• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • گۆدەكلىك مەزگىلىدىكى بىلىشنىڭ تەرەققىياتى

  • I . تىلنىڭ تەرەققىياتى

    تىل بالىلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىدا ئىگەللەش ئەڭ قىيىن بولغان مۇرەككەپ بەلگە سېستىمىسى . تىل ئادەملەرنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ ، ئۇ بالىلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر ۋە كەڭ تەسىر كۆرسۈتىدۇ .  گۆدەكلىك مەزگىلى بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتى تېز  تەرەققىي قىلىدىغان مەزگىل بولۇپ ، بالىلارنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئېشىشنىڭ ئەڭ تېز مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ ، ئېغىزچە تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل بولىدۇ . شۇڭا  گۆدەكلىك مەزگىل بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەزگىل ھېساپلىنىدۇ .

    ( 1 ) سۆزلۈكنىڭ تەرەققىي قىلىشى

    1) سۆزلۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشى : يىللىق ئېشىش مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان ياش باسقۇچى 3 ياشتىن 4 ياشقىچە بولۇپ ، ئېشىش نىسبىتى %70 بولىدۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېىشىش نىسبىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چېكىنىش يۈزلىنىشىدە بولىدۇ . گۆدەكلەردە ھەر كۈنى 2 دىن 3 كىچە سۆزلۈك ئېشىپ ماڭىدۇ .سۆزلۈك مىقدارى  3 ياشتا 1000 سۆز ئەتراپىدا ، 6 ياشتا 3000 سۆز ئەتراپىدا ، 7 ياشتا 4000 سۆز ئەتراپىدا بولىدۇ .

    2 ) سۆزلۈك مەزمونىنىڭ موللىشىشى ۋە سۆز مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى

    گۆدەكلەرنىڭ سۆزلۈك مەنىسى چوڭلار چۈشىنىدىغان سۆزلۈك مەنىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ ، بۇ ئاساسلىق سۆز مەنىسىنى كېڭەيتىۋېتىش ، سۆز مەنىسىنى تارايتىۋېتىش ، چوڭلارنىڭ سۆز مەنىسى بىلەن قىسمەن قايتىلىنىش جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ . بالىلارنىڭ سۆز مەنىسىنى چۈشىنىشى توغرا بولماسلىقتىن تەدرىجى توغرىلىققا ، سۆز مەنىسىنى تېيىز چۈشىنىشتىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلۇققا ، كونكىرىتلىقتىن ئومۇملاشتۇرۇشچانلىققا ئايلىنىدىغان ، سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ئىچكى مەنىسى بىلەن دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەڭشىلىدىغان ۋە تۈزىتىلىدىغان جەريان .

    3) سۆز تۈركۈملىرىنىڭ كېڭىيىشى

    بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلار ئىگەللىگەن سۆزلەر كۆپىنچە ئىسىم ۋە ئاز مىقداردىكى پېئىل بولۇپ ، 3 ياشتىن كېيىن تەدرىجى ھالدا ھەر خىل تۈركۈمدىكى سۆزلەرنى ئىگەللەيدۇ . گۆدەكلەر ئىگەللىگەن سۆز تۈركۈملىرى ئىچىدە ئىسىملار ئەڭ كۆپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن پېئىل ، سۈپەت ، سان ، مىقدار سۆز . ئىسىملارنىڭ ئىچىدە كونكىرت ئىسىملار % 85 _ % 80 نى ، پېئىللارنىڭ ئىچىدە تاشقى ئىپادىلىنىدىغان ھەرىكەت سۆزلىرى % 85 نى ئىگەللەيدۇ .

    ( 2 ) گىرامماتىكا قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتى

    1) ئاددىي جۈملىدىن قوشما جۈملىگە تەرەققىي قىلىدۇ

    ئەڭ دەسلەپتە پەيدا بولىدىغان  ئىگە خەۋەر ئايرىلمىغان تاق سۆزلۈك جۈملىدىن جۈپ سۆزلۈك جۈملىگە ، ئاندىن ئاددىي جۈملىگە ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ، قاتلاملىرى ئېنىق بولغان بىرىكمە جۈملىگە تەرەققىي قىلىدۇ .

    2) بايان جۈملىدىن ھەر خىل شەكىلدىكى جۈملىلەرگە  تەرەققىي قىلىدۇ

    بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئىگەللەيدىغاىنى بايان جۈملە بولۇپ ،  گۆدەكلىك مەزگىلىدە سوراق جۈملە ، بولۇشسىز جۈملە ، بۇيرۇق جۈملە ، ئۈندەش جۈملە قاتارلىقلار  تەدرىجى تەرەققىي قىلىدۇ .

    3) ئېنىقلىغۇچىسىز جۈملىدىن ئېنىقلىغۇچىلىق جۈملىگە تەرەققىي قىلىدۇ

    بالىلار ئەڭ دەسلەپتە قوللانغان ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى يوق بولۇپ ، كېيىن تەدرىجى ھالدا ئاددىي ئېنىقلىغۇچىلار بىلەن مۇرەككەپ ئېنىقلىغۇچىلارغا تەرەققىي قىلىدۇ .

    4) سۆزلىرى ئاز بولغان قىسقا جۈملىدىن سۆزلىرى كۆپ بولغان ئۇزۇن جۈملىگە تەرەقىي قىلىدۇ

              دىمەك ،  گۆدەكلىك مەزگىلى ئېغىز تىلى تەرەققىي قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل ، ئىنسان ھاياتىدىكى تىلغا ئىگە بولۇشنىڭ بىر مۇھىم مەزگىلى ، شۇڭا  گۆدەكلىك مەزگىلىدىكى تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش گۆدەكلەر تەربىيىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر مەزمونى .  گۆدەكلىك مەزگىلىدىكى تىلنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە شۇغۇللىنىدىغان كەسپىگە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسۈتىدۇ .

    ( 3 ) ئېغىزچە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى

    1) دىيالوگ تىلىدىن مونولوگ تىلىغا تەرەقىي قىلىدۇ

    گۆدەكلىك مەزگىلىدە بالىلارنىڭ تىل ئالاقە شەكلى ئاساسلىق دىيالوگ تىلى ، يەنى چوڭلار بىلەن گەپ سوراش ۋە جاۋاپ بېرىش ؛  گۆدەكلىك مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بايانى دىيالوگ تىلىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ، تەجرىبىسىنى ۋە ئارزۇسىنى بايان قىلىشقا تەرەقىي قىلىدۇ ؛ ئادەتتە  گۆدەكلىك مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا بالىلار باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئېنىق ھالدا بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ .

    2 ) ھالەت سۆزىدىن باغلانما سۆزگە تەرەقىي قىلىدۇ

    گۆدەكلەرنىڭ بايانى كۆپىنچە ھالەت پائالىيىتىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئارقا كۆرۈنىش قىلىغان بولۇپ ، باغلىنىشى كەمچىل ، لوگىكىلىقى يوق ، ھالەت ( ئەھۋال ) غا بىرلەشتۈرگەندە ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدۇ . 4 ياشلىق بالىلارنىڭ % 35 باغلانما سۆزلەرنى ئىشلىتەلەيدۇ ، 6 ياشقا بارغاندا باغلانما سۆزلەرنى ئىشلىتەلەيدىغانلار % 50 كە يېتىدۇ .

    مونولوگ تىلى بىلەن باغلانما سۆزنىڭ تەرەققىياتى ئېغىزچە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ  تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

    II . خاتىرىنىڭ تەرەققىياتى

    ( 1 ) گۆدەكلەرنىڭ خاتىرە سىغىمچانلىقىنىڭ تەرەقىياتى

    گۆدەكلەرنىڭ خاتىرە سىغىمچانلىقى : 3ياشتا 3.91 ، 4 ياشتا 5.14  ، 5 ياشتا 5.69  ، 6 ياشتا 6.10 بولىدۇ . گۆدەكلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك خاتىرىسىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ تەرەققىيات  يۈزلىنىشى ئاۋال تېز كېيىن ئاستا بولىدۇ .

    ( 2 ) گۆدەكلەرنىڭ خاتىرە  ئالاھىدىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

    1) ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش   بىلەن  ئىختىيارى ئەستە قالدۇرۇش  

    ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش يېتەكچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ ، ئىختىيارى ئەستە  قالدۇرۇش بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ ؛ ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش بىلەن ئىختىيارى ئەستە قالدۇرۇشنىڭ  ھەممىسى ياشقا ئەگىشىپ ئاشىدۇ ؛ ئىختىيارى ئەستە قالدۇرۇشنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .

    2 ) مېخانىكىلىق خاتىرە  بىلەن  مەنىلىك خاتىرە  

    گۆدەكلەر ئاسانلا مېخانىكىلىق ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ ؛ مەنىلىك ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلى كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ ؛ ئىككى خىل ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلى ياشقا ئەگىشىپ ئاشىدۇ ؛ ئىككى خىل ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزارا باغلىنىشلىق بولىدۇ .

    3 ) ئوبرازلىق خاتىرە بىلەن سۆز خاتىرىسى

    گۆدەكلىك مەزگىلىدە ئوبرازلىق خاتىرە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ ؛ سۆز خاتىرىسى ئاجىز بولىدۇ ؛ ئىككى خىل خاتىرە ئۈنۈمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ ؛ سۆز خاتىرىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئوبرازلىق خاتىرىدىن يۇقۇرى بولىدۇ .

    ( 3 ) خاتىرە تاكتىكىسىنىڭ شەكىللىنىشى

    1 ) خاتىرە تاكتىكىسىنىڭ تەرەققىياتى

    خاتىرە تاكتىكىسى دىگىنىمىز كىشىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن  قوللانغان خاتىرىگە پايدىلىق بولغان ۋاستىسى ۋە ئۇسۇلىدىن ئىبارەت .

    بالىلارنىڭ خاتىرە تاكتىكىسىنى قوللىنىشى يوقلۇقتىن بارلىققا تەرەققىي قىلىدۇ  ، بۇ جەريان 3 باسقۇچقا بۆلىنىدۇ : ① تاكتىكا يوق باسقۇچ ، كۆپىنچە 5 ياشنىڭ ئالدىدىكى بالىلار ؛ ②  ئۆتكۈنچى باسقۇچ ، 5 ياشتىن 7 ياشقىچە بولغان بالىلار ، ئالاھىدىلىكى ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاكتىكىنى قوللىنالمايدۇ ، لېكىن يېتەكلەش ئارقىلىق قوللىنالايدۇ ؛ ③  تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىق بىلەن تاكتىكىنى قوللىنىش باسقۇچى ، 10 ياشتىن كېيىن خاتىرە تاكتىكىسى تۇراقلىق تەرەققىي قىلىدۇ .

    2) گۆدەكلەر  قوللىنالايدىغان خاتىرە تاكتىكىلىرى

    ① كۆرۈش سەزگۈسى ئئارقىلىق قايتا بايان قىلىش تاكتىكىسى ، يەنى نىشاندىكى غىدىقلىغۇچقا ئۈزلۈكسىز تىكىلىپ قاراش ئارقىلىق ، خاتىرىنى كۈچەيتىش ؛  ② ئالاھىدىلىكنى بەلگىلەش تاكتىكىسى ، يەنى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكنى تۇتۇپ، خاتىرىگە قولايلىق يارىتىش ؛  ③ قايتا بايان قىلىش تاكتىكىسى ، يەنى خاتىرىدە ساقلىماقچى بولغان مەزمونلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە قايتىلاش .

    III . تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى

    پىياگېت (  皮亚杰 ) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ، گۆدەكلەرنىڭ تەپەككۇرى دەسلەپكى ھېساپلاش باسقۇچىدا تۇرىدۇ . گۆدەكلەرنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى كونكىرت ئوبرازلىق تەپەككۇرنى ئاساس قىلىدۇ ، تەپەككۇرنىڭ ئابىستىراكىت ئومۇملاشتۇرۇشچانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ .

    كونكىرت ئوبرازلىق تەپەككۇر دىگىنىمىز بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى ئاساسلىق كونكىرت شەيئىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا شۇنداقلا تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزارا باغلىنىشقا تايىنىدۇ .

    ( 1 ) كونكىرت ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى

    1) كونكىرت ئوبرازلىقلىقى

    سېزىپ ئىدراك قىلغان ھەرىكەت تەسەۋۋۇرغا ئۆزگۈرۈپ ، ئەسلىدىكى تەپەككۇردىكى ھەر خىل سەزگۈ ئىدراك ۋە ھەرىكەتلەر ئاددىلاشتۇرۇلۇپ ، قىسقارتىلىپ ، مېڭىدىكى تەسەۋۋۇرغا ئايلىنىدۇ ، تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا ،             ئاساسەن تەپەككۇر پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ ؛ تەپەككۇر ئىپادىلىگەن مەزمون  شەيئىلەرنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە ماھىيەتسىز ئالاھىدىلىكلىرىگە تەۋە بولىدۇ .

    2 ) ئېنىقسىزلىقى ۋە ئاسان ئۆزگۈرۈشچانلىقى

    گۆدەكلەرنىڭ بىلىش سەۋىيىسى يەنىلا شەيئىلەرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنى ، يۈزەكى ھادىسىلەرنى ۋە تاشقى باغلىنىشلىرىنى ئىگەللەش باسقۇچىدا تۇرىدۇ ، شۇڭا دائىم ئېنىقسىز ، توغرا بولماسلىق ، ئۈزلۈكسىز بولماسلىق ۋە ئاسان  ئۆزگۈرۈشتەك  ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . بۇ تەپەككۇرنىڭ شەيئىلەرنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ماھىيەتسىز ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىشىدۇر .

    3 ) بەلگە رولىغا ئىگە

    ئوبرازلىق بەلگىلەرنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى ۋە تىلنىڭ تەپەككۇردىكى تەڭشەش رولى گۆدەكلەرنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم .

    4 ) بەلگىلىك پىلانلىققا ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە

    چۈنكى تەپەككۇردا سۆزنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشى بىلەن تىلنىڭ تەڭشىشى بولغاچقا ، ئۇلار كۆز ئالدىدا يوق شەيئىلەر ئۈستىدىمۇ ئويلىنالايدۇ ، بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىنى ئويلىيالايدۇ ، مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلارنى ئەسلىيەلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى پىلانلىيالايدۇ ، ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ ، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ .

    ( 2 ) ئابىستىراكىت لوگىكىلىق تەپەككۇر دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلىدۇ

    1 ) گۆدەكلەرنىڭ سوئال سوراش تىپىنىڭ ئۆزگۈرىشى

    " بۇ نىمە " دىن " نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ " غا ئۆزگۈرىدۇ .

    2 ) گۆدەكلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى

    ئومۇملاشتۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بالىلارنىڭ ئۇقۇمنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىنكاسى . گۆدەكلىك مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇقۇملارنى ئىگەللەيدۇ . گۆدەكلەرنىڭ ئۇقۇم سەۋىيىسى يەنىلا ئوبرازلىق ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىگە تەۋە بولىدۇ ، گۆدەكلىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ ماھىيەتلىك ئابىستىراكىتلاشتۇرۇش سەۋىيىسى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ( % 50 ) . 6 – 5 ياشلىق بالىلاردا ئاللىقاچان مەلۇم خىل پەرەز قىلىش قابىلىيىتى بولىدۇ .




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;