• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قانچە خىل پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى
  • كىلىنكىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئادەتتە ئاددىي پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئايرىم پىسخىكىلىق داۋالاش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.كونكېرت ئۇسۇل بەزىدە چەتئەللەردىكى بەزى ئىلمىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ داۋالاش تېخنىكىلىرىمۇ قوللىنىلىدۇ، مەسلەن: پىسخىكىلىق ئانالىز،خۇلق ھەركەتنى تۈزىتىش،قۇۋۋەتلەش ۋە ئۆزىنى  ئۆزى تەربىيلەش قاتارلىقلار. 1. ئاددىي پىسخىكىلىق داۋالاش ئاددىي پىسخىكىلىق داۋالاشنى ھەرخىل كېسەللەرگە قوللىنىشقا بولىدۇ،ۇ پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ئاساسلىق تېخنىكىسى. ئۇ بىمارلارنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى قۇۋۋەتلەش ۋە كۈچەيتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئۇ بىمارلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ،تەشۋىشلىنىش ۋە ئەنسىزلىكنى ئازايتىدۇ. چۈشەندۈرۈش،رېغبەتلەندۈرۈش،تەسەللىي بىرىش،كېپىللىق قىلىش ۋە ئىشارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار كېلىنكىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ.بۇ ئۇسۇللار ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغىنى چۈشەندۈرۈش. 1) چۈشەندۈرۈش چۈشەندۈرۈش ئاددىي پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ئەڭ .ئاساسلىق ئۇسۇلى،باشقا ئۇسۇللار مۇشۇ ئاساسقا قۇرۇلغان بولىدۇ.كىشىلەر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن،ئۆز كېسىلىنىڭ خاراكتېرگە بولغان تۇنۇشى ۋە چۈشەنچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن،ئاسانلا تەشۋىشلىنىپ بىئاراملىنىش، ۋە جىددىيلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىللە بىمار داۋالاشقا ئاكتېپ ماسلاشمىسا،بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا تىببىي خادىملارنىڭ بىمارغا ۋاقتىدا چۈشەندۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈشەندۈرۈش دىگىنىمىز بىمارلارغا قائىدە سۆزلەپ،ئۇلارنىڭ ئىككىلىنىشلىرىنى تاشلاشقا ياردەملىشىپ،ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ،داۋالاشقا ياخشى شارائىت يارىتىش.چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن،چوقۇم تەپسىلىي ماتىرىيال توپلاپ،ئېلىم-پەن قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن،ئاممىباپ،چۈشىنىشلىك سۆزلەردىن پايدىلىنىپ،پاكىت كۆرسىتىش،قائىدە سۆزلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،كېسەل خاراكتېرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئېنىق سۆزلەش،ھەمدە بىمارلار خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق كېرەك.بىمارلارغا چۈشەندۈرگەندە ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ،ئۇلارنى دوختۇرنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلىشقا زورلىماسلىق كېرەك.بىمارلار دوختۇرنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلالمىغاندا،سۆزنىڭ تىمىسىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىش ياكى خۇلاسىلىماي تۇرۇش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق،بىمارلارنىڭ ئىدىيسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يول قۇيۇش كېرەك. چۈشەندۈرۈشتە يەنە بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى،دوست-بۇرادەرلىرى ۋە تەشكىل رەھبەرلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈش،ھەتتا داۋالاپ ساقايتىلغانلارنىمۇ چاقىرتىپ چۈشەندۈرگۈزۇپ،داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. 2) كېپىللىك قلىش بىمارلار كۆپىنچە ئۆزىنىڭ كېسىلىدىن گۇمانلىنىپ تەشۋىشلىنىدۇ، بۇلۇپمۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، دوختۇرلار ۋاقتىدا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ،تولۇپ-تاشقان ئېشەنچىلىك پوزىتسىيە ۋە قەتئىيلىك بىلەن ، بىمارلارغا كېپىللىك بىرىش،ھەتتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ،بىمارلارنىڭ جىددىيلىش ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى يوقىتىپ،ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. نېرۋا كېسىلى كېپىللىك بېرىشنىڭ ئاساسلىق ئوبىىكتى،بىمارلارنىڭ كېسەل تارىخىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ ۋە زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلىگەندىن كىيىن ئاندىن بىمارلارغا كىپىللىك بىرىلسە ئۇلار قۇبۇل قىلالايدۇ، ئۆز ئالدىغا خۇلاسە چىقىرىش ۋە كېپىللىك بېرىش مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. 3) رېغبەتلەندۈرۈش ۋە تەسەللىي بىرىش رېغبەتلەندۈرۈش ۋە تەسەللىي بىرىش ئاساسلىق بىمارلارنىڭ كەيپىياتى سۇسلىشىپ، روھى چۈشكۈنلىشىپ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆز ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ،ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىشى كۈچىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا قوللىنىلىدۇ.روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا ئىنتايىن ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ.بولۇپمۇ روھىي كىسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىپ،ئۆزىنى چۈشۈنۈش ئىقتىدارى ئەسلىىگە كىلىشگە باشلىغاندا روھىي كىسەللىكتىن خامۇشلىنىش ئەھۋالى كۆرۇلىدۇ(). بۇ خىل كېسەللەرنى چوقۇم تۇرمۇشقا رېغبەتلەندۈرۈپ ۋە تەسەللىي بىرىپ،ئۇلارغا كۆڭۇل بۆلۈپ ۋە يار-يۆلەك بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆز ھال ئەھۋالىغا يىتىدىغان تايانچنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك.ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش،ئشەنچە تىكلەش،ئرادە باغلىشىغا ياردەملىشىپ،كېسەلگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش قابىلىيتىنى ئۆستۇرۇش كېرەك. 4) بىشارەتلىك داۋالاش بىشارەت دىگەنلىك لوگىكىلىق ھۆكۇم قىلماستىن دوختۇرنىڭ سۆزىنى بىۋاستە قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق كىسەل ئالامەتلىرىنى يوقىتىش ئۇسۇلى.دوختۇرنىڭ نوپۇزى،بىلىم سەۋىيسى ۋە داۋالاش ئىقتىدارى،بىشارەتلىك داۋالاشنىڭ مۇھىم شەرتى. بىمارلارنىڭ بىشارەت قۇبۇل قىلىش دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ.بىمارنىڭ بىشارەت قۇبۇل قىلىشى ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى،كېسىلىنىڭ تۈرى،تىببىي خادىملارنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيسى ۋە قوللانغان داۋالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇن بولغان –بولمىغانلىقى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە بىمارلارنىڭ ھىسياتى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ،ئەگەر بىمارلار دوختۇرغا ئشىنىپ ھىسياتى ياخشى بولسا،شەرتسىز بىشارەت قۇبۇل قىلالايدۇ.ئەگەر كەيپىياتى قارىمۇ-قارشى بولسا،شەرتسىز رەت قىلىدۇ.چۈنكى بىمارلارنىڭ كەيپىياتىدا دائىم داۋالغۇش بۇلۇپ تۇرغانلىقتىن،بىشارەت قۇبۇل قىلىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ.ئۇخلاۋاتقان ئەھۋالدا بىشارەتنى ئەڭ ئاسان قۇبۇل قىلىدۇ.بىز بىشارەتلىك داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلىگەندىلا،ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايمىز. بىشارەتلىك داۋالاشنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ،ئاساسلىق تىل،دورا ۋە فېزىكىلىق داۋالاشلار ئارقىلىق ئىشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سۆز بىشارىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،بىمارلارغا چۈشەندۈرۈش،رېغبەتلەندۈرۈش،تەسەللىي بىرىش ۋە كىپىللىك قىلىشلاردا بىشارەت رول ئوينايدۇ، ئەگەر دورا ياكى فېزىكىلىق داۋالاشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە،ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 2. ئايرىم تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن پىسخىكىلىق داۋالاش ئايرىم تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن پىسخىكىلىق داۋالاش دىگىنىمىز، دوختۇرلارنىڭ پىلانلىق ھەم باسقۇچلۇق ئاساستابىمارلار بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان بىر خىل پىسخىكىلىق داۋالاش. ئۇنىڭ مەخسىتى خاراكتېرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قايتىدىن يىتەكچىلىك قىلىپ،كىشىلىك ئالاقىنى ياخشىلاش-كېسەل سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش خاراكتېرىگە ئىگە،شۇڭا ۋاقىت ئۇزاقراق كىتىدۇ.داۋالاشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بىمارلارنىڭ كېسەل تارىخىدىن قول سېلىپ،مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كەڭ توپلاپ،گۇمانلىق ۋە ھالقىلىق مەسىللەرنى چوقۇم تەكشۇرۇپ ئېنىقلاپ،تەپسىلىي ئوبيىكتىپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق،ئىلھام بېرىپ يىتەكلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ،بىمارلارنىڭ كىسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك مېخانېزىمىنى ئىنىقلىشىغا ياردەملىشىدۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا،بىمارلارنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا رېغبەتلەندۈرۈپ،ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلىشىنى كۈچەيتىپ،كېسەللىك ئالامەتلىرنى يېڭىپ،ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇپ،ئاخىرىدا داۋالاش مەخسىتىگە يىتىلىدۇ. بۇ خىل داۋالاشتا كېسەل سەۋەبىنى يوقىتىپ،قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل داۋالاش بىمارلاردىكى كىسەل سەۋەبى ۋە كېسەللىك مېخانېزىمىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا چېتېشلىق بولغانلىقتىن،دوختۇر ۋە داۋالاش ئوبىيكتىلرىغا تەلەپ يوقىرى بولىدۇ. ئۇ دوختۇرلارنىڭ مەخسۇس تەربىيەلەنگەن بۇلۇشى،كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى بۇلۇشى ۋە مەلۇم ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىنى،ھەمدە ئاممىباپ سۆزلەر ئارقىلىق بىمارلارغا چۈشەندۈرۈش قابىلىيتىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ بىمارلاردىن مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيەسى بولۇش،دوختۇرلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇشى ھەمدە داۋالىنىش ئۈمىدى بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىق نىرۋا كېسەللىكلىرى،پىسخىك كېسەللىكلەر ۋە مىجەز توسالغۇغا ئۇچراش ئاساسىدىكى روھىي كېسەللىكلەرگە قوللىنىشقا ئۇيغۇن كىلىدۇ. بۇ خىل داۋالاشنىڭ كونكرت قەدەم باسقۇچلىرى ئادەتتە 3 باسقۇچقا بۆلىنىدۇ: 1) بىمارنىڭ زارىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاش. 2) بىمارلار بىلەن بىللە كېسەل تارىخىنى ئانالىز قىلىپ،بىمارلارنىڭ كېسەلگە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەملىشىش. 3) نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ،داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ،قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 1)بىمارلارنىڭ زارىنى ئەستايىدىل كۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلاش-ئايرىم ئىچكىرلەپ پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ھالقىسى.بىمارلارنى بەھۇزۇر سۆزلەشكە يىتەكچىلىك قىلغاندىن كىيىن،ئىككى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ:(1)بىمارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر تەمىنلىگەن كېسەل تارىخىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؛(2)بىمارلارنىڭ كۆڭۇل ئازادىلىكىنى قولغا كەلتۇرۇپ،دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، پىسخىكىلىق داۋالاشقا پايدىلىق شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ.گەپ ئاڭلاشمۇ بىر خىل سەنئەت،يىتەكلەشكە مايىل بۇلۇش، ئەستايىدىل كۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلاش ھەمدە ھېچقانداق رامكا بەلگىلىۋالماسلىق كىرەك.داۋالانغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنىمۇ تولۇق بىلىشى،ھەمدە ئۇنى داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر قىلدۇرماسلىقى كىرەك. كېسەل تارىخىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇش-بولماسلىقى،بىمارلارغا توغرا دىئاگنوز قۇيۇش،ۋاقتىدا داۋالاش ئۈنۈمى بۇلۇش-بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھازىر نىرۋا كېسەللىكلەر بىلىملىرى ئانچە ئومۇملاشمىغان،مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ تەمىنلىگەن كىسەل تارىخىدا، بەزىلىرى تولۇق ئەمەس ياكى چۈشۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي جەمئيەت ئامىللىرى يۇشۇرۇنغان، چوڭايتىۋېتىلگەن ياكى كىچىكلىتىۋېتىلگەن ئەھۋاللار مەۋجۇد بۇلۇشى مۇمكىن.شۇڭا بىمارنىڭ ئۆزىدىن تەكشۇرۇپ كۆرۇش ھەمدە بىمارنىڭ زار ئېيتقان چېغىدىكى ھىسياتى ۋە پوزىتسىيسىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، بىمارلارنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيتىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئىنىقلاش كېرەك.بەزىدە روھىي كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ پىسخىكىلىق ھەركىتىگە سىرتتىن قارىغاندا،قالايمىقان ۋە بىمەنە كۇرۇنىدۇ،لېكىن ئىچكىرلەپ تەكشۇرگەندىلا،ئۇنىڭ ئىچكى باغلىنىشلىرنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. بىمارلارغا كۆڭلىدىكى گەپ سۆزلەرنى ئېيتقۇزۇش پىسخىكىلىق داۋالاشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ ئىچى ئىنتايىن پۇشىدۇ،بەزىلىرىدە خىيالى تۇيغۇ، خام خىيال ياكى ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاشتەك ئەھۋاللار كۇرۇلىدۇ،شۇڭا ئۇلار دائىم گۇمانلىنىپلا يۇرىدۇ.بەزىلىرى مۇھىتقا ماسلىشالماي تەشۋىشلىنىپ جىددىيلىشىدۇ،كەيپىياتىدىكى بۇنداق زىددىيەتلەر ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ تۇرسا،خۇددى سىڭمىگەن تاماق ھەزىم قىلىش فونكىسىيسىگە تەسىر قىلغاندەك، مېڭە فونكىسىيسىگە تەسىر قىلدۇ،بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ ئچىنى سۈرۈپ،ھەزىم قىلىش فونكىسىيسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش، كەيپىياتىدىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپ-سۆزلەر تۆكتۈرۈلسە،ئۇلار كۆڭۈل ئازادىلىكى ھىس قىلىپ،مەلۇم تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ،كۆپ ساندىكى بىمارلار دوختۇرلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئدىيسىدە كۆپ يىل ساقلىنىپ كەلگەن ئىچ پۇشۇقلىرىنى تۆكۇۋەتسە،كېسىلى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. 2) بىمارلار بىلەن بىرلىكتە كېسەل تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللارنى ئانالىز قىلىپ،بىمارلارنىڭ كېسەللىككە تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەملىشىش. 3) ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش ئاساسىدا،بىمارلار بىلەن بىرلىكتە كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى،سەۋەپ-نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىپ،ئۇنىڭ ئاساسلىق زىددىيتىنى تېپىپ چىقىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ،سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان تەرەپكە بۇرمىلاش كىرەك. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن،چوقۇم بىمارلارنىڭ ئىچكى قارشىلىقلىرىنى يېڭىش كېرەك. بىمارلار ئۆزىنى-ئۆزى كەمسىتىپ ۋە خەتەرلىك ھىس قىلغانلىقتىن،باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە تەنقىدلىشىدىن قورقىدۇ،شۇڭا دائىم ئۆزىنى كەمسىتىش ھالىتىدە تۇرىدۇ،ئۆز ئىدىيسىنى ئىچكىرلەپ سۈرۈشتۈرۈشكە ئۇنىمايدۇ، ھەمدە ئىنكار پوزىتسىيسىدە بولىدۇ. بۇ داۋالىغۇچىلاردىن داۋالاشنىڭ مەقسىتى،ئەھمىيتى،ئەھمىيتى،ئۇسۇلى ۋە كۆرۈلۈش ئىھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى تەكرار چۈشەندۈرۈش،بىمارلارنى چوڭ غەيرەتكە كىلىپ دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاشقا رېغبەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ بىمارلاردىن ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە ئۈچىنجى شەخىس ئورنىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش تېخىمۇ ئوبيېكتىپراق بۇلۇش تەلەپ قىلنىدۇ.ئەگەر داۋالاش جەريانىدا، بىمارلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى كۈنسىرى ئېغىرلاشسا، داۋالاشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قۇيۇپ، تىنىچلانغاندىن كىيىن ئاندىن داۋالاش كېرەك. پىسخىكىلىق داۋالاشنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەپ ھەمدە ئايرىم ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،ئۇزۇن مۇددەت تەربىيە ئىشلەپ قايىل قىلغاندىلا ئاندىن ئۇرۇنلىغىلى بولىدۇ.دوختۇرلارنىڭ كۆپ قېتىملىق تەتقىقاتىدىن ئېرىشكەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان نىسبەتەن توغرا پىكىرلىرى بىمارلارنىڭ پىكىرىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكىچە پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. كىيىنكىسى پەقەت بىمارلارنى رېغبەتلەندۈرۈش ۋە تەسەللىي بىرىش رولىنى ئۆتەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ قىسقا،ئەمما ئالدىنقىسىنىڭ ئۈنۈمى نىسبەتەن مۇستەھكەم. 3)نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ،داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ،  قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك ئايرىم داۋالاشنىڭ ئۈچىنجى باسقۇچىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق: دوختۇر بىمارلارنى ئۆزىدە مەۋجۇد بولغان مەسلە ۋە ئاجىزلىقلارغا قارىتا،ئاكتىپلىق بىلەن چېنىقىپ،داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا رېغبەتلەندۇرۇشى كېرەك. ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئادەتتە ئاڭ- پىكىر،پىكىر قىلىش ئۇسۇلى،مىجەز خۇلقى ۋە تۇرمۇشىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇرۇن ‹ سولچىللىق› خاتا ئىدىيسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا،كىشىلەر روھىي كىسەللىكلىرىنى‹شەخسىيەتچىلىك› كېسىلى دەپ قارىغان،بۇ ئىنتايىن خاتا،لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشتا،بەزى بىمارلارنىڭ پىسخىكىلىق زىددىيتى ئۇنىڭ قىممەت كۆز قارشى،زىددىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بىمارلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۇرۇش، كەڭ قۇرساقلىقى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى تەربىيەلەش ناھايتىمۇ زۆرۈر، بۇ ئارقىلىق ئىنقىلابى ئۈمىدۋارلىق روھىنى ۋە كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە بىمارلارنى تەشكىل ۋە ئاممىغا تايىنىشقا رېغبەتلەندۈرۈپ،كۆپ تەرەپلىمىلىك پىكىر ئاڭلاشقا ئىلھام بىرىش لازىم،بىمارلار مەسىللەرنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئانالىز قىلىشنى ئۈگۈنۈشى،كۆزىتىشى ۋە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نۇقتىئىنەزىرى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى لازىم،ئۆزىنىڭ مىجەزىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇق تۇنۇپ،ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، پايدىسىز تەرەپلەرنى تۈزۈتۈش لازىم،ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ،.ۆز خاراكتېردىكى ئۆزگىرىشنى بىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىش، شۇنداقلا پايدىسىز ئامىللارنى پايدىلىق تەرەپكە ئايلاندۇرۇشى كىرەك.تۇرمۇشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا،چوڭ مىڭىنىڭ رېتىملىق پائالىيەت قانۇنىيتىگە دىققەت قىلىپ،جىسمانىي ئەمگەك، تەنتەربىيە،كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق قاتنىشىپ،تۇرمۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە زىھنىنى سەرپ قىلىپ،ئىجتىمائېي جەمئيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇش كىرەك. چېنىقىش جەريانىدا،دوختۇرنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشىدىن سىرت،بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم قىلىشى داۋالاش ئۈنۇمىنى ئۆستۇرىدۇ. كونكېرت داۋالاش خىزمىتىدە،يۇقىرىقى 3 باسقۇچ يالغۇز بولماستىن، بەلكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك ۋە كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بىز بىمارلارنىڭ زارىنى كۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلىغىنىمىزدا، بىمارلارنىڭ كىسەلگە بولغان كۆز قارشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن،بەزىدە بىمارلار بىلەن بىرلىكتە ئانالىز قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن،يەنە بەزىدە داۋالاش ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە، يىڭى مۇھىم ئەھۋاللار كۇرۇلۇپ قالسا، داۋالاش خىزمىتىنى قايتىدىن باشلاش لازىم. بەزى كېسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپرەك ۋە روھىي ھالىتى ئىنتايىن سەزگۈر بولغان بىمارلارنى، بىز مۇشۇنداق سىستىمىلىق ۋە پىلانلىق داۋالىشىمىز لازىم.

    a



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;