• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىكى بىلىشنىڭ تەرەققىياتى

  • I . سەزگۈ ئىدراكنىڭ ئۆزگۈرىشى

    ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىدا ، سەزگۈ ئىدراك ئەڭ بالدۇر پەيدا بولىدۇ ، ھەم ئەڭ بالدۇر چېكىنىدۇ . ئوتتۇرا ياشلىقنىڭ دەسلەپكى  مەزگىلىدە سەزگۈ بىر قەدەر ئۆتكۈر ۋە تۇراقلىق بولىدۇ ، ئوتتۇرا ياشلىقنىڭ ئاخىرقى  مەزگىلىدە ھەر خىل سەزگۈ ئىقتىدارلىرى چېكىنىشكە باشلايدۇ . ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، كۆرۈش قۇۋۋىتى بىلەن كۆرۈش سەزگۈسى سېزىمچانلىقى تەدرىجى تۆۋەنلەيدۇ ، ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ سەزگۈ چېكىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى يۇقۇرىلايدۇ .

    ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدە ، كۆرۈش سەزگۈسى بىلەن ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چېكىنىدۇ .كۆرۈش ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىنى ئىنكاس ۋاقتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ . ئىنكاس ۋاقتى ياشلىق مەزگىلىدە يۇقۇرى پەللىگە يېتىدۇ ، تەخمىنەن 20 ياش ئەتراپىدا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ، ئوتتۇرا ياش قېرىلىق مەزگىلىدە تەدرىجى تۆۋەنلەيدۇ .

    II . ئەگەر ئەستە قالدۇرىدىغان ماتىرىياللار تونۇشلۇق بولسا ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى خاتىرە تۇراقلىق بولىدۇ ياكى تۆۋەنلىشى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ . لېكىن  ئەگەر ئەستە قالدۇرىدىغان ماتىرىياللار تونۇشلۇق بولمىسا ، ياكى ئەستە قالدۇرۇشتىن ئەسلەشكىچە بولغان ئارىلىق بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا ، ياكى ئەستە قالدۇرۇش جەريانىدا كاشىلا بولسا ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى خاتىرە قابىلىيىتىدە چوڭ كۆلەمدە چېكىنىش بولىدۇ . شۇڭا ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى خاتىرىنى تومتاق ھالدا تۆۋەنلەيدۇ دىيىشكە بولمايدۇ ، بەلكى خاتىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا ياكى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگۈرۈش بولىدۇ . بۇ چوڭلار مەسىلە ھەل قىلىشتا قوللىنىدىغان ئەمەلىي قوللىنىشچان  تەپەككۇرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىردەك بولىدۇ .يەنى يۈزەكى تەپسىلاتلار توغرىسىدىكى خاتىرە قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ ، لېكىن مەنىلىك ياكى باش تېما توغرىسىدىكى خاتىرە قابىلىيىتى تۆۋەنلىمەيدۇ .شۇڭا ، ئوتتۇرا ياشلىقلار خاتىرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ، ئاددى تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بەرمەستىن ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خۇلاسە خاراكتىرلىك ئۇچۇرلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ .

    III . ئىجادىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى

    ئوىشىمىغان كەسپ ساھەسىدە ، ئىجادىي قابىلىيەتتىكى   ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى ئوخشاش بولمايدۇ .تەبىئىي پەن ۋە ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئىجادىي قابىلىيەت ياشلىق مەزگىلىدە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يېتىدۇ ، لېكىن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئىجادىي قابىلىيەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ھەتتا قېرىلىق مەزگىلىدە بولىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;