• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېرىلىق مەزگىلىدىكى بىلىشنىڭ ئۆزگۈرىشى
  • بىلىش پائالىيىتىنىڭ چېكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگۈرىشى قېرىلىق مەزگىلىدىكى پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئومومىي يۈزلىنىشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ، لېكىن ئوخشىمىغان پسىخىك ئىقتىدارلارنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .

    I . سەزگۈ ئىدراكنىڭ چېكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگۈرىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ

    سەزگۈ ئىدراك يەككىنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىدا ئەڭ بالدۇر تەرققىي قىلىدىغان ، ھەم ئەڭ بالدۇر چېكىنىدىغان پسىخىك ئىقتىدار ، چېكىنىشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى سەزگۈ چېكى يۇقۇرىلايدۇ ، يەنى سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ .

    ( 1 ) كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ چېكىنىش

    كۆرۈش سەزگۈسى ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارى تكۋەنلەپ ، كۆزنىڭ كىرىستال لىنزىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى كىچىكلەپ ، كۆرۈشنى تەڭشەش قابىلىيىتى تۆۋەنلىگەچكە  ، ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ ، " كۆز تورلىشىش " پەيدا بولىدۇ . ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چېكىنىشىدىكى ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەپلىرىدىن كۆزگە ئاق چۈشۈش ، سېرىق داغ كېسىلى  ۋە گلاۋكوما قاتارلىقلار بار .

    ( 2 ) ئاڭلاش قابىلىيىتى  تۆۋەنلەيدۇ

    ياشانغانلارنىڭ ئىچىدە ئاڭلاش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدىغانلار كۆپ بولىدۇ .  ئادەتتە ، ئادەمنىڭ يېشى 50 ياشتىن ئاشقاندا ئاڭلاش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ . تىلنى ئاڭلاپ چۈشىنىش قابىلىيىتى ، 29 ياشتىن كېيىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى تۆۋەنلەيدۇ ، 70 ياشتىن كېيىن تۆۋەنلىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ .

    ( 3 ) تەم سەزگۈسى ، پۇراق سەزگۈسى ، تېرە سەزگۈسى تەدرىجى قاشاڭلىشىدۇ

            50  ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، ئادەمنىڭ تەم سەزگۈ غىدىقلىغۇچىسىنىڭ چېكى چوڭىيىدۇ ، تەم سەزگۈسىنىڭ كۆپ خىللىقىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چېكىنىدۇ ؛ 60 ياشتىن كېيىن تەم سەزگۈسىنىڭ پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك چېكىنىدۇ ، 70 ياشتا پۇراق سەزگۈسى جىددى چېكىنىدۇ . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، 60 ياشتىن كېيىن ھەر خىل سەزگۈلەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ .

    II . خاتىرىنىڭ ئۆزگۈرىشى

    ياشانغانلارنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئۆزگۈرىشىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ ، لېكىن خاتىرىنىڭ چېكىنىشىنىڭ سۈرئىتى بىلەن دەرىجىسىدە خاتىرە جەريانىنىڭ ۋە شەخس ئامىلىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن پەرق مەۋجۇت بولىدۇ . ئادەتتە ، چوڭلارنىڭ خاتىرىسى 50 ياشتىن باشلاپ كۆرۈنەرلىك چېكىنىدۇ ، 70 ياشتىن كېيىن چېكىنىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ ، بولۇپمۇ  80 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، خاتىرىنىڭ چېكىنىشى تېز بولىدۇ .

    قېرىلىق مەزگىلىدىكى خاتىرىنىڭ تۆۋەنلىشى خاتىرىنىڭ دائىرىسى ، مېخانىكىلىق خاتىرە ، قايتا تونۇش ۋە ئەسلەش قاتارلىقلارنىڭ چېكىنىشىدە ياكى تۆۋەنلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ . ئۇچۇرلارغا نومۇر قويۇش جەريانىدىن قارىغاندا ، ياشانغانلار خاتىرە تاكتىكىسىنى قوللىنىشقا ماھىر ئەمەس . ئەگەر ئۇلارنى خاتىرە تاكتىكىسىنى قوللقنىشقا ئەسكەرتكەندە ، ئۇلارنىڭ خاتىرە قابىلىيىتى ئانچە ناچار بولمايدۇ . ئۇچۇرلارنى چىقىرىش جەريانىدىن قارىغاندا ، ئەسلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ياشانغانلارنىڭ قايتا تونۇش قابىلىيىتى ئانچە كۆپ تۆۋەنلىمەيدۇ .شۇڭا ، ياشانغانلا نۇرغۇن ئىشلارنى  " بىلىدۇ  " ، پەقەتلا بۇ ئۇچۇرلارنى مېڭىدىن ناھايىتى تېز چىقىرالمايدۇ . ئەگەر ئۇلارنى ئەسكەرتىپ قويسا ، ياكى ۋاقىت ئۇزۇنراق بولسا ، ئۇلار ئەسلىيەلەيدۇ .

    قېرىلىق مەزگىلىدىكى خاتىرە قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ مېخانىزىمى توغرىسىدا ، ئاساسلىق ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار : بىرى ، خاتىرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىنىڭ ئاستىلىشى قېرىلىق مەزگىلىدىكى خاتىرە قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى . يېڭى ئۇچۇرلارنى تىزىملاش، ئۇچۇرلارغا نومۇر قويۇشتىن ئۇچۇرلارنى چىقارغىچە بولغان پۈتكۈل خاتىرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا كېتىدىغان ۋاقىت ناھايىتى ئۇزۇن . بۇنى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قېرىشى پەيدا قىلغان .يەنە بىرى خىزمەت خاتىرىسىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ كىچىكلىشى قېرىلىق مەزگىلىدىكى خاتىرە قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى . خىزمەت خاتىرىسى  كومپىيوتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسىغا تەڭ كېلىدۇ . خىزمەت جەريانىدا كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلار ۋە مەسىلە ھەل قىلىش جەريانىنىڭ ھەممىسى ئىچكى ساقلىغۇچتا تاماملىنىدۇ . گەرچە قاتتىق دىسكىدا ساقلانغان پروگرامما ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچ چەكلىك بولسا ، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە پروگراممىنى ئاچقىلى بولمايدۇ ، ياكى ئىچكى ساقلىغۇچ بىر قەدەر كىچىك بولسا ، پروگراممىنى ئېچىشقا كېتىدىغان ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ .

    III . تەپەككۇرنىڭ ئۆزگۈرىشى

    رىيال تۇرمۇشتا ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ قارار چىقارغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسلىق 60 –50 ياش ھەتتا 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بولۇپ ، بۇ ئۇلارنىڭ يەنىلا ناھايىتى يۇقۇرى بولغان تەپەككۇر قابىلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، لېكىن تەجرىبىخانىدىكى تەجرىبىلەردىن ئىپادىلىنىشىچە ، ياشانغانلارنىڭ  تەپەككۇر قابىلىيىتى ئومومىيۈزلۈك تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى ئىپادىلەيدىكەن . بۇ ياشانغانلاردىكى ئايرىم پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;