• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تەرققىيات پسىخولوگىيىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى
  • تەرققىيات پسىخولوگىيىسى مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ شەكىللەنگىنىگە 120 يىل بولدى . تەرققىيات پسىخولوگىيىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ :

    I . بالىلار پسىخولوگىيىسى دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق باسقۇچى

    ياۋروپادىكى مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن بۇرۇن ، "بالىلار " شەخسنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە بىر مۇھىم باسقۇچ دەپ قارالمىغان ، پەقەتلا " ئۆزى كىچىك لېكىن مەزمونى مول " بولغان چوڭ ئادەم دەپ قارىلىپ كەلگەن . مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن كېيىن ، گۇمانىزم ئىدىيىسىدىكى مۇتەپەككۇرلار ۋە مائارىپچىلار ئۆزلىرىنىڭ ناتۇرالىزملىق مائارىپ ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ ، بالىلارنى چۈشىنىش ، بالىلارنى ھۆرمەتلەش كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇلار بالىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتىنىڭ بالىلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ، تەلىم  تەربىيە چوقۇم بالىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن . بۇ ئىدىيىلەر بالىلار پسىخولوگىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى بولغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ، فلوبىر(  福禄贝尔 ) ياسىغان " ئاللا ئاتا قىلغان ئويۇنچۇق " ، دارۋېن ( 达尔文  )  يازغان « بىر بوۋاقنىڭ تەرجىمالى » دىگەن ئەسەر بالىلار پسىخولوگىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

    II . ئىلمىي بالىلار پسىخولوگىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

    ئىلمىي بالىلار پسىخولوگىيىسى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇنياغا كەلگەن .گېرمانىيىلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى ۋە تەجرىبە پسىخولوگىيە ئالىمى پرويېر (  普莱尔  ) ئىلمىي بالىلار پسىخولوگىيىسىگە ئاساس سالغۇچى . پرويېر (  普莱尔  ) 1882 - يىلى ئېلان قىلغان « بالىلار پسىىخىكىسى » دىگەن كىتاپ بىر پارچە ئىلمىي بالىلار پسىخولوگىيىسى ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان .

    III . بالىلار پسىخولوگىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى

    ئىلمىي بالىلار پسىخولوگىيىسى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىل بالىلار پسىخولوگىيىسى ئىلمىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدۇر.بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان نەزەرىيىۋى ئېقىملار مەيدانغا كەلگەن :ئاساسلىق تەتقىقات يوللىرىدىن خوللېر (  霍尔   ) نىڭ يازمىچە سوراق ئۇسۇلى ؛ بىنىي (  比内   ) نىڭ ئەقىلنى سىناش سىنىقى ؛ گېسىل (   格塞尔  ) نىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىنىڭ قېلىپى قاتارلىقلار بار . ئاساسلىق نەزەرىيە ئېقىملىرىدىن خوللېر (  霍尔  ) نىڭ " قايتا ئەكس ئەتتۈرۈش  تەلىماتى " ؛ سېتىرنېن (  施太伦  ) نىڭ شەخسىيىتىزم ئىدىيىسى ؛ دېۋىي (  杜威  ) نىڭ فۇنىكسىئونالىزم ئىدىيىسى ، بالىلارنى مەركەز قىلىش تەلىماتى شۇنداقلا قىلمىشىزم ئىدىيىسى ؛ پىياگېت (  皮亚杰 ) نىڭ بىلىشنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسى شۇنداقلا ۋېيگوسكىي ( 维果斯基   ) نىڭ مەدەنىيەت - تارىخ تەرەققىيات نەزەرىيىسى قاتارلىقلار بار .

    IV . بالىلار پسىخولوگىيىسىدىن   تەرەققىيات  پسىخولوگىيىسىگە تەرەققىي  قىلىش

    20  - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، كىشىلەرنىڭ پسىخىك تەرەققىياتنىڭ مەنىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەر ئۆمۈرلۈك تەرەققىيات كۆزقارىشىنى تەدرىجى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن بالىلار پسىخولوگىيىسى تەرققىيات پسىخولوگىيىسىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى . 1957 - يىلى ئامېرىكىنىڭ « پسىخولوگىيە يىلنامىسى » دا «بالىلار پسىخولوگىيىسى » نىڭ ئورنىغا « تەرەققىيات پسىخولوگىيىسى » دىگەن ئىسىم قوللىنىلدى .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;