• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تەرققىيات پسىخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرى

  • I . توغرا كەسمە يۆنۈلۈشلۈك تەتقىقات

    ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ، ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىسىدىكى سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىيات سەۋىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سىناق قىلىنغۇچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى  پسىخىك ئۆزگۈرۈشنى  ئىگەللەيدىغان ئۇسۇل .       بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى : ① ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قەدەر كۆپ ئوبىكىتلارنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ .  ② قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى ماتېرىياللارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ  ③ تەتقىقات خىزمىتىنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىپ ، ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى : ① شەخسنىڭ پسىخىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈش جەريانىنى ئىگەللەش قىيىن ② پسىخىك تەرەققىيات جەريانىدىكى ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى ئىگەللەش قىيىن . ③تەتقىقات نەتىجىسدىكى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پسىخىك تەرەققىيات ئامىلىغا تەۋە بولماسلىقى مۈمۈكىن .

    II . تىك يۆنۈلۈشلۈك تەتقىقات

    بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىتتا سىناق قىلىنغۇچى شەخس ياكى گۇرۇپپىنى قەرەللىك ھالدا سېستىمىلىق تەكشۈرۈپ ، پسىخىكىنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرىشىنى ئىگەللەيدىغان ئۇسۇل .

    بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى : ① شەخسنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈش جەريانىنى ئىگەللەش ئاسان .② سان ئۆزگۈرۈش ، سۈپەت ئۆزگۈرۈش ھادىسىسىنى ئېچىپ بېرىشكە قولايلىق ،پسىخىك تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر قەدەر تۇراقلىق ۋە بىر قەدەر تېز سۈرئەتتىكى ئۆزگۈرۈش مەزگىلىنى ئىگەللىگىلى بولىدۇ . ③ پسىخىك تەرەققىيات جەريانىدىكى ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنى ئاسان بايقىغىلى بولىدۇ .

    بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكى : ① ئەۋرىشكىلەر ئاز ھەم ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاسان يوقاپ كېتىدۇ .②ۋاقىت ئۇزۇن بولغاچقا ، مۇھىتنىڭ ئۆزگۈرىشى سەۋەبىدىن مەلۇم خىل يېڭى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار پەيدا بولۇشى مۈمكىن . ③ ئوخشاش بىر خىل سىناق ئۇسۇلىنى قايتا - قايتا ئىشلىتىش نەتىجىسىدە قايتىلىنىش ئۈنۈمى پەيدا بولۇشى مۈمكىن .④ تەننەرقى بىرقەدەر يۇقۇرى ، ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ .

    III . توغرا كەسمە يۆنۈلۈشلۈك تەتقىقات بىلەن تىك يۆنۈلۈشلۈك تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن كىرىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى

    ئالدى بىلەن توغرا كەسمە يۆنۈلۈش بويىچە ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرىنى تاللاپ ئېلىپ توغرا كەسمە يۆنۈلۈشلۈك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلىقى بويىچە ئوخشاش سىناق قىلىنغۇچىلارنى ئېھتىياجلىق بولغان قېتىم سانى بويىچە قايتا  - قايتا سىناق ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;