• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىلىقنىڭ تەرەققىياتى

  • I . ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى

    گەرچە ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى ئايرىم پەرق ئەڭ چوڭ بولسىمۇ ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئوتتۇرا ياش باسقۇچىغا بارغاندا ، خىزمىتى تۇراقلىق بولىدۇ ، ئىدارىسىدە بەلگىلىك خىزمەت تارىخىغا ئگە بولىدۇ ، بالىلىرى چوڭ بولغان ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى يەڭگىللىگەن بولىدۇ ، شۇڭا ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆزىگە ئاكتىپ ۋە رازى بولۇش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ .

    II . شەخسىيىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر

    ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى شەخسىيەت بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ ، بۇنىڭ كونكىرت ئىپادىسى :

    ①  ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ . جويىن ( 荣格   ) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا ، ياشلىق مەزگىلىدىن قېرىلىق مەزگىلىگىچە ، شەخسىيەت ياش ۋاقتىدىكى تاشقى مايىللىقتىن بارغانسېرى ئىچكى مايىللىقا ئۆزگۈرىدىكەن ، يەنى ئوتتۇرا ياشلىقلار ياشلاردەك ئاسان ھاياجانلانمايدۇ ، بىرەر ئىشنى ئويلاشقا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ، بەلكى دىققىتىنى ئىچكى دۇنياسىغا قارىتىدۇ . ② جىنسىي رول جەھەتتە كۈنسېرى ماسلىشىدۇ . ئوتتۇرا ياشلىق  ئەرلەر ئەسلىدىكى ئەرلەرنىڭ خاراكتىرى ئاساسىدا تەدرىجى ھالدا مۇلايىملىق ، سەزگۈرلۈك ، كۆيۈنىش قاتارلىق ئاياللىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادىلەيدۇ ، لېكىن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار تەدرىجى ھالدا كەسكىنلىك ، كەڭ قورساقلىق ، تەشەببۇسكارلىق قاتارلىق ئەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادىلەيدۇ . يەنى ئەرلەر " ئاياللىشىدۇ " ، ئاياللار " ئەرلىشىدۇ " ، بۇ خىل "ئەر- ئايال ئاسسىمىلاتسىيىلىشىش " تەك شەخسىيەت ئادەتتە " مۇكەممەل شەخسىيەت " دەپ قارىلىدۇ .  ③  پسىخىك جەھەتتىن قوغدىنىش مېخانىزىمى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىدۇ  . بارغانسېرى كۆپ ئوتتۇرا ياشلىقلار ئوڭۇشسىزلىققا ۋە توقۇنۇشقا دۇچ كەلگەندە ، كۆپىنچە  يۇمۇرىستىك ، يۈكسەكلىك ، باشقىلارغا پايدىلىق بولغان پىشىپ يېتىلگەن پسىخىكىلىق قوغدىنىش مېخانىزىمىنى قوللىنىدۇ ، ئىنكار قىلىش ، بۇرمىلاش ، چېكىنىش قاتارلىق پاسسىپ بولغان قوغدىنىش مېخانىزىمىنى ناھايتى ئاز قوللىنىدۇ .  ④ باشقىلارغا ۋە شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا بارغانسېرى مۇكەمممەللىشىدۇ . مەسىلىلەرنى تونۇشتا  ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ياشلاردەك ئۆلۈك بولماي ، تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ .

    III . كەسپىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى

    ئېرىكسون ( 艾里克森   ) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ۋەزىپىسى كۆپىيىش ھېسسىياتىغا ئېرىشىپ ، توختاپ قېلىش ھېسسىياتىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت . بۇ يەردىكى " كۆپىيىش " پەقەتلا كاېيىنكى ئەۋلاتلارنى تۇغۇپ بېقىشقا قارىتىلىپلا قالماستىن ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتا كەسپىي جەھەتتىكى تەرەققىياتقا قارىتىلغان . ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى كەسپىي جەھەتتىكى تەرەققىيات ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : ① خزمەتكە بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى . گەرچە كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ يەنە ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ يۆتكەش پۇرسىتى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ  خزمەتكە بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يېتىدۇ . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە كەسپ جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، ئۇلار بۇنىڭدىن رازى بولۇشى كېرەك . نىسبىي ھالدا ئانچە " مۇۋەپپەقىيەت " قازانمىغان ياكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقۇرى بولمىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە بارغاندا ، ياش ۋاقتىدىكىدەك خام خىياللارنى قىلمايدۇ ، ئۆزىنىڭ ئۈمۈت دەرىجىسىنى تەڭشەپ ، خزمەتكە نىسبەتەن خېلى رازىلىق ھېس قىلىدۇ . ② خىزمەت نەتىجىسى . جىسمانىي كۈچكە ۋە ئىنكاس سۈرئىتىگە تايىنىدىغان خىزمەتلەردە ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى خزمەت نەتىجىسى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ ؛ بىلىش ماھارىتىگە تايىنىدىغان خىزمەتلەردە ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ، خىزمەت نەتىجىسى ئىزچىل ھالدا ناھايتى يۇقۇرى سەۋىيىنى ساقلايدۇ .  

    IV . كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگۈرىشى

    ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئائىلىسىدە چوڭلار ( ئاتا – ئانىلىرى ) ، بالىلىرى ( ئۇكا – سىڭىللىرى ، نەۋرىلىرى ) بار ، خىزمەتتە يۇقۇرىسىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك  رەھبەرلىك ، تۆۋەندە قول ئاستىدىكىلەر  بار ، ئادەتتە يەنە دوستلىرى بىلەن بېرىش كېلىش قىلىدۇ ، شۇڭا ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئەڭ مۇرەككەپ بولىدۇ .

    ( 1 ) خزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

    خىزمەت جەريانىدا ، ئوتتۇرا ياشلىقلار خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشقاندا ئاندىن خىزمەتنى ياخىش ئىشلىيەلەيدۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇددىئاسى ئۇلارنى ئىمكان قەدەر خىزمەتنى  باشقىلاردىن ياخىشى ئىشلەشكە  بۇ ئارقىلىق ئەمەلىنى ئۆستۈرۈپ يۆتكەش ياكى مۇئاش قوشۇلۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە  ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا خزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بىر خىل رىقابەتلىشىش بىلەن ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .

    ( 2 ) ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

    ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياشىنىپ قالغان بەدىنى ئاجىز بولغاچقا ئۇلارنىڭ بېقىشىغا ۋە ھالىدىن خىەۋەر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . گەرچە خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ ، كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ياشلىقلار ئاتا – ئانىلىرى بىلەن دائىم ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ . ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ قېينى ئاپا قېينى ئاتىسى بىلەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاسان چىقىشالايدۇ ، لېكىن قېينى ئاپا بىلەن كېلىن ئاسان چىقىشالمايدۇ .

    ( 3 ) پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

    ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە پەرزەنتلىرىمۇ ياشلىق يېتىلىش مەزگىلىدىن مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىشقا باشلاپ ، " پسىخىك جەھەتتىن ئەمچەكتىن ئايرىلىش " نى تەلەپ قىلىدۇ ؛ كېيىن پەرزەنتلەر ئائىلە قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ ، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇشى  نىسبىي ئازىيىدۇ ، ئائىلە " قۇرۇغدىلىنىپ " قالىدۇ ، ئاتا – ئانا بولغۇچىلاردا  ئۆزى سەزمىگەن ھالدا يوقۇتۇپ قويۇش ھېسسىياتى ، زېرىكىش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ .

    ( 4 ) دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

    خاراكتىرىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ سەۋەبىدىن ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى دوستلارنىڭ سانى ياشلىق مەزگىلىدىكىدىن ئاز بولىدۇ ، لېكىن دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى يېققىنلىق دەرىجىسى ياشلىق مەزگىلىدىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ . دوستلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرمىسىمۇ لېكىن دوستلۇق مېھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;