• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ياشلىق مەزگىلىدىكى پسىخىكىلىق گېگىنا

  • I . توغرا بولغان لايىق تاللاش كۆزقارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش  

    لايىق تاللاشتىكى ئۆلچەملەر كۆپ خىل بولۇپ ، تاشقى ئۆلچەملەر بەدەن قۇرۇلىشى ، تاشقى قىياپىتى ، شەخسنىڭ كىرىمى ، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئىچكى ئۆلچەملەر بىلىمى ، قابىلىيىتى ، خاراكتىرى ، تەربىيلىنىشى ، باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . لايىق تاللاشتا چوقۇم ئىچكى ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك ، چۈنكى ئىچكى ئۆلچەم نىسبىي ھالدا ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ .

    مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر ياكى نىكاھلانغان ئەر- ئاياللار چوقۇم ئۆزارا بىر- بىرىنى ھۆرمەتلىشى ، ئىشىنىشى ، كەچۈرىۋېتىشى ۋە كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك ، بۇ مۇھەببەتلىشىش بىلەن نىكاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ھالقىسى . توي قىلغاندىن كېيىن ئىككى ئادەم چوقۇم ئائىلىنىڭ بەختىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشى ، ئائىلىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى  ،بەختلىك نىكاھنى ساقلاشتىكى  ماھارەتلەرنى ۋە تاكتىكىلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگۈنىشى ، ھەرگىزمۇ توي قىلىپلا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كەتتى دەپ قارىماسلىقى كېرەك .

    ئەگەر مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ئازاپ ۋە ئەلەم ئىچىگە چۆكۈپ كەتمەسلىك ، ئۆچ ئېلىش ۋاستىلىرىنى تېخىمۇ قوللانماسلىق كېرەك . چۈنكى مۇھەببەت بىرلا تەرەپنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس ، " جاھاندا باشقا ئادەملەرمۇ بار " لىقىنى تونۇپ يېتىپ ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن چېنىقىش ، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ ، مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئەخلاقىنى  يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك .

    II . كەسپ تاللاش ئېڭى جەھەتتىكى  مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىپ ، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

    خىزمەت ياكى كەسپ تاللاشتا ئىقتىسادىي كىرىم بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىلا ئويلىماستىن، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ، قىزىقىشىنى ۋە خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ئويلىنىش كېرەك . ئۆزى ماھىر كېلىدىغان ، قىزىقىدىغان ، ئۆزىنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ياكى كەسپنى تاللىغاندا ، ئۆگۈنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى ، خىزمەتكە بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسىنى كۈچەيتكىلى ، كەسپ جەھەتتە بوغۇلۇپ قېلىش تۇيغۇسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ ، بۇ ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم .

    III . كىشىلىك ئالاقە قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، جەمىيەتنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىش

    ياشلار جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، ئۇلار دۇچ كېلىدىغان كىشىلىك ئالاقە  ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكىدىن كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ ، شۇڭا ، كىشىلىك ئالاقە  ماھارىتىنى ئۆگۈنىپ ، كىشىلىك ئالاقە قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ياشلارنىڭ  جەمىيەتكە تېخىمۇ تېز ماسلىشىشىغا پايدىسى بولىدۇ . باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىش ۋە باشقىلارغا سەمىمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى . دائىم قوللىنىدىغان كىشىلىك ئالاقە  ماھارەتلىرى : ①  ياخشى بولغان تۇنجى تەسىرنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ؛② تەشەببۇسكار قىزغىن بولۇش ؛     ③ باشقىلارنى ماختاشنى ئۆگۈنىۋېلىش ؛ ④ ئۆزىگە ئاكتىپلىق بىلەن بىشارەت بېرىش ؛⑤ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقنى تېپىشقا ماھىر بولۇش ؛  ⑥ تەنقىدكە توغرا مۇئامىلە قىلىش .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;