• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ياشلىق مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىلىقنىڭ تەرەققىياتى

  • I . ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى

    ياشلىق مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن ، ياشلار ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنى بايقاشقا ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا  كۆيۈنىشكە قارىتىدۇ . بۇ ياشلىق مەزگىلىدىكى ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق  ئىپادىسى . ياشلىقنىڭ دەسلەپكى  مەزگىلىدە شەكىللەنگەن ئۆزلۈك ئېڭى تېخى ئانچە تۇراقلىق ئەمەس ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ . كىشىلىك ھاياتتىكى تەجرىبىلىرىنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ ، شەخس ئۆزلۈك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزىتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ . ئۆزلۈك ئېڭىنى تۈزىتىشتە ئاساسلىق ئىككى جەھەتكە تايىنىدۇ : بىرى تۇرمۇشتا توپلىغان تەجرىبىلەر ، بولۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان  ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىكى تەجرىبىلىرى ؛ يەنە بىرى باشقىلارنىڭ باھاسى . ئۆزلۈك ئېڭىنى تۈزىتىشتە ، يەنى "مەن " نى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش جەريانىدا ، شەخسنىڭ  ئۆزىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۆزىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ . ئۆزىنى قوبۇل قىلىش دىگىنىمىز ئۆزىگە شۇنداقلا ئۆزىدە بار بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن يېتەرسىزلىكلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رىياللىقىغا توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ ؛ ئۆزىنى ئىنكار قىلىش دىگىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا سەل قارايدۇ . ئۆزىنى ئىنكار  قىلىش ئۆزىنى قوبۇل  قىلىشقا ئوىشاش ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان پسىخىك  جەريان بولۇپ ، شەخسنىڭ ياخشى پسىخىك پەزىلەتلەرنى شەكىللەندۈرىشىدىكى زۆرۈر بولغان پسىخىك جەريان .

    II . كىشىلىك تۇرمۇش قاراش بىلەن قىممەت قاراشنىڭ تۇرغۇزىلىشى

    كىشىلىك تۇرمۇش قاراش دىگىنىمىز كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىدىگە ۋە ئەھمىيىتىگە بولغان تۈپ قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىدىن ئىبارەت . قىممەت قاراش دىگىنىمىز شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ شەيئىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى باھالاشتىكى ئىچكى ئۆلچەمدىن ئىبارەت . كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان قارىشى ۋە تونۇشى تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئادەمنىڭ قىممەت قارىشىغا مۇجەسسسەملەنگەن بولىدۇ . كىشىلىك تۇرمۇش قاراش كۆپ خىل بولۇپ ، ئىنسانلارغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپەلىرىدىن :  خوبۇس ( 霍布斯  ) نىڭ راھەتپەرەسلىك نەزەرىيىسى ؛ شۇبىنخا (  叔本华  ) نىڭ ئۈمىدسىزلىك نەزەرىيىسى ؛ نىسەي (  尼采   ) نىڭ خاسىيەتلىك ئادەم پەلسەپەسى ؛ دىۋىي (  杜威  ) نىڭ سۈيىئىستېمالچىلىق نەزەرىيىسى ؛ سات( 萨特  ) نىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك نەزەرىيىسى قاتارلىقلار بار . قىممەت قاراشمۇ كۆپ خىل بولۇپ ، مەسىلەن ، سىپلانگې ( 斯普兰格 ) ئادەملەرنى 6 خىل تىپقا ئايرىغان ، يەنى نەزەرىيە تىپىدىكىلەر ،ئىقتىساد تىپىدىكىلەر ، گۈزەللىك تىپىدىكىلەر ، ئىجتىمائىي تىپدىكىلەر ، سىياسى تىپدىكىلەر، دىنىي تىپدىكىلەر .

    ( 1 ) كىشىلىك تۇرمۇش قاراش بىلەن قىممەت قاراشنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر

    تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، تولۇقسىز مەزگىلىدە  % 40 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايدىكەن  ، مەسىلەن " ماڭا نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نىمە ؟ " ، " مەن قەيسى ئىشنى قىلىشىم كېرەك ؟ " ، " ئادەم نىمە ئۈچۈن ياشايدۇ ؟ " دىگەندەك مەسىلىلەر . تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىغا ، بىلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىگە  شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا خىزمەت تاللاش ياكى  كەسپ تاللاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ  بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىممەت قاراش بىلەن  كىشىلىك تۇرمۇش قاراش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلاپ ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ . لېكىن بۇ چاغدا شەكىللەنگەن كىشىلىك تۇرمۇش قاراش بىلەن قىممەت قاراش تېخى ئانچە تۇراقلىق بولمىغان بولۇپ ، ئاسانلا تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ . ئالىي مەكتەپ باسقۇچىغا بارغاندا ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بېسىمى بولمىغاچقا ، ئۇلار بىر قەدەر كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى نەزىرىيىۋى كىتاپلارنبى ئوقۇپ ، كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ ، كىشىلىك تۇرمۇش قاراشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۇرغۇزىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ . لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېخى جەمىيەتكە ھەقىقىي قەدەم قويمىغاچقا ، بۇ شەخسنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن  قىممەت قارىشىنىڭ قايتا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . پەقەت خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىشى ئارقىلىق ، ئاندىن ئەڭ ئاخىرى  ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن  قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزىدۇ .

    ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، شەخسنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىخلىنىدۇ ؛ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ياشلىق مەزگىلىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ ؛ ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا يۇقۇرى پەللىگە يېتىدۇ ، ھەم تەدرىجى ھالدا پىشىپ يېتىلىش مەزگىلىگە قاراپ ماڭىدۇ .

    ( 2 ) كىشىلىك تۇرمۇش قاراش بىلەن  قىممەت قاراشنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

    1 ) كىشىلىك تۇرمۇش قىممەت  قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى شەخسنىڭ پىشىپ يېتىلىش ئامىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ . بۇنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ شەكىللىنىشى زۆرۈر بولغان پسىخىك شەرت ئاساسىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ ، بۇ پسىخىك شەرتلەر : ① تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى ئابىستىراكىت لوگىكىلىق سەۋىيىگە يېتىشى  ، دىيالىكتىكىلىق لوگىكىلىق تەپەككۇر تەرەققىي قىلىشقا باشلاپ تەدرىجى يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى كېرەك ؛ ② ئۆزلۈك ئېڭى تېز تەرەققىي قىلىشى ، ھەم تەدرىجى ھالدا پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ مېڭىشى ، ھەم ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىنىڭ تۇرغۇزىلىش جەريانى  بىلەن ئۆزارا بىر- بىرنى چەكلىشى كېرەك ؛  ③ ئىجتىمائىي ئېھتىياج بىلەن ئىجتىمائىلىشىشى پىشىپ يېتىلىش سەۋىيىسىگە يېتىشى كېرەك . بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرىنىڭ ئاڭ ساھەسىگە كىرىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئالدىنقى شەرتلەر  بولىدۇ .

    2 ) كىشىلىك تۇرمۇش قىممەت  قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ياشلىق مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىلىشىش جەريانىدا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە شەكىللىنىدۇ ، شۇڭا ئۇ ھەر خىل ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنالمايدۇ ، لېكىن ھەر خىل ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قىممەت  قارىشىغا نىسبەتەن  رولىنى جارى قىلدۇرۇش  دەرىجىسى جەمىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن مەدەنىيەت شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ  .

    3 ) شەخسكە تەۋە بولغان ئامىللار ، مەسىلەن شەخسنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە قاتارلىقلار . شەخسنىڭ  كەچۈرمىشلىرى بىلەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمۇ شەخسنىڭ غايىسىگە ۋە قىممەت قارىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    III . يېققىنلىق تۇيغۇسىنىڭ ئورنىتىلىشى

    ئېرىكسون ( 艾里克森   ) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ، ياشلىق مەزگىلىدىكى ئاساسلىق تەرەققىيات ۋەزىپىسى يېققىنلىق تۇيغۇسىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت . يېققىنلىق تۇيغۇسىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىكى دوستلۇقنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، لېكىن مەركىزى مۇناسىۋەت يەنىلا مۇھەببەت ۋە نىكاھ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت . ئىككى ئادەمدە ئۆزارا بىر- بىرىنى جەلپ قىلىش بولغاندا ئاندىن مۇھەببەتلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ . ئۆزارا بىر- بىرىنى جەلپ قىلىش تاشقى ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئىچكى ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇڭا ياشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى( لايىق تاللاش جەريانى ) ئىككى قەدەمگە بۆلىنىدۇ : ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ  تاشقى ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلەمدۇ يوق ، مەسىلەن چىرايى ، ھەرىكىتى ، ئجتىمائىي ئورنى قاتارلىقلار . ئەگر ماس كەلسە ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككەيلەن ئۆزارا  ماسلىشامدۇ يوق دىگەننى ئويلايدۇ  ، مەسىلەن شەخسنىڭ قىزىقىشى ، قىممەت قارىشى ، خاراكتىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن . مۇھەببەتلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن  ، ئىككەيلەن توي قىلىپ ئائىلە قۇرىدۇ .

    نىكاھدىن رازى بولۇش دەرىجىسى نىكاھنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ . نىكاھدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ بەلگىلىك ئۆزگىرىش شەكلى بولىدۇ ، بۇنىڭ ئىپادىسى : بالا تۇغۇلىشتىن بۇرۇن ئەڭ يۇقۇرى ، ئاندىن تەدرىجى تۆۋەنلەيدۇ ، بالا مەكتەپكە كىرگەندە تەدرىجى يۇقىرىلايدۇ ، بالا چوڭ بولۇپ قورامىغا يېتىپ ، ئائىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگەندە ، ئۆزىمۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ، نىكاھدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئەسلىدىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە قايتىدۇ ، ھەتتا  يېڭى توي قىلغان ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ .

    IV . ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگۈرىشى

    مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش يېققىنلىق تۇيغۇسى ئورنىتىلىشىنىڭ  مەركىزى ۋەزىپىسى ، لېكىن بۇ يېققىنلىق تۇيغۇسىنىڭ  ئورنىتىلىشىنىڭ ھەممىسى ئەمەس ، ئۇ يەنە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ، دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . پسىخولوگ ئانتىلوس ( 安托露丝    ) بۇ 3 خىل مۇناسىۋەتنى " كىشىلىك ھاياتنىڭ قوغدىغۇچىسى " دەپ ئاتىغان .

    ( 1 ) ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

    نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ، ئاتا  - ئانىلار يەنىلا كىشىلىك ھاياتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ . گەرچە ئاتا – ئانىسىغا بولغان رىشتە باغلىشى ئاجىزلاشقا باشلىغان بولسىمۇ ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئادەملەر يەنىلا دائىم ئاتا – ئانىلىرىنى يوقلاپ ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاتا – ئانىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ .

    ( 2 ) دوستلۇق مۇناسىۋىتى

    دوستلۇقمۇ " كىشىلىك ھاياتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى  "نىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئازا . لايىق تاللاشقا ئوخشاش ، دوست تاللاشتىمۇ قارشى تەرەپنىڭ تەربىيلىنىش دەرىجىسى  ، قىزىقىشى ، ئىجتىمائىي ئورنى ، ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بىلەن يېققىن ياكى يېققىن ئەمەسلىكىنى ئويلىشىدۇ . ياشلىق مەزگىلىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە جىنسىي پەرق مەۋجۇت . قىزلارنىڭ دوستىنىڭ سانى ئوغۇللاردىن كۆپ بولۇپ ، قىزلار كۆپرەك دوستلىرى بىلەن كۆڭۈلدىكى گەپلىرىنى دىيىشىدۇ ، تېخىمۇ كۆپ بولغان ھېسسىيات جەھەتتىكى قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ . قىزلار دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ ، ئوغۇللار دوستلىرى بىلەن بىللە ئىش قىلىدۇ . قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا ھېسسىيات مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە ، سۆيگىنىگە ، دوستىغا ، ئائىلىسىگە ۋە بالىسىغا بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

    V . كەسپكە ماسلىشىش

    ياشلىق مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن ، جەمىيەت ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ روللارنى ئاتا قىلىدۇ . ئائىلىدە ئەر ياكى ئايال ، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى بولىدۇ ؛ ئىدارىدا يەنە باشقا  پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان روللارنى ئوينايدۇ . ياشلارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىشىدا ، بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي سەۋەپ بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتمۇ كىشىلىك تۇرمۇش بەختىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولىدۇ .

    ياشلارنىڭ خىزمەت ياكى كەسپ تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئاساسلىق 4 خىل : ①  ئائىلە ئامىلى . ئائىلە شەخسنىڭ قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەسپ تاللىشىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ . ②  تەربيلىنىش سەۋىيىسى  ۋە ئەقلىي سەۋىيىسى . تەربىيلىنىش دەرىجىسى يۇقۇرى ۋە ئەقىللىق ياشلارنىڭ خىزمەتتىكى باشلىنىش نۇقتىسى يۇقۇرى بولۇپ ، ئاسانلا ئەمىلى ئۆسۈپ يۆتكىلەلەيدۇ .  ③ جىنسىي پەرق . قىز- ئوغۇللارنىڭ قايسى خىل كەسپ بىلەن شۇغۇللانسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ، جەمىيەتتىكى ئاساسلىق كۆزقاراشلارمۇ قىز -ئوغۇللارنىڭ كەسپ تاللىشىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ .  ④ شەخسىيەت . خولاند (霍兰得  ) شەخسىيەت تىپىنى 6 خىل تىپقا بۆلگەن : رىيال تىپ ، تەتقىقات تىپى  ، سەنئەت تىپى ، ئىجتىمائىي تىپ  ، كارخانا تىپى ، ئادەتتىكى تىپ .

    خىزمەتكە بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى شەخسنىڭ  خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشدىكى رازىمەنلىك دەرىجىسى . نۇرغۇن تەتقىقاتلارنىڭ ئىپادىلىشىچە ، ياشلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە خىزمەتكە قاتناشقان چاغدىكى خىزمەتكە بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن ، ئاندىن تەدرىجى يۇقۇرىلايدىكەن  ، تاكى  پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر بولىدىكەن . بۇنىڭ سەۋەبى ، خىزمەت يىل تارىخى قانچە ئۇزۇن بولغانسېرى كىرىمى شۇنچە        يۇقۇرى بولۇپ ، خىزمىتى شۇنچە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ  ، شەخسمۇ بارغانسېرى ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ .

    ياشلىق مەزگىلىدىكى خىزمەتكە قاتنىشىش جەريانىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ . بىرى تەجرىبە باسقۇچى بولۇپ ، تەخمىنەن 18 ياشتىن 25 ياش ئارىسىدا بولىدۇ . ياشلار شەخسى قىزىقىش ، خاراكتىر بىلەن  خىزمەت ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىدىغان نۇقتىنى ئىزدەيدۇ  ، شۇڭا ، بۇ باسقۇچتا خىزمەتنىڭ ئۆزەۈرىشچانلىقى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ . 25 ياشتىن كېيىن تۇراقلىق باسقۇچ ھېساپلىنىدۇ .

    VI . شەخسىيىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر

    ياشلىق مەزگىلىدە ، شەخسىيەتنىڭ ئومومىي ئۆزگۈرىشى چوڭ ئەمەس ، لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ياشلارنىڭ شەخسىيىتى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ .مەسىلەن "  5 چوڭ شەخىسىيەت " تىكى " ئەسەبىي مىجەز " بىلەن " تاشقى مايىل " لىقتىن ئېرىشكەن نومۇرى تۆۋەنلەپ ، " باشقىلارغا  ياقىدىغان " بىلەن " مەسئۇلىيەتچانلىق " تىن ئېرىشكەن نومۇرى يۇقۇرىلايدۇ . تەتقىقاتلاردىن ئىپادىلىنىشىچە ، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى ، ئۆزىنى قەدىرلىشى ، مۇستەقىللىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يۆنىلىشىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىلاش يۈزلىنىشىدە بولىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;