• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • نېرۋا كېسىلى (ئەسەبىيلىك)، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە روھى كېسەل (سەۋدايىلىق) نىڭ پەرقى
  •   ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر نېرۋا كېسەل بىلەن روھى كېسەلنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، مەيلى نېرۋا كېسەل بولسۇن ياكى روھى كېسەل بولسۇن بىزدە ئورتاق "ساراڭ" دەپ بىرخىللا ئاتاش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ زاماندا خىزمەت بېسىمى، ئۆگىنىش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ياكى ئۆزىمىز پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىمىز، پىسخىكىلىق بىلىملەرگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز، ئۆزۈم كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن كېسەللىكلەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئازراق بىرنەرسە دېگۈم كېلىپ قالدى.

    1. نېرۋا كېسىلى (神经病): نېرۋا كېسىلى بولسا، نېرۋا سېستىمىسىدا يۈز بەرگەن ئورگانىزىم خارەكتىرلىك كېسەللىك. نېرۋىلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نېرۋا سېستىمىسىنى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋىلارنىڭ ئېدارە قىلغان ئوبىيكىتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن نېرۋا سېستىمىسىنى يەنە تەن نېرۋىسى ۋە ئىچكى ئەزا نېرۋىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋا كېسىلى بولسا، مەركىزى نېرۋا ۋە ئەتراپ نېرۋىسى ياكى ئىچكى ئەزالار نېرۋىسى ۋە تەن نېرۋىسى ئىپادىلىگەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقىسى نورمال بولماسلىق، تىترەش، يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، بەدىنىنىڭ يېرىمى سەزمەسلىك، پارالىچ، مۆچىلەر ئۇيۇشۇش، تارتىشىپ قېلىش، ھۇشىدىن كېتىش، چوڭ - كىچىك تەرىتىنى باشقۇرالماسلىق، مۇسكۇل يىگىلەش ياكى كۈچسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلىك كۆرىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىرقىسىم نېرۋا كېسەللىرىدە بەلگىلىك دەرىجىدە روھى نورمالسىزلىقلارمۇ بىللە كېلىدۇ، بىراق بۇنداق روھى نورمالسىزلىقلارنىڭ روھى كېسەللەردىكى روھى نورمالسىزلىق بىلەن يەنىلا پەرقى بولىدۇ.

    2. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى (神经症): نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى يەنە نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى، پىسخىك كېسەل ياكى روھى جەھەتتىكى نېرۋا كېسەل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر تۈركۈم روھى توسالغۇلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلىنى پىسخىكىلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن سۇبىيكتىپ تۇيغۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ، مۇناسىپ ھالدىكى ئورگانىزىم خارەكتىرلىك زىيانغا ئۇچراش مەۋجۈت بولمايدۇ؛ ئۆزىنى بىلەلەيدۇ، ئۆزىدىكى بىنوماللىقلارنى ھېس قىلالايدۇ، ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    3. روھى كېسەل (精神病): روھى كېسەل بولسا ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق توسالغۇ بولۇپ، كېسەل بولغۇچىنىڭ تونۇشى، تۇيغۇسى، ئىرادىسى، ھەرىكەت - قىلىقلىرى قاتارلىق پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇزاققا سوزۇلغان بىنورماللىق ئىپادىلىنىدۇ، نورمال ئۆگىنىش - خىزمەت قىلالمايدۇ، تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ، ھەرىكەت - قىلىقلىرى ئاسانلىقچە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىشىلەرگە غەلىتە، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىلىنىدۇ؛ كېسەللىك ھالىتىدىكى پىسخىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ياكى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش، زەخمىلەندۈرۈشتەك ھەرىكەتلەردە بولىدۇ؛ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى بىلمەسلىك كۆرىلىدۇ، كېسەل بولغۇچى دائىم ئۆزىنىڭ روھى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، ئۆزىنىڭ پىسخىكىسى ۋە قىلىقلىرىنى نورمال دەپ قارايدۇ، داۋالاشنى رەت قىلىدۇ. روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاساسلىقى روھى پائالىيەتلەر نورمال بولماسلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەش، نورمالسىز بولغان يىغلاش - كۈلۈش، بەزى ۋاقىتلاردا تام ياكى ھاۋاغا قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ كىملەرنىدۇ تىللاش، كىيىم - كېچىكى رەتسىز بولۇش، ھەتتا يالىڭاچلىنىۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;