• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېرىلىق مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىلىقنىڭ تەرەققىياتى

  • I . پېنسىيىگە چىقىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگۈرىشى

    كۆپ ساندىكى ياشانغانلار قېرىلىق مەزگىلىگە بارغاندا پېنسىيىگە چىقىدۇ ، گەرچە پېنسىيىگە چىقمىسىمۇ ، مەسىلەن " پەخرىي رەئىس " ، " ئۆمۈرلۈك پرافېىسور " بولسىمۇ ، مۇناسىپ بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ياشانغانلار پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ، ئەسلىدىكى كۈن بويى خىزمەت ئۈچۈن قاتراپ يۈرۈشتىن تېنچ ئازادە تۇرمۇشقا ئۆتىدۇ ، بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىر مۇھىم ئىش .

    پېنسىيىگە چىقىشقا ماسلىشىش جەريانىنى 4 مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ : ①  ئارزۇ قىلىش مەزگىلى : پېنسىيىگە چىقىشنى ئىختىيار قىلغانلار  پېنسىيىگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،  پېنسىيىگە چىقىشنى خالىمايدىغانلار ياكى مەجبۇرى  پېنسىيىگە چىققانلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . ②  پېنسىيىگە چىقىش مەزگىلى : يېڭىلا خىزمەت ئورىدىن ئايرىلغاندىكى ناھايتى قىسقا بولغان بىر ئىككى كۈنلۈك  ۋاقىتقا قارىتىلغان . پېنسىيىگە چىقىشنى خالايدىغانلار كەيپىياتى ياخشى ، خوشال – خورام ھالەتتە بولىدۇ ،  پېنسىيىگە چىقىشنى خالىمايدىغانلار غەمكىن ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ .   ③ ماسلىشىش مەزگىلى : پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ، خىزمەت بېسىمىنىڭ تۈگىشى ، مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ ئۆزگۈرىشى ، كىشىلىك مىناسىۋەتنىڭ ئۆزگۈرىشى ، بىر قىسىم پسىخىك تەييارلىقى ياخشى بولمىغان ياشانغانلارنى  گاڭگىرىتىپ قويىدۇ ، ئۇلار نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي ، تىت – تىت بولۇپ ، غەمكىنلىشىپ كېتىدۇ ، بەزىلەردە ھاتتا فىزىولوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولىدۇ ، بۇ " پېنسىيىگە چىقىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى " دەپ ئاتىلىدۇ .  ④  تۇراقلىق مەزگىل : بىر يىل ئەتراپىدىكى ماسلىشىش مەزگىلى ئارقىلىق ، ياشانغانلار ئىدىيىۋى تونۇش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن پېنسىيىگە چىقىشقا  سوغاققانلىق ھەم  ئوبىكتىپ ھالدا  مۇئامىلە قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تەدرىجى ھالدا يېڭى تۇرمۇش تەرتىۋىنى قۇرۇپ ، پېنسىيە رولىغا ماس كېلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرىدۇ .

    II . كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگۈرىشى

    ( 1 ) ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەت

    قېرىلىق مەزگىلىدىكى نىكاھدىن رازى بولۇش دەرىجىسى يەنىلا ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ . گەرچە قېرىلىق مەزگىلىدە يەنىلا جىنسىي تۇرمۇش مەۋجۇت بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئەڭ مۇھىمى ئەمەس . ياشانغان ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۆپ ھالدا بىر خىل ھەمرالىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ ، يەنى بىز جوڭگولۇقلار دەپ كېلىۋاتقان " ھەمرا ، قېرىغاندىكى ھەمرا " . ئوتتۇرا ياشلىق ئەر – ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ياشانغان ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بىر قەدەر ئاز بولىدۇ  ، توقۇنىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىمۇ بىر قەدەر ئاكتىپ  بولىدۇ . ياشانغان ئەر –ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ بىللە تېلىۋىزور كۆرىدۇ ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ ۋە  كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىدۇ ، بىللە بولغان ۋاقتى ئۇزىرىغانچە ، خوشال ھېس قىلىدۇ .

    ( 2 ) پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

    دائىم پەرزەرنتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ، بولۇپمۇ نەۋرە – چەۋرىلىرى بىلەن بىللە بولۇش ياشانغانلارغا  خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ ، لېكىن خوشاللىقنىڭ دەرىجىسى بىللە بولغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرغان ھالەتتىمۇ  ، ئەڭ چوڭ خوشاللىق ھېس قىلىشى ناتايىن . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، پەرزەنتلىرى بىلەن ئارىلىشىش قېتىم سانىنىڭ  ئۇلارنىڭ سوبىكتىپ بەختىيرالىق تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، تۇل ئولتۇرغانلارغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ .

    ( 3 ) دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

    ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ، ياشانغانلارنىڭ دوستىنىڭ سانى ئازىيىدۇ . مۇناسىۋىتى ئەڭ يېققىن دوستى پەقەت ئون نەچچە يىل ئارىلاشقان كونا دوستلىرى بولىدۇ  . گەرچە ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنى نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەن ، مەسىلەن يىمەك ئىچمىكى تۇرالغۇسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن دوستلىرى ياشانغانلارنى باشقا بىر خىل ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئىجتىمائىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ ، مەسىلەن بىللە شاخمات ئويناش . ياشانغانلارنىڭ دوستلىرى بىلەن بىللە بولغاندىكى خوشاللىقى پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە بولغاندىكى خوشاللىقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ ، چۈنكى دوستلىرى بىلەن بىللە بولغاندا ئەركىن بولىدۇ ، لېكىن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە بولغاندا ئۆزى سەزگەن سەزمىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ماس كەلگەن كەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ .

    III . شەخسىيىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر

    ياشانغانلارنىڭ شەخسىيىتىنىڭ  ھەم تۇراقلىق تەرىپى بار ، ھەم ئۆزگۈرىشچان تەرىپى بار ، لېكىن تۇراقلىقلىقى ئۆزگۈرىشچانلىقىدىن كۆپ بولىدۇ .

    ①  خەۋپلىك تۇيغۇسى :  خەۋپلىك تۇيغۇسى ئاساسلىق جىسمانىي سالامەتلىك بىلەن ئىقتىسادىي كاپالەتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ . قېرىلىق مەزگىلىگە بارغاندا  ، بەدەننىڭ ھەرقايسى سېستىمىلىر بىلەن  ئەزالىرىدا ئورگانىك ۋە ئىقتىدار خاراكتىرلىك ئۆزگۈرىش بولىدۇ ، دائىم ھەر خىل كېسەللەر بولىدۇ ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ ، بەدەن ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ ( تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا بۇ تىپتىكى كىشىلەر يېرىم ياكى يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگەللەيدىكەن ) . ئىقتىسادىي كاپالەتتىن ئەندىشە قىلىش ئاساسلىق ، تۇرمۇش كاپالىتى ۋە كېسەلنى داۋالاش ۋە ھالىدن خەۋەر ئېلىشتىن ئەندىشە قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ . ② يالغۇزلۇق ھېسسىياتى : ياشانغانلاردىكى يالغۇزلۇق ھېسسىياتى بىر قەدەر ئومومىيۈزلۈك بولۇپ ، ھەر تەرەپتىن كېلىدۇ . ھوقوقىدىن ئايرىلىشتىن پەيدا بولغان يالغۇزلۇق ، ئاساسلىق پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققان رەھبىرى كادىرلاردا بولىدۇ ؛ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش تۇيغۇسى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كۆپ ساندىكى پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىغا ماسلىشالماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ؛ ئەڭ ئومومىيۈزلۈك بولغىنى ياشانغانلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى ئايرىلىپ قېلىش ھېسسىياتى بولۇپ ، ياشانغانلار خوشاللىقنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە خوشاللىققا ئىنتىلىدۇ ، ياخشى بولغان ئائىلە مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ روھى تۈۋرۈكى بولىدۇ .ئەگەر پەرزەنتلىرى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە سەل قارىسا ، ئۇلار بىلەن ناھايتى ئاز ئالاقىلاشسا ، ئائىلىدىكى ياشانغانلار يالغۇزلۇق ۋە ئازاپ ئوقۇبەتنى  چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ .   ③ ماسلىشىشى ناچار بولۇش : ياشانغانلار يېڭى مۇھىت بىلەن يېڭى ئەھۋالغا ئاسان ماسلىشالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا بولغان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇسۇلى تەدرىجى پاسسىپ بولۇپ ، ئەسلىدىكى ئادىتىنى سېغىنىدۇ ، يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېس قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ . يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگۈنىشىمۇ قىيىن بولىدۇ . تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ .  ④ قورىنىدۇ ، ئۆلۈك ، سۈرئىتى چېكىنىدۇ : ياشانغانلارنىڭ ھەرىكىتى ئۆلۈك كېلىدۇ . ئۇلار ئىشنىڭ توغرا بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، بىخەستىلىك قىلىشتىن  ئەنسىرەيدۇ ، ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىشقا رازىكى ئاز خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ . ⑤  مۇتىئەسسىپ بولىدۇ : ياشانغانلارنىڭ تەجرىبىسى مول ھەم ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەرنى ئاسان چۈشەنمەيدۇ ، كوت – كوت قىلىپ  ، غۇدىرايدۇ . ⑥ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدۇ : ياشانغانلارنىڭ پسىخىك دۇنياسى تەدرىجى ھالدا ئاكتىپلىقتىن پاسسىپلىققا ، تاشقى دۇنياغا قارىتىلىشتىن ئىچكى دۇنياغا قارىتىلىشقا ئۆزگۈرىدۇ .شۇڭا ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدۇ . يېشى قانچە چوڭ بولغانسېرى ، بۇ خىل ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش يۈزلىنىشى شۇنچە روشەن بولىدۇ .

    IV . ئۆلۈمنىڭ يېتىپ كېلىشى

    ئېرىكسون ( 艾里克森   ) نىڭ قارىشىچە قېرىلىق مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇپ ، مۇكەممەللىك ھېسسىياتىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت .بۇ دىگەنلىك ياشانغانلار ئۆزىنىڭ قېرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۆتكەن ئۆمرىنى ئەسلەپ ، ئۆزىنىڭ بۇ بىر ئۆمرىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ، قىممەتلىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى پاسسىپلىق بىلەن باھالاپ ، ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ  . قېرىلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئۆلۈمگە قانداق يۈز تۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت . " تاشپاقا  يىلانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسىمۇ ، ھامان ئۆلىدۇ " ، ئۆلۈم ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاخىرقى بارار جايى . ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەندە ، نۇرغۇن ئادەملەر قورقىدۇ ۋە تەشۋىشلىنىدۇ . پسىخولوگ كۇبلېر. روس (  库伯勒-萝丝  )  ئۆلۈم ئالدىدىكى نەچچە يۈز كېسەللەرنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، ئۆلۈم جەريانىنى 5 باسقۇچقا بۆلگەن : ① ئىنكار قىلىش ؛ ② غەزەپلىنىش ؛ ③  شەرت قويۇش ؛ ④ غەمكىنلىك ؛ ⑤ قوبۇل قىلىش .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;