• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تەرققىيات پسىخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات ۋەزىپىسى
  • 1) ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ

    تەرققىيات پسىخولوگىيىسى ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە باسقۇچلارغا بۆلگەن ، يەنى ھامىلە ، بوۋاق ، گۆدەك ، بالا ، ياش - ئۆسمۈر ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار .ھەر بىر ياش باسقۇچىدىكى پسىخىك تەرەققىياتنىڭ  باشقا ياش باسقۇچلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ ،بۇ تىپىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن باشقا ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ ئۆزارا مۇناسىۋىتى تەرققىيات پسىخولوگىيىسى تەتقىق قىلىدىغان ئاساسلىق مەزمونلاردۇر .

    2) ھەر خىل پسىخىك ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىدۇ

    پسىخىك پائالىيەت بىر پۈتۈن پائالىيەت بولۇپ ، بۇ بىر پۈتۈن پائالىيەت ھەر خىل پسىىخىك ئىقتىدارلارنىڭ ۋە ھەر خىل پسىخىك جەريانلارنىڭ بىرىكىشىدن تۈزۈلگەن . ھەر خىل پسىخىك ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە بولغان تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولىدۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەرەققىي قىلماستىن بەلكى ئۆزارا باغلىنىپ ، ئۆزارا رول ئويناش جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزگۈرىدۇ .

    3 ) پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى مېخانىزىمىنى تەتقىق قىلىدۇ

    تەرققىيات پسىخولوگىيىسى بىر مۇرەككەپ پەن بولۇپ ، پسىخىك تەرەققىيات ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ، باشقا پەنلەر مەسىلەن ، مېڭە ئىلمى ، بىئو خېمىيە ، پېداگوگىكا ، جەمىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىدۇ .

    4 ) پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ

    ① ئېرسىيەت ساپاسى بىلەن مۇھىت ۋە تەلىم -  تەربىيە قاتارلىق ئامىللار پسىخىك تەرەققىياتنى قانداق مۇناسىۋەتتە كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ .② پسىخىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن باسقۇچلۇقلىقى قانداق ھالدا ئورگانىك بېرىكىدۇ .③ پسىخىك تەرەققىيات جەريانىدا شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تاشقى كۈچ قانداق ھالدا ئورگانىك بېرىكىدۇ  ④ ئوخشىمىغان پسىخىك ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ " ھالقىلىق مەزگىلى " بارمۇ يوق ، ئەگەر بار دىيىلسە بۇ مەزگىل بىلەن تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكىلىقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;