• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېرىلىق مەزگىلىدىكى پسىخىك تەرەققىيات
  • قېرىلىق مەزگىلىدىكى پسىخىك ئۆزگۈرۈش كۆزقارىشى

    I. قېرىلىق يوقۇتۇش مەزگىلى كۆزقارىشى

    ئەنئەنىۋى كۆزقاراش بويىچە   ، تۇغۇلغاندىن تارتىپ قورامىغا يەتكىچە ، پسىخىك ئىقتىدار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ ، لېكىن  قېرىلىق مەزگىلىگە بارغاندىن كېيىن چېكىنىشكە باشلايدۇ . بۇ خىل ئۆزگۈرىش پەقەتلا " قېرىلىشىش " دەپ ئاتىلىدۇ ، " تەرەققىيات " دەپ ئاتالمايدۇ .  قېرىلىق مەزگىلى ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئېرىشكەنلىرىنى يوقۇتۇش مەزگىلى  بولىدۇ . بۇ ئاساسلىق " جىسمانىي پسىخىك ساغلاملىقىنى " ، " ئىقتىسادىي ئاساسىنى " ، " ئىجتىمائىي رولىنى " ۋە " تۇرمۇش قىممىتىنى " يوقۇتۇشقا قارىتىلغان . بۇ كىشىلىك ھاياتقا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەزمونلارنىڭ كەينى كەينىدىن يوقىلىشى ،  قېرىلىق مەزگىلىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىك دەپ قارالغان .

    بۇ خىل كۆزقاراش ئەمەلىيەتتە ياشانغانلارنىڭ پسىخىك ئۆزگۈرىشىنى پەقەتلا ئۈزلۈكسىز قېرىلىشىش ۋە چېكىنىش ، تەرەققىي قىلىش يوق دەپ تەسۋىرلىگەن . بۇنىڭ ئاساسى : ①  ئادەمنى بىئولوگىيىلىك جانلىق دەپ قاراپ ، ئۇنىڭ پسىخىك پائالىيىتى ئورگانىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ ، ئورگانىزىمنىڭ چېكىنىشىگە  ئەگىشىپ چېكىنىدۇ ؛  ② پسىخىك تەرەققىيات تاق يۆنىلىشلىك ئىلگىرىلەيدۇ ، كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ ؛     ③ ياش ( ۋاقىت ) پسىخىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى چېكىنىشىنىڭ ئاساسى ، يەنە كېلىپ ئومومىيۈزلۈك قوللىنىلىدۇ .

    II . ئۆمۈرلۈك تەرەققىيات كۆزقارىشى

    بۇنى گېرمانىيىلىك پسىخولوگ بالتېس  (  巴尔特斯 ) قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان . ئۆمۈرلۈك تەرەققىيات كۆزقارىشىنىڭ ئاساسىي كۆزقارىشى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : ① پسىخىك تەرەققىيات ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە سىڭگەن ، بالىلار ياش – ئۆسمۈرلەر تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ياشانغانلارمۇ تەرەققىي قىلىدۇ ؛  ② ئوخشىمىغان پسىخىك ئىقتىدارلارنىڭ تەرەقىقىياتىنىڭ ھالىتىدە ۋە ئۆزگۈرىش سۈرئىتىدە پەرق بولىدۇ ، بالدۇر تەرەققىي قىلغانلىرى ( مەسىلەن سەزگۈ ئىدراك ) بالدۇر چېكىنىدۇ ، كېچىكىپ تەرەققىي قىلغانلىرى ( مەسىلەن لوگىكىلىق خۇلاسە قىلىش ) كېيىن چېكىنىدۇ ؛  ③ پسىخىك تەرەققىيات ھامان ئۆسۈش بىلەن چېكىنىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ ؛ ④ پسىخىك تەرەققىياتتا ناھايتى چوڭ بولغان يەككىنىڭ ئېلاستىكىلىقى بولىدۇ ، يەنى تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ  ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن يەككىنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ ؛ ⑤ پسىخىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق پىشىپ يېتىلىش ( ياش باسقۇچى ) ، جەمىيەتنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى ، ئۆلچەمسىز ئىشلار قاتارلىقلار بار ، بۇ ئۈچىسى ئۆزارا بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسۈتىدۇ . ياش پسىخىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىن بىر ئامىل ئەمەس .

    يەككە پسىخىك تەرەققىياتىنىڭ ئومومىي يۈزلىنىشى بالىلىق مەزگىلىدە تەرەققىيات تېز بولىدۇ ، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدە ئازراق چېكىنىدۇ لېكىن بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدۇ ، قېرىلىق مەزگىلىدە چېكىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;