• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قېرىلىق مەزگىلىدىكى پسىخىكىلىق گېگىنا

  • I . پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشنىڭ تەييارلىقىنى ئالدىن قىلىش

    پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئىدىيە جەھەتتىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ ، پېنسىيەگە چىقىشنىڭ خىزمەت ئورنىنى ياشلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ، جەمىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش . پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش . شارائىتى بارلار ئىمكان قەدەر ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ جىسمانىي كۈچىگە ۋە كەسپىگە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش . شارائىتى يوقلار بىر ئىككى خىل قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ، مەسىلەن بېلىق تۇتۇش ، گۈل بېقىش ، ھۆسنىخىت  يېزىش ۋە رەسىم سىزىشنى مەشق قىلىش  ، مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ، ياشانغانلار ئۇنىۋېرستىتىغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ، بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك .

    II . ھاياتلىق ئۆچمەيدىكەن  ، ھەرىكەت توختىمايدۇ

    ھاياتلىق ھەرىكەتتە . ياشانغانلار ئۆزىنىڭ قۇربى يېتىدىغان بەزى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش كېرەك ،بۇلار  تەنتەربىيە چېبىقىشى بىلەن ئەقلىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش ، تەيجى گۇمپىسىنى مەشق قىلىش ، شاخمات ئويناش ، ئۇسۇل تانسا ئويناش ، كىتاپ گېزىت ئوقۇش ، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىقلار ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندا ، تۇرمۇشىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ ، بۇ ياشانغانلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان قېرىپ كاردىن چىقىش تۇيغۇسىنى ، چۈشكۈنلۈك تۇيغۇسىنى ۋە مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى تۈگىتىشكە ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ۋە چېكىندۈرۈشكە پايدىلىق .

    III . ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش

    ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ، ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش . ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۆزارا بىر بىرىنىڭ  ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، ئۆزارا بىر بىرىنى ھۆرمەتلەش ، كۆپرەك ئىدىيە ئالماشتۇرۇش . پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن ، ئۇلار قورامىغا يەتكەن بولغاچقا ، ياشانغانلار ياشتا چوڭلىقىنى ۋە ستاجىنى پەش قىلماسلىق ، قول شىلتىپ ئاتىكاچىلىق قىلماسلىق ، بۇيرۇق چۈشەرمەسلىك كېرەك ، ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قىممەت قارىشى بولىدۇ ، ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالماسلىق كېرەك . نەۋرە -چەۋرىلىرىگە نىسبەتەن ئۇلارنى ياخشى كۆردۈم  دەپ پىرىنسىپسىز ھالدا ئامراقلىق قىلماسلىق كېرەك .ئائىلە مۇناسىۋىتىدىن باشقا ياشانغانلار يەنە بىر ئىجتىمائىي پائالىيەت قىلىدىغان سورۇنغا ئېھتىياجلىق  بولىدۇ  ، بۇنىڭ ئورنىنى ئائىلە مۇناسىۋىتى باسالمايدۇ . دائىم بەزى كونا دوستلىرى بىلەن ، خوشنىلىرى بىلەن ، بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە پاراڭلىشىپ ، بىللە  پائالىيەت قىلىپ ، باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بەرگەندە ، جىسمانىي پسىخىك تەرەقىياتقا ناھايتى پايدىلىق بولىدۇ .

    IV . ئۆلۈمگە سالماقلىق بىلەن يۈزلىنىش

    ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى،قېرىشى، كېسەل بولۇپ ئۆلۈشىنىڭ قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك . ھەر بىر ئادەم ئاخىرى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىدۇ ، ئاساسلىقى ئۆزى ياشاۋاتقان ھەر بىر كۈننى تولۇق ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ ،            

    پەلسەپەگە ، دىنغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كۆپرەك ئوقۇپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك .ئۆلۈم ئۈستىدە ئويلىنىشنىڭ مەقسىدى ئۆلۈم ئۈچۈن بولماستىن ، بەلكى تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈندۇر .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;