• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • « ئەسكى ئەر» لەر بىلەن « ياخشى ئەر» لەر
  •  كۆڭلىدىكىدەك « ياخشى ئەر» نى تېپىش ھەربىر ئايالنىڭ ئۈمىدى بولسا كېرەك ، بىراق ئاياللارغا ‹‹ياخشى ئەر››گە قارىغاندا‹‹ئەسكى ئەر››لەرنىڭ بىر قەدەر ئشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكىم كېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە، بۇيەردە گېپى بولىۋاتقان‹‹ ئەسكى ئەر›› قانداقتۇر ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق ، ئالدامچىلىق دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىۋالغان ئەرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ،قارىماققا خىيالى تەسىر بېرىدىغان، ھەدېسىلا شېرىن-شېكەر گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا‹‹دۇرۇس››كۆرۈنمەيدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش‹‹ ئەسكى ئەر›› يۇمۇرىستىك، زېرەك،كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان كېلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر قىزلارغا تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئۈجمە كۆڭۈل، ئىشەنچىسىز، مەسئۇلىيەتسىز تەسىر بېرىدۇ، شۇ سەۋەپلىك‹‹ئەسكى ئەر››لەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئارتۇقچىلىقلىرى كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى نۇرغۇن‹‹ياخشى ئەر›› بىر ئۆمۈر ھازىرلىيالمايدۇ، شۇڭا قىزلارغا تەۋسىيەم، ئەرلەرگە تاشقى قىياپىتى، تۇنجى بەرگەن تەسىرى بىلەنلا باھا بېرىشكە ئالدىرىماي، ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‹‹ئەسكى ئەر››بەلكىم سىز ئىزدەۋاتقان كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەر بولىشى مۇمكىن.

    ئاتالمىش‹‹ ئەسكى ئەر››لەر ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ھەيران بولماڭ،چۈنكى‹‹ ئەسكى ئەر››لەر كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا ئانچىكى ئىشلارغا كۆز قىرىنى سېلىپ كەتمەيدۇ . ‹‹ياخشى ئەر››لەر بولسا ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلار توي قىلىش يېشىغا يەتمىگۈچە مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ ، شۇڭىمۇ كېيىن بۇنداق ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ .

    ئاتالمىش‹‹ ئەسكى ئەر ››لەرنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا بولغان چۈشىنىشى ئېنىق بولىدۇ. مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەي: ‹‹ياخشى ئەر››لەرنىڭ ئالدىغا بىرلا خىل مېۋە ، يەنى ئالما قويدۇق دەيلى، ئۇلار ئامالسىز ئالما يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بىراق كۆڭلىدە باشقا مېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشنى ئويلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقا مېۋىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە، لېكىن كۆپنى كۆرگەن‹‹ئەسكى ئەر››لەر ئۇنداق ئەمەس،ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق مېۋىگە ئامراقلىقىنى بىلگەچكە، ھەرگىز مۇ باشقا مېۋىنىڭ خىيالىنى سۈرمەيدۇ .

    ئەلۋەتتە، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى شەخسىي قاراش ، قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئۆزىڭىزدىن


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;