• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئـۇيـقـۇ ۋە چـۇش ھەقـىقىـدە
  • ئۇيقۇ ۋە چۈش ئالەم سىرلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ،ئەلمىساقتىن بىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيقۇ ۋە چۈش مىخانىزىمىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرلىشى بىر قەدەر تىز بولماقتا .ئۇيقۇ  ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇ ۋە ئىتتىك دولقۇنلۇق ئۇيقۇ دەپ ئىككى خىل ۋاقىت جەريانىغا بۈلنىدۇ .

    ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇدا مېڭە ئىلىكتىر دولقۇنىدا ماس قەدەملىك ئاستا دولقۇن كۈتۈرلىدۇ .كىچىدىكى ئۇيقۇنىڭ كۆپ ۋاقتى بۇ خىل ئۇيقۇ ھالىتىدە بۇلىدۇ .تىز دولقۇنلۇق ئۇيقۇ مىڭە ئىلىكتىر دولقۇنىدا ماس قەدەملىك تىز دولقۇن كۈتۈرلىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدە تىز دولقۇنلۇق ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيقۇ ۋاقتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگشىپ ،چوڭىيىپ بارىدۇ. چۈش كۈرۈش ئادەم مىڭىسىنىڭ نورمال پائالىيتى بۇلۇپ ئۇ ئادەم مىڭىسىنىڭ ئۇخلاش ھالىتىدە تۇرغاندىكى مەلۇم بۈلىكىنىڭ ۋە مەلۇم قىسمىنىڭ قوزغىلىش پائالىيتىدىن ئىبارەت .

    ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى چۈش كۈرىدۇ.لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر چۈشىنى ئەسلىيەلمەيدۇ،شۇڭا مەن چۈش كۆرمەي ئۇخلىدىم دەيدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

    بەزىلەر چۈش بەلكىم ئادەم مىڭىسىنىڭ بىر خىل خىزمەت تەرتىپى بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ ،كۈندۈزى قۇبۇل قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىتا شاللاش ئېلىپ بارغان ،چۈش بىر خىل سىرلىق پىسخىكىلىك ھالەت بۇلۇپ ،فىرانسىيە ئەدىبى ۋولتىر ئۇخلاۋىتىپ يازماقچى بولغان بىر شىئېرى ئۈستىدىكى مۇلاھىزە -پىكرىنى ئويلىنىپ بولغان .گىرمانىيە خىمىيە ئالىمى كىيىككوللىر بىنزول مولىكولىسىنىڭ ھالقىسىمان تۈزلىشىنى چۈشىدە بايقىغان .

    چۈش بەزىدە ناھايىتى غەلىتە بۇلىدۇ،ئەمما چۈشنى شەكىللەندۈرگەن بارلىق مەزمۇنلار  شەخىس  ئۈزى باشتىن كەچۈرگەن شەيئىلەردىن ئىبارەت ،شۇنىڭ ئۈچۈن چۈش يەنىلا ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ  ئىنكاسى ،تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشى ۋە بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرمۇ چۈشنى پەيدا قىلىدۇ ،دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى يامغۇر يېغىۋاتقان چۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ،ئۇخلىغاندا قولنى كۆكرەككە قۇيۇش نەتىجىسىدە ئادەم قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۈرۈشى مۇمكىن .  




    مەنبە :پىسخولوگىيە(ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك)  




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;