• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس
  • ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئويلىنىشقا ئادەتلىنىڭ ، بىر قەدەم ئىلگىرلەشتىن ئاۋال كەينىڭىزگە بىر قەدەم يېنىپ تۇرۇپ پۈتكۇل ئومۇمىيەتنى ئوبدان تەھقىقلەڭ ، ئالدىراپ – سالدىراپلا ئىشلارنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭ ، كاللىڭىزدا بېشى قانداق ، ئاخىرسى قانداقلىقىغا قارىتا سان بولسۇن ۋە شۇ بويىچە ھەرىكەتلىنىڭ .

    بەزىدە نەپىس بېسىپ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن باشلىغان ئىشتىن چېچەك چىقىپ سۇغا چىلاشسا ، بىچارىلەرچە شۇمشىيىپ ، (ئەسلىدە ھەممىسىنى جايىدا بىجىرىشكە تامامەن قۇربىم يېتەتتى ، مۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى ) ديىشلىرىمىز بار. ئولىمپىكتە غالىبلىق كەمىرىنى باغلاشنى نىيەت قىلسىڭىز ، ھەممە خىل ئېھتىماللىقلارنى ئالدىڭىزغا قۇيۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭ . بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۇچۇن نېمىلەرنى قىلماق كېرەك ؟ ئالدىدا نېمىنى ، ئۇنىڭدىن كېيىن نىمىنى ؟ سىزدىن نىمىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ ؟ ئاقىۋەت قانداق بولار ؟ پۇتكۇل جەريان سىزگە پايدىلىقمۇ ئەمەس ؟ شۇنداق بولدىكەن ، قىنى مېڭىڭ ، يولىڭىز ئاق بولسۇن ، ئولىمپىكتا غەلبە قازىنىش ۋە مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ياخشى تەييارلىق قىلىشنى ئويلىسىڭىز ، قاتتىق تۇزۇم بىلەن جاپالىق چىنىقىشىڭىزغا ھەتتا چىدىغۇسىز ئېغىر مەشىققە بەرداشلىق بىرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ . قەھىرتان قىشنىڭ سوغۇقى ، زىمىستان يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىغا ، ھەرىكەت ، تاماق ، يۇرۇش – تۇرۇش جەھەتتىكى قاتتىق پەرھىزلەرگە ئەمەل قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ . يېتەكچىنىڭ بۇيرۇقىغا دوخـۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنغاندەكلا ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك . مۇسابىقىگە قاتناشقان تەقدىردىمۇ ، يىقىلىپ چۇشۇشىڭىز ، يارىلىنىشىڭىز ، تۇپا – تۇمانغا مىلىنىپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن ، ھەتتا تۇيۇقسىز زەربە – ۋۇجۇمغا ئۇچىرشىڭىزمۇ ھەم مۇمكىن .

    يۈز بېرىش مۇمكىن بولغان بارلىق ئېھتىماللىقلارنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ ئىشەنچىڭىز يەنىلا شۇنچە كۈچلۇك بولسا ، ئۇنداقتا تەييارلىنىڭ ، مۇسابىقىگە قاتنىشىڭ ، پۇتكۇل بارلىقىڭىزنى ئاتاپ تۇرۇپ ، ھەممە ئېھتىماللىقلارنى ئويلىشىڭ ۋە ئۆزىڭىزنى ئىچ پۇشۇق ، خۇمارىنى چىقىرىش ئۇچۇنلا يىغلىغان ئويۇنپەز ھەۋەسكارلاردىن كەسكىن پەرىقلەندۇرۇڭ ، قەتئىي بۇلۇڭ ، يېرىم يولدا بەل قۇيۇۋەتمەڭ ، بولمىسا بەزىدە چېلىشنى ، بەزىدە جەڭچى ، بەزىدە سازەندە ، كەمەك ھەييار قىياپىتىدە پاسسىپ ئويناپ يۇرىدىغان ھاماقەت بالىغا ئوخشاپ قالىسىز .

    پۇتكۇل زىھنىڭىز بىلەن بېرىلمەي تۇرۇڭ ، بىز بەرىبىر ئاجىز بەندىمىز ، تەڭرى ھىممەت قىلىپ بەرگەن ئىقتىدارىمىزنىمۇ تولۇق ئىشقا سالالمايمىز . بەزىلەر مايمۇندەك كۆزىگە نىمە چىرايلىق ، يېڭى ئۆزگىچە كۆرۇنسە شۇنى دوراپ باقىدۇ ، يېڭىلىق تۇيغۇسى خىرەلەشسىلا ، ئۇلارنىڭ ھەۋەس گۇلخانلىرى لاپپىدە ئۆچىدۇ ، ۋەھالەنكى ، ئۇلارنىڭ يۇقىتىىغان تۇلەيدىغىنى مىسلىسىز زور بەدەلدۇر .

    (روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ، ئەگەردە تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتاپنى سىتىۋىلىپ ئۇقۇڭ )



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;