• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھېسىيات توسقۇنلىقى
  • ھېسىياتنىڭ دەرىجسىنى ئاساس قىلغان توسقۇنلۇق

    1) كەيپىياتى يۇقىرىلىق – بىمار داۋاملىق كۈلۈپ يۇرىدۇ. بەخت تۇيغۇسىغا تولغان ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشىشنى ياقتۇرىدۇ.  ئۇيقۇسى ئاز،  ئۆزىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بەزى ئىشلارنى مۇبالىغەلەشتۇرىدۇ. بەزى كۆڭۇلسىز ئىشلارغا ئۇچىرىغاندا يىغلايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بىراق ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.    

    2) كەيپىياتتىكى تۆۋەنلىك – بىمار داۋاملىق ئازاپلىنىپ يۇرىدۇ. روھىيسىز، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ئۆزگە بەرگەن باھاسى تۆۋەن ئۆزگە ئىشەنمەيدۇ.

    3) تەشۋىشلىنىش – بىمار دائىم سىرتقى ۋەقە ياكى ئوبيكىتىپ پاكىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆزنىڭ ساغلام ياكى باشقا مەسىلىلەر توغىرسىدا ئەنسىرەپ جىددىيلىشىپ يۈرىدۇ. دائىم دىمى سىقىلىپ يۇرەك سېلىشى تېزلىشىپ، تەرلەپ، قولى تىتىرەيدۇ ھەم ئوڭاي كىچىك تەرەت قىستايدۇ.

    4)ۋەھىمىلىك – بىر قىسىم بىمارلار كونكرېت ۋەقەگە ئەمەس ياكى شەيئگە ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە مۇھىت (يىغىن، ئىمتىھان) ياكى ئالاھىدە شەيئى ( قەلەمنىڭ ئۇچى، كىران، پىچاقنىڭ ئۇچى) قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى تىزلا قورقۇش ياكى ۋەھمە پەيدا قىلۋالىدۇ ھەم بۇ خىل تۇيغۇدىن ئوڭاي قۇتۇلالمايدۇ. مانا بۇ خىل ھالەت ۋەھىمىلىك ھېساپلىنىدۇ.

    1.ھېسىيات ماھىيىتىنىڭ ئوزگۈرىشىنى ئاساس قىلغان توسقۇنلۇق

    1) ھېسياتتىكى گاللىق – بىمار ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئالاھىدە ھېسىيات ئىنكاس تەلەپ قىلدىغان ۋەقەلەرگىمۇ ماس بولغان ئىنكاس پەيدا قىلمايدۇ. بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ ئالىي دەرىجلىك ھېسىياتى (ئەمگەك تۇيغۇسى، شەرەپ ھېسىياتى، مەسئۇلىيەتچانلىق) ئاستا – ئاستا يوقىلىشقا باشلايدۇ . بىراق پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەيدۇ.

    2) ھېسىياتى سۇسلىشىش – بىمار ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھېسىيات ئۆزگىرشىنى پەيدا قىلالايدىغان ياكى ئۆزنىڭ شەخسى مەنپەئەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋەقەلەرگىمۇ ماس ئىنكاس پەيدا قىلمايدۇ. ئەتراپتىكى ئىشلار بىلەن كارى يوق. ھېسىياتى ئۆلۆك ھالەتتە بولىدۇ.

    3) ھېسىياتتىكى قالايمىقانلىق _ بىمارنىڭ ھېسىيات كەيپىيات ئىنكاسى ئەمەلىيەتتىكى غىدىقلىغۇچى بىلەن ماس كەلمەيدۇ.  يەنى خوشال ئىشلارغا قايغۇردىغان، قايغۇردىغان ئىشلارغا خوش بولدىغان ئىگىز- پەسلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.  ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ.

    1.مېڭە ئورگانىك زەخمىلىنىش خاركتېردىكى ھېسىيات توسقۇنلىقى

    مېڭە ئورگانىك زەخمىلىنىش – مېڭىدە زەخمىلىنىش ئىزى بار بولغان، يەنى مېڭە تەكشۇرۇش ئاپپاراتلىرىدا كۆرگىلى بولدىغان زەخمىلىنىشكە قارىتىلغان.

    1) ھېسىيات ئاجىزلىقى – بىمار بىر قىسىم كىچىك ئىشلار ياكى مۇھىم ئەمەس ئىشلار ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ.

    2) ئوڭاي ھاياجانلىنىش – بىمار كىچىك ئىشلارغىمۇ خاپا بولۇپ، ھاياجانلىنىپ ياكى ئالاھىدە ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ.

    3) مەجبۇرى كولۇپ يىغلاش- بىمار ھېچقانداق سەۋەپ يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۇشتۇمتۇت ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماستىن ھېچقانداق ئىچكى تۇيغۇ يوق تۇرۇپ كۈلۇپ كېتىدۇ  ياكى يىغلاپ كېتىدۇ.

    4) خوشاللىق – دېۋەڭلىكنى ئاساس قىلغان ھېسىياتتىكى يۇقىرى پەللە بولۇپ بىمار پەقەت چىرايىدىلا كۈلىدۇ. بۇ خىل كۇلكە ئاددىي- ساددىلارچە بولىدۇ.

    Ⅲبۆلەك، ئىرادە توسقۇنلىقى

    1. ئىرادىنىڭ كۈچىيىشى

    ئىرادە پائالىيىتى كۈچىيىپ غالجىرلىق ھېسىياتىدىكى يۇقىرى پەللە قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ. قەتئىي ھارماي- تالماي ئالدىراش ئىشلەيدۇ. ئىشنىڭ بېشى بار، ئاخىرى يوق . نەتىجسىز بولىدۇ .

    2. ئىرادىنىڭ كەمچىلىكلىكى

    بىمارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ھەركىتىنىڭ ئىختىيارلىقى تۆۋەن بولىدۇ. تۇرمۇشتا تەرتىپسىز ۋە تازلىق ئادەتلىرى ناچار بولىدۇ. ئېغىرراقلارنىڭ تاماقلىنىش، ئۆزىنى قوغداش قابىلىيىتمۇ بولمايدۇ.

    3. ئىرادە ئاجىزلىقى

    بۇ ئىرادە پائالىيىتنىڭ كېمىيىشىگە قارىتىلغان. ئادەتتە خامۇشلۇق ھالىتىدىكى بىمارلاردا ھەم ئىرادىسى كەمچىلىكلەردە كۆپرەك كۆرىلىدۇ.

    1.روھىي پائالىيەت خاركتېرلىك قۇزغۇلۇش

    ئادەتتە ماسلاشقان ۋە ماسلاشمىغان روھىي پائالىيەت خارەكتېرلىك قوغىلىش بار.

    2.روھىي پائالىيەت خاركتېرلىك تورمۇزلىنىش

    بۇ تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    (1) خۇددىنى يوقىتىش (2) بويسۇنماسلىق (3) مۇزسىمان ئىگەللەش (4) سۈكۇتتە تۇرۇش (5) پاسسىپ بويسۇنۇش (6) ئۆلۆك، جانسىز ھەركەت (7) دوراش ھەركىتى (8) مەقسەتتىكى قالايمىقانلىق (9) قىياپەت (10) مەجبۇرى ھەركەت، بىمار ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە قارمۇ-قارشى ھالدا مەلۇم ھەركەتنى قايتا- قايتا ئېلىپ بارىدۇ.  



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;