• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىكى پسىخىك تەرەققىيات
  • ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى ( قورامىغا يېتىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى بولۇپ ، ئادەتتە 35 ياكى 40 ياشتىن 60 ياكى 65 ياشقىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسۈتىدۇ . ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش مەزگىلى ، پسىخىك جەھەتتىن تۇراقلىق مەزگىل ، ياشلىق مەزگىلىدىن قېرىلىق مەزگىلىگە ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى مەزگىل . بۇ مەزگىلدىكى پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم تۇراقلىقلىقنى ھەم ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئۆزگۈرىشنى ئىپادىلەيدۇ . ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى 25 يىلدىن 30 يىلغا  بارىدىغان ئۇزاق  بولغان كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدۇر . ئالدىنقى ھەرقايسى باسقۇچلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئايرىم پەرق ئەڭ چوڭ بولىدۇ ، بەزىلەر ناھايىتى يۇقۇرى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ ، بەزىلەر يەنىلا جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە قاتراپ يۈرىدۇ ؛ بەزىلەر نىكاھنىڭ بەختىدىن ھوزۇرلىنىپ يۈرىدۇ ، بەزىلەر نىكاھتىن ئاجرىشىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرىدۇ .


    بىرنچى بۆلۈم     ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈش

    ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات ياشلىق مەزگىلى بىلەن قېرىلىق مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ . ياشلىق مەزگىلى فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات پىشىپ يېتىلگەن مەزگىل بولۇپ، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرغان  مەزگىلى ، قېرىلىق مەزگىل فىزىئولوگىيىلىك توقۇلمىلار بىلەن ئەزالارنىڭ قېرىلىشىش مەزگىلى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىش مەزگىلى ، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى فىزىئولوگىيىلىك پىشىپ يېتىلىشنىڭ داۋاملىشىش باسقۇچى ، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىشىدىن چېكىنىشكە ئۆتۈدىغان بۇرۇلۇش مەزگىلى .

    I . بەدىنىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر

    ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىكى بەدەننىڭ ئۆزگۈرىشى ئاساسلىق بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىدا ، سەمىرىشتە ، چاچلىرىنىڭ تەدرىجى ئاقىرىپ شالاڭلىشىشىدا  ، يۈز قىسمىنىڭ ، بويۇن قىسمىنىڭ  ، بىلەكلىرىنىڭ تېرىسىنىڭ يىرىكلىشىدە  ئىپادىلىنىدۇ  . ھەر خىل سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرىدا ئۆزگۈرىش بولىدۇ ، مېڭە بىلەن ئىچكى ئورگانلارمۇ تەدرىجى ھالدا چېكىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ . ھەر خىل سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرىدىمۇ  ئۆزگۈرىش بولىدۇ .

    II . ياش ئالمىشىش مەزگىلى

    تەرەققىيات پسىخولوگىيىسىدە سۆزلىنىدىغان ياش ئالمىشىش مەزگىلى دىگىنىمىز شەخسنىڭ ئوتتۇرا ياشتىن قېرىلىققا ئۆتۈش جەريانىدىكى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن پسىخىك ھالىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرىش مەزگىلىگە قارىتىلغان . ياش ئالمىشىش مەزگىلىنىڭ يېشى 50 ياش ئەتراپىدا بولۇپ ، ئاياللاردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلى ۋە ئەرلەردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلى دەپ ئايرىلىدۇ ، ئاياللاردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلىنىڭ يېشى ئەرلەرنىڭكىدىن بۇرۇن بولىدۇ . ياش ئالمىشىش مەزگىلى كىشىلىك ھاياتنىڭ قېرىلىققا كىرىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا " ئىككىنچى ياشلىق مەزگىلى " دەپ ئاتىلىدۇ .

    ( 1 ) ئاياللاردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلى

    ئاياللاردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلى ( ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدىن پۈتۈنلەي يوقالغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى ئاياللاردىكى ھەيز كېسىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ . كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىش مەزگىلى 44 ياشتىن 45 ياش ئىچىدە بولۇپ ، ئادەتتە 8 يىلدىن 12 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ .

    ئاياللاردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلى (ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ) نڭ ئالاھىدىلىكى : ئاياللارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى تەدرىجى چېكىنىدۇ ، كۆپىيىش ئەزالىرى ئاستا -ئاستا قورۇلۇشقا باشلايدۇ ،ئانىلىق گورمون ئالمىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان توقۇلمىلار تەدرىجى چېكىنىدۇ ؛ ئۆسۈملۈكسىمان نېرۋا سېستىمىسى قالايمىقانلىشىدىغان بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ ، " ئاياللاردىكى ياش ئالمىشىش مەزگىلى ئۇنىۋېرسال كېسىلى " دە ئىپادىلىنىدۇ ، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ . بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى فىزىئولوگىيىلىك ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، يەنە پسىخىك ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ياش ئالمىشىش مەزگىلى (ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ) ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگۈرىشىدىكى تەبىئىي ھادىسە بولۇپ ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق جەھەتتىن تەڭشەش ئارقىلىق ، يېڭىۋاشتىن جىسمانىي پسىخىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ ، بۇ خىل چوقۇم بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان بۇرۇلۇش مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ .

    ( 2 ) ئەرلەردىكى ياش ئالمىىشىش ( كلىماكتېرك ) مەزگىلى

    ئەرلەردىكى ياش ئالمىىشىش ( كلىماكتېرك ) مەزگىلىدە جىنسىي ئەزالار قورۇلۇشقا باشلاپ ، جىنسىي ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرۇشتىن چېكىنىشكە ئۆزگۈرىدىغان مەزگىل . ئەرلەردىكى ياش ئالمىىشىش ( كلىماكتېرك ) مەزگىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى : جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ؛ ئۆسۈملۈكسىمان نېرۋا خدراكتىرلىك ئايلىنىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ؛ دائىم روھى ھالىتىدە  ۋە كەيپىياتىدا ئۆزگۈرىش پەيدا بولىدۇ .

    ياش ئالمىشىش مەزگىلى ئوتتۇرا ياشلىقلارغا فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىك جەھەتتىكى بەزى توسالغۇلارنى ۋە ماسلىشىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلانرى ئېلىپ كېلىدۇ ، پەقەت بۇنى توغرا تونۇپ ، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلمىي ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ، ئۈمىتۋار ئوچۇق -يورۇق بولغان روھى ھالەتنى ساقلىغاندا ، جىسمانىي پسىخىك جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا يېتىپ ، كىشىلىك ھاياتتىكى " ئىككىنچى ياشلىق باھار مەزگىلى " نى كۈتىۋالغىلى بولىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;