• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مەسئۇلىيەت كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتتە ئەكىس ئېتىدۇ
  • سىز بۇ كۈللى كائىناتتىكى يەككە – يىگانە بېرلىك ئەمەسسىز ، بەلكى كائىناتنىڭ ئۆزگىچە ، ئايرىلماس بىر قىسمىسىز . ئەستە چىڭ ساقلاڭ ، بىز ھەممىمىز مۇشۇ بۈيۈك ، مۇرەككەپ ، قانۇنىيەتلىك مۆجىزىگە باي دۇنيانىڭ زەررىلىرىمىز .بۇ سىر دۇنياسىدىن ئۆزىڭىزنى قانداق تاپىسىز ؟ كىملەر سىزگە قانداق قارايدۇ ؟ باشقىلار بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋىتىڭىزنى ئېنىقلاڭ  ، تەتقىق قىلىڭ . بىز شۇندىلا ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاڭقىرالايمىز ۋە بۇ كۈللى ئالەمدىكى ئۆرنىمىزنى تاپاليمىز . بىزنىڭ بۇرچىمىز ئائىلە ، خۇلۇم – خۇشنا ، خىزمەت ئورنى ۋە شۇنداقلا بىز تەۋە بولغان توپ ئىچىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدىن ئەكىسلىنىپ چىقىدۇ . دادا ، ئانا ، بالا ، قۇشنا ، پۇقرا ، باشلامچى دېگەندەك سىز ئويناۋاتقان تۈرلۈك رول ۋە ئۇلار پۈكلەيدىغان مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەتنى پات – پات ئېسىڭىزگە سېلىپ ئادەتلىنىڭ . كىملىك ۋە بۇرچىڭىزنى ئاڭقىرالىسىڭىزلا ، نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىپ قالىسىز .

    بالا ئىكەنسىز ، ھېسيات ، ئەقىل ، ئەمەلىيەت جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت تەبىئىيلا گەدىنىڭىزگە چۇشىدۇ . ئاتا – بالىلىق رىشتى بىر – بىرىڭلارنى مەڭگۇ باغلاپ تۇرىدۇ . ئۇلارنى قەدىرلەش ، تەنبىھلىرىگە قۇلاق سىلىش ، گەپ – سۆزىنى ئەستايىدىل تىڭشاش ، ھۆرمەتلەش تەبىئىيلا ،مەجبۇرىيىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ .

    مۇبادا ، پەرەز قىلايلى ، ئاتا بولغۇچى مەكتەپ يۈزى كۆرۇپ باقمىغان قارا قۇرساق ، ئىش ئۇقماس ، قۇپال ، سەل – پەل پالاكەت ۋە ھەتتا پىكىر قاراشتا سىز بىلەن زىت بولۇپ قالسا قانداق قىلىسىز ؟ بىلىڭ ، سىزنىڭ غايە – ئىستىكىڭىز بويىچە سىزگە دادا سەپلەپ بېرەلمەيدۇ ، بەلكى سىزگە ئىش قىلىپ بىر دادا بېرىلىدۇ . پەرزەنتلىك ئورنىڭىزدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، ئۇنىڭ دادىڭىز بولۇشىنىڭ ئوزىلا مۇھىمدۇر . خارەكتىرى ، ئادىتى ، مىجەزى دىگەنلەر ھامان ئىككىلەمچى نەرسىلەردۇر . ئادەم ، مۇھىت بىزنىڭ ئىرادىمىز بۇيىچە يارىتىلمايدۇ . دىتىڭىزغا ياقسۇن – ياقمىسۇن ، ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز بۇلۇپ يارىتىلغان ئىكەن ، دېمەكچى ئۇ دادا ! ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىڭىز شەرت بولغان بۇيۇك سېيما ! بوي ئېگىڭ ، قان – قىرىنداشلىقىڭىز سىزگە تۇزۇك چىراي ئاچمامدۇ ؟ ئۇنداق بولسا نىمە بۇپتۇ ؟ ئۇلارغا بولغان ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىڭىزنى تونۇش ۋە ساقلاش سىزنىڭ ھەققىڭىز ، ئۇلارنىڭ نىمە قىلىشى مۇھىم ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ ئالىجاناپ پەزىلىتىڭىزنى ئىزچىل ساقلاش – ساقلىيالماسلىقىڭىز ئەڭ مۇھىم . ۋىجدانىڭىزنى تەبىئەتنىڭ ھۆكىمى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ياشاڭ . مانا شۇلا ئەمىنلىككە يېتەكلەيدىغان يولدۇر . باشقىلار نىمە دېسە دەۋەرسۇن ، بۇ سىز بىلەن تامامەن مۇناسىۋەتسىز . سىز ھەم ئۇنى كونتىرۇل قىلالمايسىز ، دۇنيانىڭ ئىشلىرى يۈكسەك ئەقىل ۋە ھېكمەتنىڭ سەمەرىسى ، چۇشەنسىڭىز .

    نىيەت – ئىقبالىڭىز ۋە ئەمەلىڭىزنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بەندىلىك سۈپىتىدە ياشاپ ئۆتەي دىسىڭىز ، باشقىلارنىڭ ئۆسەك گەپ  - سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماڭ ، ئۇلار ئەڭ قەبىھ بولغاندىمۇ بىچارىلەرچە مەسخىرلىك كۈلۇپ قۇيۇشىدۇ شۇ .

    تەلۋىلەردىن باشقىسى سىز خالاپ يول قويمىسىڭىزلا سىزگە ئازار بېرەلمەس ، ھەتتا ئۇ ئاتا – ئانا ، قېرىنداش ، ئۇستازىڭىز ، خۇجايىنىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ، مەنىۋى جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراپ كەتمىسىڭىزلا باشقىسىدا گەپ يوق ، بۇ ساقلىنىش تامامەن مۇمكىن ئىش .

    كىشىلەر كۆپىنچە ئەركىنلىكنى قانداقتۇر كەيپىياتنىڭ سازلىقىدا ياكى كۆڭۇل خالىغاننى دەپ خاتا چۇشىنىۋېلىپ ئۆز – ئۆزىنى ئالدايدۇ . ھېسياتنى دەممۇدەم ئەقىل – ئىدراكنىڭ گەجگىسىگە مىنگىشىۋالدىغانلار ئەمەلىيەتتە ئارزۇ – ئىستەكنىڭ قۇللىرىدۇر . مۇنداقلار قاچان كېلىشى نائېنىق بولغان مۇقەررەر بېسىم ۋە رىقابەتكە قارىتا كۆپىنچە تەييارلىقسىز قالىدۇ _ دە ، جىددىي پەيىتلەر يېتىپ كەلگەندە ھۇدۇقۇپ نېمە قىلارىنىمۇ بىلەلمەيدۇ .

    ھەقىقىي تىنىچلىق بىز ئۇچۇن چوڭ شەرتتۇر . ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن بولغان تۇپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۇشىنىدىكەنمىز ، ئەركىنلىك چۇقۇمكى ئالقىنىمىزدا .

    (روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ، ئەگەردە تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتاپنى سىتىۋىلىپ ئۇقۇڭ )


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;