• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۆزىڭىزگە ئەمەلىي قاراڭ

  • ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىڭىزنى ئوبدان دەڭسەڭ ، سىزدە راستىنلا مۇسابىقىگە قاتناشقۇدەك ساپا سالاھىيەت ھازىرمۇ ؟ ئالايلى ، چېلىشچىلارنىڭ بەل – مۈرە ، يوتىلىرى بەردەم بولۇشى كېرەك . مۇسابىقىلىشىپ داڭ قازانغۇدەك كۈچىڭىز ۋە بەدەن سۇپىتىڭىز بارمۇ – يوق ؟ چىمپىيۇنغا ئايلىنىش ياكى مەلۇم بىر ئىشنى قالتىس بېجىرۋىتىشنى ئارزۇلاش بىلەن ئەمەلدە ئۇرۇنداش ، ئۇرۇندىغاندىمۇ قىيامىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنداش باشقا – باشقا ئىش ، بىراۋ قىلغاننى يەنە بىراۋ بەلكىم ئوخشىتالماس .

    مەلۇم بىر ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىزدىن بەلگىلىك ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن يەنە بەلگىلىك بەدەلمۇ سورايدۇ . ئەگەر سىز پاراسەت ۋە مەنىگە باي ھاياتنىڭ ساھىبقىرانىغا ئايلىناي دىسىڭىز ، كالىدەك يەپ – ئىچىپلا كۈن ئۆتكۇزۇپ يۈرىۋەرسىڭىز بولامدۇ ؟ يەنە شۇنداق ئەرزىمەس ئىشلارغا چىچىلىپ كۈن بويى خاپىلىغان يۇرىۋىرەمسىز ؟ بولمايدۇ ، ھاياتتىن ھېكمەت ۋە ئەھمىيەت قۇغلىشىشنى مەقسەت قىلدىكەنسىز ،ئۆزىڭىزگە ئاز – تولا مىھنەت قىلمىسىڭىز بولماس . ساغلام بولغىغان غالجىر ئىستەكلىرىڭىزگە ۋە ئالدى – ئاخىرىنى ئويلاشمايلا ئىنكاس قايتۇردىغان ناچار ئادەتلىرىڭىزگە چەك قۇيۇڭ . كىملەر بىلەن باردى – كەلدى قىلىۋاتىسىز ، ئۇلار ئارىلىشىپ ئۆتۇشكە ئەرزىگۇدەك كىشىلەرمۇ ، ئۇلارنىڭ قاراش ، ھەرىكەت ئادەتلىرى سىزنى ھىدايەت تامان يېتەكلەمدۇ ياكى سىزنى تېخىمۇ گۇمراھلىق پاتقىقىغا ، چاكىنا تۇرمۇش قاينىمىغا سۆرەمدۇ . بۇلارنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇڭ ، ھىكمەتلىك ھايات كەچۇرۇشمۇ باشقا ئىشلارغا ئوخشاشلا بىزدىن ئەجىر – مېھنەت تەلەپ قىلىدۇ . بەلكىم سىز كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچىرشىڭىز ، ھەتتا ھاياتنىڭ خىزمەت ، ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە قانۇنىي ھوقۇق دېگەندەك سەينالىرىدا چىدىغۇسىز قىيىنچىلىققا چۇشۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن .

    مەنىلىك ياشاشتا ، ئۆمزىرڭىزدە دۇچ كېلىدىغان ھەممە دۇقاننى ئوبدان ئېنىقلاپ ، ئاندىن ھىچنىمىدىن قۇرۇقماستىن ئۆز نىشانىڭىزغا ئاتلىنىڭ ، تىنىچلىك ، ئەمىنلىك ئۇچۇن كېرەكلقك بەدەلنى تۆلەشتىن ئايانماڭ ، ئۆزىڭىزگە لىللا باھا بىرىڭ ۋە ماس كەلمەيدىغان ، قۇربىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئۇرۇنۇپ ، ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۇرمەڭ ، سىزگە ماس يولدا مېڭىڭ .

    ماس كەلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى مەنسەپدار ، سىياسىئون ، باشلامچى ياكى ئاللىقانداق نېمىدۇر بىر نەرسە بولىمەن دەپ قيناپ ، ئەخمەق قىلىپ يۇرمەڭ . بۇلار ھەم تۇراقسىز ،ئالدامچى ئالۋۇندۇر . مەيلى ئۆز مەيلىڭىزنى تارتىپ كۆزىڭىزنى قانچە غەلەت قىلمىسۇن . جاھاننىڭ تۆت بۇرجىكىگە توختىماستىن قاتراپ يۇرۇپ مەنىنىك ، سەمەرىلىك ھاياتقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس .

    سىز ياخشى ياكى يامان ، بىر خىللا ئادەم بولالايسىز . يەنە ئالدىڭىزدا پەقەت ۋە پەقەت ئىككىلا يول بار ياكى ئەقىل پاراسەتنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ ھەقىقەتنى ياقلاپ ياشايسىز ۋە ياكى سىزگە ماس بولمىغان سىرتقى ھادىسىۋى نەرسىلەرگە مەپتۇن بۇلۇپ ياشايسىز . تاللاش سىزگە پەقەت سىزگىلا قالدۇرۇلغان ، ئىچكى دۇنيارىڭىز – روھىڭىزنى ئىسلاھ قىلسىڭىزمۇ ، شۇنداقلا ھاياتىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز تاشقى نەرسىلەر بىلەنلا ئېتىشىپ ئۆزلۈكىڭىزنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز ، يەنى ئاقىل بولامسىز ، باتىلمۇ ، ئۆزىڭىز تاللاڭ .

    (روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ، ئەگەردە تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتاپنى سىتىۋىلىپ ئۇقۇڭ )


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;