئۆز ھاياتىنىڭ ھەر قانداق بىر باسقۇچىدا ، بەخىت – سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ . بەخىتكە ئېرىشىش  ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ، جەمىئيەتتىكى بىر قىسىم كشلەر پۇل –مالغا ، پايدا – مەنپەئەتكە ، نام – ئاتاققا ، يۇقىرى ئىجتىمائىي ئۇرۇن ، ئالاھىدە تەمىناتقا ئېرىشىشىنى ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشش ھېسابلايدۇ . ئۇلارنىڭ ئوقۇشى ، ئىزدىنىشى ، تەتقىقاتى، ئەمگىكى تىنىمسىز تەپەككۇر قىلىشى مانا مۇشۇ نىشانغا يېتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ئۇلار مۇشۇ يولدا ئىزدىنىپ ، تۈرلۈك – تۈمەن قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقىدۇ ، ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا ئامان- ئېسەن يەتكەن، ماددىي مەئىشەت ، ھوقوق – ئىمتىياز دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار باش .ئاغىرىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ . بالا – چاقا ، نەۋرە – چەۋرىلىرىنىڭ دەردى ، ئەندىشىسى يىلدىن – يىلغا ئېغىرلاپ بارىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەكسىچە مەنىۋى خۇشاللىقىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قويغانلار ھاياتتىن ھەر ۋاقىت ھۇزۇرلىنىپ ياشايدۇ .
    قىسقىغىنە ھاياتلىق مۇساپىمىزدە ، تەكرار تاللاشلارنى باشتىن كەچۈرىمىز . بىر قىسمىمىز ئاشۇ تاللاشلار ئارقىلىق بىر ياكى بىر نەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن توغرا ، بىخەتەر يولنى تاپساق، بىر قىسمىمىز تەركرا-تەكرار تاللاشنى داۋاملاشتۇرۇپمۇ توغرا يولنى تاپالماي ، قايمۇقۇش ، دىل ئازابى ۋە ئەقلى ناقىسلىقنىڭ جەبىر – جاپاسىنى تارتىمىز. يۇقىرىقى ئىككى توپتىن ئېشىپ قالغانلىرىمىز ئاتا – ئانا ، يۇرت چوڭلىرى ، ئالىم – ئۆلىمالار ، ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانچە جاپا چەكمەيلا توغرا يولغا كىرىپ ، ئۇرۇنسىز تەسىرلەردىن ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن،ئەل-يۇرتىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ، خانۇ – ۋەيرانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشتىن ساقلىنىپ قالىمىز . بىز ھەر بىر ئىشتا ، ھەر بىر قەدەمدە دۇچ كېلىدىغان قۇبۇل قىلىش ۋە پايدىلىنىشنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز  ۋە تەرەققىياتىمىز ، ئائىلىمىزنىڭ شان –شەرىپى ، ئەل – يۇرتىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ، ئۆزىمىز مەنسۇپ قۇۋۇمنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئۆزگىچە تەرەققىيات  يولىغا پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقساق ، بۇخىل تاللىشىمىز ، قۇبۇل قىلىشىمىزدىن خەيرىلىك نەتىجە چىقىپ ، تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ئۆسۈشى ، مەنىۋى قىياپىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
    تەپەككۇرى ئۆتكۈر ، ئەقىلى سۈزۈك ياشلار ۋەتەن ، مىللەتنىڭ جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىنى توغرا يولدا مېڭىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق قوغداپ قالالايدۇ . ئەقىدە ، ئىشەنچ بولمسا ، غەيرەت- شىجائەتتىن سۆز ئاچقىلى ، ھەرقانداق نەتىجىنى قىياس قىلىغىلى بولمايدۇ . ئەقىدىسىزلىك بىزنى مەۋقەسىزلىككە ، پۇرسەتپەرەسلىككە ، نەيراڭۋازلىقققا ، پىتنىخورلۇققا رەزىللىككە ، نۇمۇسسىزلىققا يېتەكلەيدۇ – دە ، ھەر بىر قىلمىشىمىزنىڭ نەتىجىسى سالامەتلىكىمىزگە ، خاتىرجەملىكىمىزگە ، تەرەققىياتىمىزغا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە ، بىز بىلەن بىر ئۆيدە ، بىر ئۇرۇندا ياشاۋاتقان ، ئىشلەۋاتقان ، بىز بىلەن ھەمكارلاشقان ھەرقانداق بىر ئادەمگىمۇ روھى ۋە ماددى زىيان سالىدۇ .شۇڭا ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ،ھەرقانداق شەكىلدە توغرا يولدىن چەتنەش ، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى غەم – قايغۇلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ .
    دۇنيانىڭ بىر مەزگىللىك مەنپەئەتىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىش ئادەمنى گېزى كەلگەندە ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا ، غورۇر – ۋىجدانى ، ئادىمىيلىكى بىلەن ھېسابلاشماسلىققا مەجبۇرلايدۇ .
    ھايات ساۋاقلىرى بىزنى ياشلىق بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ چىققاندىكى ھەر بىر قەدەمنى ئويلىنىپ،دەڭسەپ بېسىشقا ئۈندەيدۇ.ئەقىدىسىزلىك ،ئەخلاقسىزلىقلار بىزنى قانۇن سوتىغا تارتىپ بارالمايدىغاندەك بىلىنسىمۇ،مەنىۋى جەھەتتىن ۋەيران قىلالايدۇ.ئىنساننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئۆزى،ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى نەپىس-خاھىشدۇر.ئەگەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان مەپتۇنلىقى ھەددىن زىيادە ئارتىپ كىتىپ ،ئەقىل بىلەن ھىېساپلاشماي،كۆڭلى خالىغان،نەپسى ئالدىراتقان ئىشلارنى قارا قۇيۇق قىلىۋەرسە،روھىيى تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ.جسمانىي زەيىپلىشىپ،قايغۇ- ھەسرەتتىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بالا-قازادىن ساقلىنىش،ئۆزىنى ئەمىنلىككە،تەرەققىيات ۋە چىن دوسلۇققا ئېرشتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،ئىلگىرىكىلەر ۋە زامانداشلارنىڭ  ئاچچىق قىسمەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنسان ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەپەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . روھى خاتىرجەملىكى بۇزۇلغان ، مەنىۋى دۇنياسى بەرپات بولغانلار ئۆلۈم،ئاغىرىق-سىلاق ، ھەرخىل تەبئىي ئاپەتلەر ، ھەتتا ياشاشنىڭ ئۆزىنىمۇ ئازاب دەپ بىلىدۇ . ئەل – يۇرت ، ۋەتەن مۇھەببىتى ، ياخشىلىق دەۋەتلىرى قەلبىگە ھاكىم بولغان ئەقىدىلىك، تىرىشچان ، ئىزدىنىش روھىغا باي كىشلەر ھە قانداق ئېغىر كۈندە قالسىمۇ ، ئۆز روھىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ ، زامانغا ئەسىر بۇلۇپ ، ئاللاكىملەردىن قاقشىمايدۇ ، ئەكسىچە قەيسەرلىك بىلەن ياشايدۇ ، ئەل-يۇرت ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى سۇس ، ئەقىدىسىز كىشلەر – باي-باياشاد تۇرمۇش قويىنىدا ياشىسىمۇ ، نەپىس – خاھىشى تۈپەيلى خارۇ – زار بۇلۇپ ، ئەتراپىدىكى يېقىن –يىراق كىشلەرنى بىئارام قىلىدۇ . دېمەك ، ئەقىل – رەھبەرلىكىدىن ئايرىلغان ياشلىقتا خاتىرجەملىك ، شاد – خۇراملىق ئورنىغا تەرتىپسىزلىك يامراپ ، مەنىۋى يىمىرلىش كۈچىيىدۇ ، ئىنساننىڭ خار بۇلۇشى نەپسىدىن بۇلىدۇ . بۇ ھەقتىكى توغرا بىلىش ئادەمگە ئىشەنىچ، ۋىجدان ، ئىرادە ئاتا قىلىدۇ .
    مەۋجۇتلىقىمىزنى ئىپادىلەش ، بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۇرمۇشىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى قارىسىغا قىلماي ، ئۈجۈر – بۈجۈرىغىچە چۈشنىپ ، قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .
    ئەقىدە ۋە مۇستەھكەم ئىرادە پۈتمەس – تۈگىمەس خۇشاللىقىنىڭ مەنبەسىدۇر. ئەقىدىسىز ئادەمنىڭ غەم – قايغۇسى ھاياتىغا ئىزچىل سايە تاشلاپ ماڭىدۇ . بۇنداق ئادەم گاھىدا تەشكىلدىن ئاغرىنسا ، گاھىدا بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان بالا –چاقىلىرىدىن ، بىر ئىدارىدە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىدىن ئاغرىنىدۇ . بۇ ئۇلاردىن ئىنساب ۋە دىيانەت  ئېڭى كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر . ئەكسىچە ئەقىدىلىك ئادەم ئۆمۈرلۈك خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ . تىلى بىلەن دىلى بىر بولغاچقا ، دوستىنىمۇ ، دۈشمىنىنىمۇ قايىل قىلالايدۇ . دېمەك ، ئەقىدىسىزلىك بارلىق غەم قايغۇنىڭ مەنبەسىدۇر . خۇشاللىق ئىزدىگەن ئادەم ئەقىدە ۋە ئەقىل بىلەن ياشايدۇ ، ئىلىم –پەننى، تەرەققىياتنى ، ئۆم – ئىناقلىقىنى سۆيىدۇ. ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزمايدۇ ، بۈگۈنگە ۋە كەلگۈسىگە يۈ كېلەلىگۈدەك ياشايدۇ .
    مەنبەسى: ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى قەلىمى ئاستىدىكى بۇ ماقالە 2011-يىللىق 10-سانلىق    « شنىجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

     


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;