• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى پسىخىكىلىق گېگىنا

  • I . دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ، پسىىىخىكىلىق ھارغىنلىقتىن ساقلىنىش

    ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئائىلە ئىشلىرى ئېغىر ، كىشىلىك مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ ، شۇڭا ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئەڭ ئالدىراش، ئەڭ ھارغىن ، ئەڭ جاپالىق بولىدۇ . دائىم جەمىيەت ، ئائىلە ۋە كەسپتىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق بېسىملار ئىچىدە قېلىپ  پسىخىكىلىق ھارغىنلىق پەيدا بولىدۇ ، بۇ پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش ، روھىنى كۆتۈرەلمەسلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ . پسىخىكىلىق ھارغىنلىقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە ، جىسمانىي پسىخىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ، ئوتتۇرا ياشلىقلار جىسمانىي كۈچ بىلەن ئەقلىي كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ، ھەممە ئىشتا قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ھەم قىلالمايدىغان ئىشلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ ، بىر ئىشلارنى ئۆزىنىڭ قۇربى يېتىشىچە قىلىشى كېرەك . دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى ، ئۇزاق مۇددەت  ئۆزىنىڭ نورمىسىدىن ئېشىپ كېتىدىغان دەرىجىدە  خىزمەت قىلماسلىق  كېرەك  ، " 50 ياشتىن بۇرۇن جاننى تىكىپ قويۇپ پۇل تېپىپ ، 50 ياشتىن كېيىن پۇلغا جاننى تېگىشىدىغان " ئىشنى قىلماسلىق كېرەك .

    II . ياخشى بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى خەۋپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش

    ھازىرقى جەمىيەتتە رىقابەت ناھايتى كەسكىن ، كەسپتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ۋە تۇرمۇشتا بەىتسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، مۇھىمى بۇ ئوڭۇشسىزلىق بىلەن بەختسىزلىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىش قىلالماسلىقتا . بۇنىڭ ئۈچۈن : ① ئوڭۇشسىزلىق بىلەن بەختسىزلىكنىڭ ئومومىيۈزلۈك مەۋقۇتلىقىنى تونۇپ يېتىش ؛  ②  نام  - ئابرويغا بېرىلمەي ،" بىرەر نەرسىگە ئېرىشكەندە  خوش بولۇپمۇ كەتمەسلىك ، بىرەر نەرسىدىن ئايرىلغاندا قايغۇرۇپمۇ كەتمەسلىك "كېرەك .③  " نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇش" ، كىچىك ئىشلار بىلەن ھېساپلىشىپ كەتمەسلىك ، " كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلىسە ، شۇ ئەڭ ياخشى كۈلگەن بولىدۇ ".

    III . ئائىلە بىلەن خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش

    ئائىلە ھېسسىياتنىڭ ماكانى ، خىزمەت سەۋەبىدىن ئائىلىگە بولغان مەجبۇرىيەتكە سەل قارىماسلىق كېرەك . خىزمەت گەرچە ئادەمگە خوشاللىق ئېلىپ كەلسىمۇ ، لېكىن ئائىلىنىڭ بەختى شەخسنىڭ سوبىكتىپ بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى . ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ، چۈنكى ئائىلىنىڭ مۇقىملىقى جەمىيەتنىڭ مڭقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;